قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (14)

0:00 / 0:00

ئون تۆتىنچى قىسىم: بىتىمدىن كېيىنكى مۇدھىش يىللار


جەمئىي 8 ئاي تالاش-تارتىش قىلىنىپ ئىمزالانغان «11 ماددىلىق بىتىم» نىڭ تولۇق مەزمۇنى 1946-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىلىدىكى نەشرلىرىنىڭ بىرىنچى بېتىدە تەڭلا ئېلان قىلىنىدۇ. گېزىتنىڭ تەھرىرات ئىلاۋىسىدە «11 بىتىم» نى پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خۇددى «كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى لازىملىقى» تەلەپ قىلىنىدۇ.

ھالبۇكى، شۇنچە قانلار تۆكۈلگەن، ھېسابسىز قۇربانلار بېرىلگەن، 30 مىڭ كىشىلىك مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلگەن، جەنۇبىي فرونتتا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئازاد قىلىنغان، تاشقورغان-قاراقۇرۇم لىنىيىسىدىكى 8-10 مىڭدەك قوراللىق كۈچ قەشقەر ۋە يەكەن شەھەرلىرىگە قىستاپ كەلگەن بىر ھەل قىلغۇچ پەيتتە بىتىم بولىدۇ. ئاق قەغەزگە يېزىلغان بىتىم ئۈرۈمچىنى ساقلاپ قېلىشتىن تامامەن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن گومىنداڭ ئارمىيىسىگە پۇرسەت بېرىدۇ. ئاقسۇدىكى ئازاد رايونلاردىن چېكىنگەن مىڭلىغان پىدائىيلار گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ ئاتقان ئوقىغا يەم بولىدۇ. ئەڭ ئېغىر بەدەلنى تاشقورغان-قاراقۇرۇم لىنىيىسىدىكى 8-10 مىڭدەك تاغ ئىنقىلابچىلىرى تۆلەيدۇ. قوراللىرى يىغىۋېلىنىپ ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلغان بۇ تاغ ئارسلانلىرى بىتىمدىن كېيىن گومىنداڭ دائىرىلىرىنىڭ ئوۋلاش نىشانىغا ئايلىنىپ، كۆپ قىسمى تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.

ئەينى يىللاردىكى ئۇرۇش سېپىدە «ئۆلمەس توختىمەت» دەپ نام ئالغان ياش نىزامىدىن ھۈسەيىن بىتىمدىن كېيىن، يەنى 1946-يىلىنىڭ 10-ئاي كۈنلىرىدە يەكەندە تۇتقۇن قىلىنىپ گومىنداڭ تۈرمىسىدە ئىنسان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرايدۇ. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جۈرئەت نىزامىدىن دادىسى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ 1997-يىلى ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسلىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى ئوقۇپ ئۆتتى.

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۆز ئەسلىمىسىدە 1946-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1947-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەكەن تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن مەھبۇسلۇق ھاياتىنىڭ يادنامىلىرىنى مۇنۇ مىسرالار بىلەن ئىپادە قىلىدۇ:

قامچا بىلەن ئۇرغاندا،

ۋاي دارېن دەپ تولغانغان.

ھەر بىر ئۇرغان قامچىسى،

قىزىل قانغا بويالغان.

ئەجەلدىنمۇ يامان ئەجەللىك ئىشلار.

قىشلاردىنمۇ يامان بىز كۆرگەن قىشلار.

غۇچۇرلاپ چىشلەيمىز سۇنسىمۇ چىشلار،

بۇ دېگەن ئۆمۈردە تۈگىمەس ئىشلار.

1947-يىلىنىڭ ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا ئەخمەتجان قاسىمى، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا، جاڭ جىجۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك «11 بىتىم» نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قەشقەرگە كېلىدۇ. جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى گومىنداڭ ساقچى دائىرىلىرى كۆز بويامچىلىق قىلىپ تۈرمىلەرگە قامىۋالغان مىڭلىغان تاغ ئىنقىلابچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇ قاتاردا ياش نىزامىدىن ھۈسەيىنمۇ يەكەن تۈرمىسىدىكى 700 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇس بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدىن ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلىدۇ.

ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا جەنۇبتا يەنە تۇتۇش ۋە قاماش باشلىنىدۇ. چارىسىز قالغان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئۇستازلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن يوشۇرۇنچە ئۈرۈمچىگە قېچىپ بېرىۋالىدۇ ۋە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن بۆلۈمى، يەنى تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ.

مەرھۇم نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي-ئىجتىمائىي غايىسى ۋە مەسلىكى بويىچە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بىرقانچە سىياسىي گۇرۇھلارغا ئايرىلغان ئىكەن. ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان گۇرۇھتىكىلەر مەسئۇت سابىرى، مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىندىن ئىبارەت «ئۈچ ئەپەندى» نىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان گۇرۇھتىكىلەرنى «تۈركچىلەر» ياكى «ئاپتونومچىلار» دەپ ئەيىپلىسە، ئۇلار ئىلى گۇرۇھىنى «ئىلىچىلار» «سوۋېتپەرەستلەر» ياكى «قىزىل قۇيرۇقلار» دەپ ھۇجۇم قىلىدىكەن. نىزامىدىن ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە ئەينى يىللىرى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەسلەك جەھەتتىن مۇھەممەدئىمىن بۇغراغا ئەگەشكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

1949-يىلى 10-ئايدا، يەنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر دىيارىغا بېسىپ كىرگەن كۈنلەردە نىزامىدىن ئەپەندى شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرىدۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان بۇ كۈنلەردە ئۆلكىگە قايتىدىن رەئىس بولغان بۇرھان شەھىدى نىزامىدىن ھۈسەيىن قاتارلىق بىر تۈركۈم ياشلارنى بىۋاسىتە خىزمەتكە تەقسىم قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ نىزامىدىن ھۈسەيىننى سىياسىي مەۋقە جەھەتتىن بۇغرا گۇرۇھىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ تۇنجى قارار سىنىپىدا ئوقۇپ ئىدىيە ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ 1950-يىلى 5-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىدۇ.

نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 1951-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسى تەرىپىدىن جەنۇبقا مۇخبىرلىققا ئەۋەتىلىدۇ. ئۇ تاكى 1953-يىلىغا قەدەر يەكەن، قاغىلىق، گۇما ۋە خوتەنلەردە مۇخبىرلىق قىلىدۇ ۋە شۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن زور سىياسىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولىدۇ. ئۇ ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ 1951-يىلى ئىيۇلدا مەرھۇم ئايالى ھۆرنىسا ھەسەن بىلەن يەكەندە توي قىلغانلىقىنى، 1953-يىلى تۇنجى پەرزەنتى باھارگۈلنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

(داۋامى بار)