قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (11)

0:00 / 0:00

ئون بىرىنچى قىسىم: رازۋېدكا سېپىدىكى «ئۆلمەس توختىمەت»

1945-يىلى 11-ئاينىڭ 31-كۈنى تاڭ ئاتارغا يېقىن جەنۇبتىكى «تاغ ئىنقىلابچىلىرى» نىڭ ئالدىن يۈرەر زەربىدار قىسىملىرى قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئەتىسى، يەنى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى قاغىلىق ناھىيە بازىرىنى ئازاد قىلىدۇ. قاغىلىق ئۇرۇشى مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ، ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىدە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىگە ئولتۇرغان مەزگىللەردە ئېلىپ بېرىلغان چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ بىرى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تاشقورغان ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرى ۋادىسىنى بازا قىلغان مىللىي قىسىم پوسكام ۋە يەكەننى ئازاد قىلىشنىڭ جىددىي تەييارلىقىنى قىلىدۇ. 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى لەشكەر پولكىنىڭ قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى باش شتابى ياش نىزامىدىن ئەپەندىنى پولك تەركىبىدىكى 9 كىشىلىك ھەربىي رازۋېدكا ئەترىتىگە يۆتكەيدۇ. 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىدە نىزامىدىن ئەپەندى 2 ئېشەككە ئوتۇن ئارتىپ «ئوتۇنچى» قىياپىتىدە گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق مۇداپىئەسى ئاستىدىكى پوسكام بازىرىغا يوشۇرۇنچە كىرىدۇ.

پوسكامدىكى گومىنداڭنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىنى رازۋېدكا قىلىپ مۇھىم ئاخباراتلارغا ئېرىشكەن نىزامىدىن ئەپەندى ئەتىسى، يەنى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە ئەھۋالنى پولك شتابىغا دوكلات قىلىدۇ. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە مىللىي قىسىم پوسكام ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. دەككە-دۈككىدە قالغان گومىنداڭنىڭ پوسكام ناھىيە بازىرىدىكى يۈزدەك قوراللىق كۈچى ئۇرۇشمايلا قاچىدۇ. ئۇلار قېچىش جەرياندا يەكەن دەريا كۆۋرۈكىگە ئوت قويۇۋېتىپ، يەكەن سېپىلى ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پوسكام بازىرى ئازاد بولىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە قارىغاندا، مىللىي قىسىم قاغىلىق ۋە پوسكامنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن ھەربىي رازۋېدكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېز سۈرئەتتە يەكەن، مەكىت ۋە گۇما ناھىيەلىرىنى ئازاد قىلىش يۈرۈشىگە تەييارلىق قىلىدۇ. رازۋېدكا قىسمىدا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان ياش نىزامىدىن ئەپەندى شۇ جەرياندا يۇقىرىقى 3 ناھىيەگە ئەۋەتىلىپ گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ بۇ يەردىكى ئەمەلىي كۈچىگە دائىر مۇھىم ئاخباراتلارنى ئىگىلەيدۇ.

ھالبۇكى، 1946-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى نىزامىدىن ئەپەندى جىددىي ھالدا باش شتابقا چاقىرتىلىدۇ. قاغىلىقتا تۇرۇشلۇق لەشكەر پولكىمۇ بۇيرۇق بويىچە قاغىلىق ناھىيە بازىرىنى تاشلاپ، يەكەن قوشراپتا تۇرۇشلۇق مىللىي قىسىملارنىڭ باش شتابىغا چېكىنىدۇ.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە «تاغ ئىنقىلابچىلىرى» نىڭ شۇنچە قۇربانلارنى بېرىپ ئازاد قىلغان قاغىلىق ۋە پوسكام ناھىيەلىرىدىن تۇيۇقسىزلا چېكىنىپ چىقىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا يەكەن قوشراپقا توپلانغان جەنۇبتىكى مىللىي قىسىملار سانىنىڭ 6 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ھەسرەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ:

«قوشراپقا بېرىپ بىلدىمكى، كىشىلەر ئېغىزىدا ‹تاغ ئىنقىلابچىلىرى›، يۇقىرى ئەربابلارنىڭ ئېغىزىدا ‹شەرقىي تۈركىستان جەنۇب پارتىزان قىسىملىرى›، ئۆز ئىچىمىزدە ‹تاغ يىگىتلىرى› دېيىلىدىغان مىللىي قىسىملار سانىنىڭ قوشراپتا جەم بولغاندا جەمئىي 6 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇلار تاجىكلارنى ئاساس قىلغان لەشكەر پولكى، قىرغىزلارنى ئاساس قىلغان قادىرقۇل پولكى، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ناسىر ئاخۇن پولكى، ھاشىم خۇيجاڭ پولكى ۋە تۇردى قارىبەگ قوماندانلىقىدىكى قاغىلىق پولكى شۇنىڭدەك يېڭىسار قىزىللىق يىگىتلەرنى ئاساس قىلغان ھەسەن ھاجىم باتاليونى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشراپتىكى مىللىي قىسىم بىرىگادا باش شتابىغا قارايتتى.»

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە يەنە 1945-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1946-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا جەنۇبتىكى مىللىي قىسىم رازۋېدكا ئەترىتىگە ئەترەت باشلىقى بولۇپ، يەكەن، پوسكام، مەكىت ۋە گۇما قاتارلىق ناھىيەلەرنىڭ بازار-يېزىلىرىدا نەچچە ئون قېتىملىق ھەربىي رازۋېدكا ئوپېراتسىيەلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى ئەسلىمىسىدە يەنە ئۆزى مەسئۇل بولغان ھەربىي رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ تاشقى رازۋېدكا، يەنى دۈشمەننىڭ ئەمەلىي كۈچى ھەققىدە ئاخبارات ئىگىلەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىچكى رازۋېدكا، يەنى مىللىي قىسىم ئىچىگە يوشۇرۇنغان جاسۇسلارنى بايقاش ۋە ئۇلارنى تۇتۇش ۋەزىپىسىنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى 1946-يىلى 1-ئايدىن تاكى 7-ئايغىچە، يەنى «11 بىتىم» ئىمزالىنىپ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغۇچە بولغان ئارىلىقتا جەنۇبتا ئېلىپ بېرىلغان يەكەن سوقۇشى، كالتىلا سوقۇشى، تۇمشۇق ساراي سوقۇشى، كاچۇڭ سوقۇشى قاتارلىق 16 مەيدان چوڭ-كىچىك جەڭلەرگە قاتناشقانلىقىنى، 30-40 قېتىمدەك ھەربىي رازۋېدكا ئوپېراتسىيەلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى، بۇ جەرياندا پۇتىغا، بەدىنىڭ باشقا جايلىرىغا ۋە قېشىغا ئوق تېگىپ 6 قېتىم يارىلانغانلىقى ۋە ئىككى قېتىم دۈشمەن قولىدىن ساق قۇتۇلۇپ چىقىپ، «ئۆلمەس توختىمەت» دەپ نام ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.