قۇتلۇق شەۋقىي ھەققىدە

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! ئالدىنقى پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېتۈك ئىنقىلابچىسى، تالانتلىق شائىرى، ئۆز خەلقى، ئۆز مىللىتىنىڭ ھۆرلۈك – ئازادلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىنماي كۈرەش قىلغان ۋە بۇ ئارزۇ – ئارمىنى سەۋەبىدىن 40 يىلدىن ئارتۇق ھاياتىنى زالىم خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن مەرھۇم ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنىدۇق. مانا بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئابدۇلئەزىز مەخسۇمنىڭ زاماندىشى ۋە ھۆرلۈك يولىدىكى جەڭگىۋار سەپدىشى، ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلقادىر داموللام ۋە مۇسابايوفلار تەرىپىدىن ئالاھىدە تاللىنىپ، چەتئەلگە ئەۋەتىلگەن تۇنجى تۈركۈم ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇھىم ئاساس سالغۇچىسى، تالانتلىق شائىر، مەشھۇر ژۇرنالىست قۇتلۇق شەۋقىينى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

0:00 / 0:00

قۇتلۇق شەۋقىي ئۆزىنىڭ ئىلغار پىكىر – ئىدىيىلىرى، جەڭگىۋار شېئىر – غەزەللىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە گەۋدىلىك ھەسسە قوشۇپلا قالماي، گېزىتچىلىك، مۇدەررىسلىك ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ ئاكتىپ شۇغۇللىنىپ، خەلقىمىزنىڭ نادانلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، ئاسارەتلىك ھاياتقا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن تەۋرەنمەس كۈرەش قىلغان. مانا شۇ كۈرەش جەريانىدا ئۇ، بۇ كۈرەش سېپىگە ئاتلانغانلار ۋە ئاتلانماقچى بولغانلارنىڭ سەركىسىگە ۋە تۆھپىكار ئۇستازىغا ئايلانغان.

ئەمدى تۆۋەندە مەرھۇم ئىنقىلابچىمىز قۇتلۇق شەۋقىينىڭ ھايات ھېكايىسىگە قۇلاق سالغايسىلەر. بۇ پروگراممىنى پولات تەييارلىغان.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، تىل – بىر مىللەتنىڭ بەلگىسى، مىللىي مەۋجۇدىيىتىنىڭ كاپالىتى، بىر مىللەتنى يەنە بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم نىشانە. كىمكى ئانا تىلىنى يوقىتىدىكەن، ئاۋۋال ئۆزىنى، ئاندىن مىللىتىنى، ئاندىن ۋەتىنىنى يوقاتقان بولىدۇ. تارىخ بېتىنى ۋاراقلاپ باقىدىغان بولساق، ئالدىمىزغا بۇنىڭ مىسالى كۆپ ئۇچرايدۇ.

ھۆرلۈك، يېڭىلىق، تەرەققىيات يولىدىكى پىداكار قەھرىمان، مىللەتنى زۇلۇم ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئاتلانغان ئوت يۈرەك شائىر قۇتلۇق شەۋقىي بۇنىڭدىن تەخمىنەن 100 يىل بۇرۇن ئانا تىلىمىز _ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېغىر خرىسقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر نادانلىق، قاششاقلىق ئىلكىدىن تېزدىن قۇتۇلمىساق، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر مىسرالىرى ئارقىلىق ئانا تىلنى پۇختا ئىگىلەش ۋە ئۇنى قەدىرلەش كېرەكلىكىنى يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەنىدى. ھالا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ پەند – نەسىھەتلىك مىسرالارغا، ھەتتا داڭلىق ناخشىچىلىرىمىز تەرىپىدىن مۇڭ – زارلىق ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان بولسىمۇ، يەنىلا قۇلاق يوپۇرۇپ يۈرگەننىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ تۇرۇپتىمىز.

ئەمدى تۆۋەندە دىققىتىڭلار شائىر قۇتلۇق شەۋقىنىڭ «ئانا تىل» ناملىق شېئىرىدا بولسۇن!

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.