سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن بىر قىسىم نادىر شېئىرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!
گۈزەل ئىلى
ئىزدەن
قەھرىمان ئەجدادلىرىم يوللىرىڭغا،
جاسارەت ئۇرۇقىنى چاچقان ئىلى.
باتۇرلۇق روھلىرىنى ئودۇم قىلىپ،
ئەل-ۋەتەندە شان-شۆھرەت تاپقان ئىلى.
ئەركىنلىك ئۈچۈن ھارماي ئوغلانلىرىڭ،
تالايلاپ جەبىر -جاپا تارتقان ئىلى.
تۇتىيادەك بىلىپ سېنىڭ تۇپرىقىڭنى،
بوۋام سادىر ياۋغا ئۇقنى ئاتقان ئىلى.
خەلقىمنىڭ پەخىر قورقماس نۇزۇگۇمنىڭ،
ئىپپەت ئۈچۈن قىزىل قېنى تامغان ئىلى.
نۇرۇمنىڭ كەتمىنىدە كۆكلەپ باغلار،
غۇنچەمنى ئۆز باغرىغا باسقان ئىلى.
جەسۇرلۇق قان -قېنىغا سىڭىپ كەتكەن،
كەلگۈندى ياۋغا خەنجەر ئۇرغان ئىلى.
ياراتتى مەڭگۈ ئۆچمەس ئۇلۇغ تارىخ،
ھۆر-ئازاد جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان ئىلى.
گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ھۆسنى بىلەن،
بوينىغا تەڭرىتاغنى ئاسقان ئىلى.
بەئەينى نەپىس كەشتە يايلاقلىرى،
گۈزەللىككە ھەم گۈزەللىك قاتقان ئىلى.
كۆرۈپ كەتكىن بۇرادەرلەر، كۆرمىگەنلەر،
ئەجداد ئىزى نۇر بولۇپ چاقناۋاتقان ئىلى.
ھازىرمۇ ھەم ھۆرلۈك ئۈچۈن جەڭگە تەييار،
نەپرىتىنى ياۋغا ئوق قىلىپ ئاتقان ئىلى.