«سەبىيلەر ساداسى» توپلىمى نەشردىن چىقتى

2011 - يىلى 9 - ئايدا جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنىڭ تۇنجى قېتىملىق «سەبىيلەر ساداسى» ژۇرنىلىنىڭ نەشردىن چىققانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. بۇ ژۇرنال ئاۋسترالىيىدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ قېتىم ژۇرنال توپلام شەكلىدە نەشرگە تەييارلانغان. بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ژۇرنالنى نەشرگە تەييارلىغۇچىلاردىن پاتىمە، زۆھرەلەرنى زىيارەت قىلدۇق.

سەبىيلەر ساداسى توپلىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەشردىن چىقىپتۇ مۇبارەك بولسۇن. ئالدى بىلەن ژۇرنىلىڭلار توغرۇلۇق ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولساڭلار.

بىز 2011 - يىلىدىن تارتىپ سەبىيلەر ساداسى ژۇرنىلىنى نەشرگە تەييارلاشقا باشلىدۇق. ژۇرنىلىمىزنى دەسلەپتە ئايدا بىر، ئىككى ئايدا بىر نەشردىن چىقاردۇق. گەرچە بۇ ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىسمى سەبىيلەر ساداسى بولسىمۇ، ژۇرنىلىمىز ۋەتەن سىرتىدا چوڭ بولۇۋاتقان بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ياشلار ھەم ئاتا - ئانىلارنى كۆزدە تۇتۇپ نەشرگە تەييارلانغان ژۇرنال. ژۇرنىلىمىزنى ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا نەشرگە تەييارلىدۇق.

بۇ قېتىم ژۇرنىلىڭلارنى توپلام قىلىپ نەشر قىلدۇرۇپسىلەر بۇنداق قىلىشىڭلارغا نېمە تۈرتكە بولدى؟

بۇ يەردىكى ئاساسىي تۈرتكە مۇشۇ يەردىكى ئاتا - ئانىلارنىڭ تەكلىپى ھەم پىكىرلىرىگە ئاساسەن بولدى. بىز يەنە بۇ ژۇرنالنى ئاۋسترالىيەدىمۇ ئەمەس بەلكى ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن 10 ساننى بىللە قىلىپ توپلام قىلىپ ئىشلىدۇق. ئۇنىڭدىن سىرت، گۇرۇپپىمىزدىكى ئادەم سانىنىڭ چەكلىك بولۇشى ژۇرنىلىمىزنىڭ ئايدا بىر قېتىم نەشر قىلىنىشىغا بولدى. يەنە، ھەممىمىز مەكتەپتە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ گۇرۇپپىدىكى ھەممىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ ژۇرنالنى ئىشلەش پۇرسىتى بەكلا ئاز بولدى. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى گۇرۇپپىمىزدىكى ھەممىمىز بىر توپلام قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشنى قارار قىلدۇق.

توپلامنى ئىشلىگۈچە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىڭلار؟

بىز بىر قانچە خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق. بىرىنچىدىن، گۇرۇپپىمىزدىكىلەرنىڭ سانىنىڭ چەكلىك بولغانلىقى، يەنە بىرى گۇرۇپپىمىزدىكى ئۈچىمىز ۋەتەندە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ تۈگەتمەي ئاۋسترالىيىگە كەلگەن.، قالغان ئۈچى بولسا ئاۋسترالىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىزنىڭ بىلىمىنىڭ چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبلىك بىز ئىنتايىن قىينالدۇق دەپ ئويلايمەن. يەنە بىرى، ژۇرنالنى ئىشلىگەن ئالتىمىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەم بەزىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشتىن سىرت خىزمەتلىرى بار شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىت بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەسىلە بولدى. بىزنىڭ يەنە بىر قىينالغان تەرىپىمىز ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولدى. شۇ ۋاقىتتا بىز كىمدىن، قەيەردىن ياردەم سوراشنى بىلمەي قالدۇق. شۇ ۋاقىتتا مۇشۇ يەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى ۋە تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسىدىكى خانىملار بىزنى باشتىن - ئاخىر قوللاپ، بىزگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ كۆپ ياردەملەردە بولدى ۋە بۇ توپلامنى ئاخىردا نەشر قىلىشمۇ نېسىپ بولدى.

بىز ئاتا - ئانىلىرىمىزغا كۆپ رەھمەتلەر ئېيتىمىز. ئۇلار بىزنىڭ باشتىن - ئاخىر قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ، پۇرسەتلەر يارىتىپ بەردى. بىز شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا، تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسىدىكى خانىملارغا ۋە ئاتا - ئانىلىرىمىزغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

بۇندىن كىيىن يەنە قانداق پىلانلىرىڭلار بار؟

بىزنى ۋەتەن سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ژۇرنىلىمىزنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ بەرسە، ژۇرنىلىمىزنى نەشردىن چىقىرىشىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلاۋاتىمىز. بىز بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىگە موھتاجمىز. يەنە ژۇرنىلىمىزنىڭ داۋام ئېتىشى ئۈچۈن، مەزمۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار بولۇشى ئۈچۈن ژۇرنىلىمىزنىڭ ئىشلەۋاتقان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ مەسىلەن تۈزگۈچى ۋە تەھرىرلىگۈچىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇنىڭدىن سىرت، ژۇرنىلىمىزنىڭ مەزمۇنىنىڭ تېخىمۇ مول بولۇشى ئۈچۈن بىز ۋەتەن سىرتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق بىزنىڭ تەمىنلىشىنى، ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى مەنىۋى جەھەتتىنمۇ چوڭ ياردەم بولىدۇ دەپ قارايمەن.