قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (15)

0:00 / 0:00

ئون بەشىنچى قىسىم: سەھنىدىكى ئۇسسۇلچى قىز ۋە مەڭگۈلۈك ۋاپادارلىق

1950-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە بولغان جەريان ياش نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتىدا ئىدېئولوگىيە ۋە پىكىر جەھەتتە كەسكىن داۋالغۇشلارغا دۇچ كەلگەن يىللار ئىدى. 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ياش نىزامىدىن ھۈسەيىن دەۋرنىڭ تامامەن باشقىچە يۆنىلىشكە ماڭغانلىقىنى، سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ ئالماشقانلىقىنى، ھاكىمىيەتنىڭ قىزىل رېجىمغا ئۆزگەرگەنلىكىنى، مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان بىر دەۋر ياشلىرىنىڭ ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى تاتلىق غايىلىرىنىڭ چۈشكە ئايلانغانلىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلىدۇ.

بۇرھان شەھىدى تەرىپىدىن ئۆلكىلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ تۇنجى قارارلىق كۇرسىغا ئەۋەتىلىپ «مېڭە يۇيۇش» پروگراممىسىغا قاتناشتۇرۇلغان ياش نىزامىدىن ھۈسەيىن 1950-يىلى 5-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىدۇ. 1951-يىلىدىن تاكى 1958-يىلىدىكى «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش» دولقۇنىغا قەدەر ئۇ تەڭرىتېغىنىڭ شىمال ۋە جەنۇبىدىكى نەچچە ئونلىغان ناھىيە ۋە يۈزلىگەن يېزا-قىشلاقلارنى ئايلىنىپ مۇخبىرلىق قىلىدۇ. شۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن زور سىياسىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن داۋالغۇشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. مەرھۇم 71 يېشىدا ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىدە يازغان ئەسلىمىسىدە شۇ يىللاردىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن بىر مىللىي ئىنقىلابچى، خىتاي رېجىمىغا قارشى بىر ئىسيانكار شەخس ۋە شۇنداقلا قەلەم بىلەن كۈرەشكۈچى ئەدىب سۈپىتىدە تونۇلغان بىر سىما بولسىمۇ، ئەمما ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ يەنە نورمال بىر ئىنسان ئىدى. نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ 1951-يىلى يەكەن دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان 15 ياشلىق قىز ھۆرنىساخان بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىشى، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلىشى ۋە تويدىن كېيىنكى بىر ئۆمۈرلۈك مۇھەببەتلىك ئائىلە ھاياتى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان گۈزەل ھېكايە ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە مەرھۇم دادىسى ھەققىدە سۆز قىلغان جۈرئەت نىزامىدىن كۆزلىرىنى ياشلىغان ھالدا ئاشۇ گۈزەل ھېكايىنى ئاڭلارمەنلەرگە تەقدىم قىلىدۇ.

جۈرئەت نىزامىدىن دادىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ 1950-يىللاردىن كېيىنكى ھاياتىنىڭ زادىلا تىنچ-خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈپ باقمىغانلىقىنى، تاكى 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىغا سوزۇلغان ئۇزۇن مەزگىللىك سىياسىي بېسىم، تۈرمە ھاياتى، قاچقۇنلۇق ۋە سەرگەردانلىقنىڭ ئۆز ئائىلىسىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز سورۇقچىلىقلارنى سالغانلىقىنى، ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي دادىسى نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن ئانىسى ھۆرنىساخان ئوتتۇرىسىدا ئەبەدىيلىك ئائىلە ۋاپادارلىقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە 1950-يىللاردىكى داۋالغۇپ تۇرغان مەزگىللەردە پەرزەنتلىرىنىڭ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تۇغۇلغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتىكى مەۋجۇت سىياسىي بېسىم ۋە ئائىلە يۈكىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىغا قارىماي ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلماس يىللارنى ياشىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتىدۇ.

1950-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى سىياسىي دولقۇنلار ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان قەھەتچىلىك ئۇيغۇر دىيارىدا سان-ساناقسىز ئائىلىلەرنى ۋەيرانچىلىققا، ئىجتىمائىي ئەخلاقنى كرىزىسقا پاتۇرىدۇ. ئىنسانىي غۇرۇر ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەت دەپسەندە قىلىنىدۇ. ئەنە ئاشۇ ئېغىر كۈنلەردە نىزامىدىن ھۈسەيىن يەكەن ۋە قاغىلىقتىكى موھتاجلىقتا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئىگە چىقىپ، ئۇلارنى ئۈرۈمچىگە كۆچۈرۈپ چىقىدۇ ۋە بىر ئائىلىدە 10 جان ياشايدۇ.

نىزامىدىن ئەپەندى ئالەمدىن ئۆتۈپ شۇنچە يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە پەرزەنتلىرى بۇ ئائىلىدە شۇنچە قۇربانلار بېرىلگەنلىكى، ساناقسىز سورۇقچىلار كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئاجايىپ كۆپ رىيازەتلەر چېكىلگەنلىكىگە قارىماي، مۇھەببەت ۋە ۋاپادارلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ گۈزەل قىممەتنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ساقلاپ كەلگەن ئەڭگۈشتەر بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

(داۋامى بار)