قۇربان كىبىروف: «ئۇ چاغلاردا بىر ئېغىز سۆز - ئۆلۈم، بىر كىلو بۇغداي - ئۆلۈم ئېدى»

مەلۇمكى، ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا سابىق سوۋېت ئېلىنىڭ بارلىق جۇمھۇرىيەتلىرىدە سىياسىي تەقىپلەشلەر ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە مىڭلىغان ئىلغار پارتىيە، دۆلەت، مەدەنىيەت ئەرباپلىرى، شۇنداقلا ھەربىي كادرلار، ئېگىلىك رەھبەرلىرى، زىيالىيلار «ئىنگلىز ئىشپيونى»، «ياپون ئىشپيونى»، «تروتسكىيچى»، «خەلق دۈشمىنى» گە ئوخشاش قالپاقلار كىيگۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى سوت - سوراقسىز تۈرمىلەرگە تاشلاندى ھەم ئېتىلدى. بۇ دەھشەتلىك تەقىپلەر ھەتتا يىراق يېزىلارغىمۇ يېتىپ بارغان ئىدى. مانا شۇلارنىڭ بىرى ياركەنت تەۋەسىدىكى سادىر يېزىسىدۇر.

0:00 / 0:00

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر يېزا تۇرغۇنى قۇربان كىبىروف ئۆز ئاتىسى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ قانداقلارچە سىياسىي تەقىپلەشلەر قۇربانىغا ئايلانغانلىقى، تارتقان ئازابلىرى ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.