ئون ئىككىنچى قىسىم: «شەيتان غارى» دا
مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا بالىلىرىغا سۆزلەپ بەرگەن ھېكايىلىرىدە بولسۇن ياكى ئۇنىڭ 71 يېشىدا تۈرمىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدە بولسۇن، 1946-يىلىنىڭ باشلىرىدا قاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى «شەيتان غارى» دا يۈز بەرگەن دۈشمەن قولىدىن پەم بىلەن قېچىپ قۇتۇلۇش ۋەقەسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
ئۇنداقتا، «شەيتان غارى» دا دۈشمەن قولىدىن پەم بىلەن قېچىپ قۇتۇلۇش ئوپېراتسىيەسى زادى قانداق ۋەقە؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىگە مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
جۈرئەت نىزامىدىن ئەپەندى دادىسىدىن بۇ ۋەقە ھەققىدە كۆپ قېتىم ھېكايە ئاڭلىغانلىقىنى، 1986-يىلى دادىسى بىلەن بىرلىكتە قاغىلىقنىڭ چوپان ۋە ئازغانسال قاتارلىق تاغلىق يېزىلىرىنى زىيارەت قىلغىنىدا قاراقۇرۇم تاغلىرى ئارىسىدىكى ئاستىدا دەريا سۈيى شارىلداپ ئاقىدىغان بىر قىيالىقتا «شەيتان غارى» نى يىراقتىن كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئەسلىمىسىدە «شەيتان غارىدا» ناملىق بىر باب ئۇچرايدۇ. مەزكۇر بۆلەكتە دېيىلىشىچە، 1946-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى باش شتابى قوشراپتىكى جەنۇبىي فرونت مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شۆبىسى ياش ھەربىي رازۋېدكا خادىمى نىزامىدىن ھۈسەيىن بىلەن قاغىلىق ئازغانساللىق رازۋېدكا خادىمى ياقۇپنى يەكەن شەھەر ئىچىگە ئەۋەتىدۇ. ئۇلار ئىككىيلەن ئىككىنچى كۈنى سەھەردە يەكەننىڭ چىمدو دېگەن يېرىدە گومىنداڭنىڭ 20 كىشىلىك ھەربىي رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
گومىنداڭنىڭ ھەربىي رازۋېدكا ئەترىتى بۇ ئىككى تۇتقۇننى «قوشراپتىن كەلگەن پارتىزان» دەپ گۇمان قىلىپ ئېتىۋەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما رازۋېدكا خىزمىتىدە پىشقان ياش نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۇستىلىق بىلەن پەم ئىشلىتىپ، «شەيتان غارى» دا پارتىزانلارنىڭ بىر قىسىم قورال-ياراغ ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى، ئەگەر ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرمىسە بۇ بايلىقلار يوشۇرۇنغان غارنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
گومىنداڭ ھەربىي رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ كوماندىرى قوراللىق 6 ئەسكەرنى بۇ ئىككى تۇتقۇنغا قوشۇپ «شەيتان غارى» غا ئەۋەتىدۇ. ئەگەردە ئۇلار ئىككىيلەن يالغان سۆزلىگەن بولسا نەق مەيداندا بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇق بېرىدۇ. نىزامىدىن بىلەن ياقۇپ ئىككىيلەن يولدا كېتىۋېتىپ كۆز ئىشارىسى بىلەن «شەيتان غارى» دا گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى جايلىۋېتىپ قېچىش پىلانىنى بىر-بىرىگە ئۇقتۇرىدۇ. قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك جىلغىلىرىدىن بىرىگە جايلاشقان «شەيتان غارى» ئاستىدىن خالاستان دەرياسى شارقىراپ ئاقىدىغان ئېگىز بىر قىيالىققا جايلاشقان بولۇپ، غارغا پەقەتلا ئۈستى تەرەپتىن ئارغامچا بىلەن ئېسىلىپ چۈشۈش مۇمكىن ئىكەن.
نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇلارنى يالاپ ماڭغان گومىنداڭنىڭ ئىككى ئۇيغۇر ئەسكىرى غارنىڭ ئۈستىدىن ئارغامچا تۇتۇپ بەرگەن. ئالدى بىلەن ئىككى تۇتقۇن، يەنى نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن ياقۇپ ئارغامچىغا ئېسىلىپ غارغا چۈشكەن، ئارقىدىن گومىنداڭنىڭ 4 نەپەر قوراللىق خىتاي ئەسكىرى ئارغامچىغا ئېسىلىپ پەسكە چۈشۈشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ پۇتى يەرگە تېگەر-تەگمەيلا غارنىڭ ئېغىزىدا تەييارلىنىپ تۇرغان نىزامىدىن بىلەن ياقۇپ ھەر بىرى ئىككىدىن خىتاي ئەسكىرىنى قۇچاقلاپ ئۆزلىرىنى پەستىكى خالاستان دەرياسىغا تاشلايدۇ. ئۇلار ئىككىسى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان شىددەتلىك دەريا سۈيىدە 3 سائەتچە ئېقىپ، يەكەننىڭ كاچۇڭ ئەتراپىدا قىرغاققا چىقىۋالىدۇ. گومىنداڭنىڭ 4 نەپەر ئەسكىرى سۇدا تۇنجۇقۇپ ياكى تاش-قىيالارغا ئۇرۇلۇپ ئۆلىدۇ.
نىزامىدىن ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە جەنۇبىي فرونت، يەنى تاشقورغان-قاراقۇرۇم لىنىيەسىدىكى ئۇرۇش توختىغاندىن كېيىن تاكى پارتىزانلار بۇيرۇق بويىچە تارقىتىۋېتىلگەنگە قەدەر ئۆزىنىڭ ھەربىي رازۋېدكا خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا يەكەن، قاغىلىق، مەكىت ۋە گۇما تەۋەلىرىدىكى گومىنداڭ كۈچلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن نەچچە ئون قېتىم مەخپىي رازۋېدكا ۋەزىپىسىگە ئەۋەتىلگەن ئىكەن. ئۇ ھەربىي رازۋېدكىدا قوللانغان ئۇچۇر ئېلىش ۋە جىددىي ئەھۋالدا دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش چارىلىرىنىمۇ ئۆز ئەسلىمىسىدە ساناپ ئۆتىدۇ.
ئارىدىن 40 يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندە، يەنى 1986-يىلى يازدا نىزامىدىن ئەپەندى ئۆز يۇرتى قاغىلىقنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا 1940-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب مەزگىلىدە ئۇرۇش قىلغان تاغ-داۋانلارنى قايتىدىن كېزىدۇ. شۇ قېتىملىق سەپەردە نىزامىدىن ئەپەندىگە ئىككى كىشى ھەمراھ بولىدۇ. ئۇنىڭ بىرى ئوغلى جۈرئەت نىزامىدىن، يەنە بىرى ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى، ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان بەختىيار بۆرە ئەپەندى ئىدى. بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بەختىيار بۆرە ئەپەندى 1986-يىلىدىكى بۇ سەپەرنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى، قاراقۇرۇم تاغلىرىدا نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئىنقىلاب ئىزلىرى قالغان چوپان، ئازغانسال، قوشراپ، كاچۇڭ ۋە «شەيتان غارى» قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ھاياجان ئىلكىدە تىلغا ئالدى.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00