ئۇيغۇر مائارىپىغا بېغىشلانغان ماقالىلەر ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

ھۆرمەتلىك دوستلار! 9 - ئاي پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلايدىغان ئاي بولغانلىقى ئۈچۈن، بىزمۇ بۇ بىر نەچچە ھەپتىلىك سەھىپىمىزنى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى، ئۇيغۇر مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، ئۇيغۇر مائارىپىنى كۈندىن كۈنگە ئارقىغا سۆرەپ كېتىۋاتقان ئامىللار، سەۋەبلەر ۋە ئۇلارنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەر ئۈچۈن ئاتىدۇق.

0:00 / 0:00


گەرچە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق تەقدىرى، شۇنداقلا بۇ مائارىپنىڭ بىۋاسىتە ئىشتىراكچىلىرى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرد - ئەلەملىرى بىر نەچچە ھەپتىلىك پروگرامما ياكى بىر قانچە پارچە ماقالە بىلەن تەسۋىرلەپ تۈگەتكۈسىز بولسىمۇ، يەنىلا ھازىرقى مائارىپىمىزنىڭ قىسمەتلىك ھالىنى سىز قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا يورۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە، بۇنىڭغا ئوخشىغان پروگراممىلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ ھەپتىلىك پروگراممىمىزدىمۇ «جەدىدچىلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ تۇغۇلۇشى» ۋە «ئۇيغۇر مائارىپىغا بىر نەزەر» ناملىق ماقالىلەرنى تەييارلىدۇق.

بۇ ئاۋازلىق ئەسەردىن كېيىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم تەييارلىغان: «ئەركەك دېگەن» ناملىق شېئىردىن بەھر ئالىسىلەر. ئاخىرىدا يەنە، «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.