«قوي ئەمەس، ئادەم بولغان بولسا!»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018-01-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىكى قىزىل بايراق. 2017-يىلى قىش.
ئۇيغۇر مەھەللىلىرىدىكى قىزىل بايراق. 2017-يىلى قىش.
RFA/Abduweli Ayup

بىر كۈنى كامېرغا جاڭ فامىلىلىك بىرىنى قاماپ قويدى. ئۇنىڭ قولى پۇتىدىكى كىشەنگە ئىشكەللەنگەن بولۇپ جازالانغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بەدىنىدىن چىقىۋاتقان بەتبۇي پۇراققا يېنىدا تۇرۇپ چىداش قىيىن ئىدى. مەنمۇ بۇرۇن مۇشۇنداق جازالانغان بولغاچقا ئىچىم ئاغرىپ تامىقىنى يېگۈزۈپ قويدۇم. ئەتىگەندە ئىشلەتمىگەن لۆڭگەم بىلەن يۈزىنى سۈرتتۈم، كىرىنى يۇدۇم. پۇتىدىكى يىرىڭلاپ كەتكەن يارىسىنى تازىلىدىم. كىشەن ئۇنىڭ ئوشۇقىغا پېتىپ يارا قىلىۋەتكەن، يارا يىرىڭلاپ پۇراشقا باشلىغان ئىدى. گۇندىپايغا دەپ تازىلانغان پاختا ۋە ئىسپىرت ئېلىپ يىرىڭدىن پاكىزلانغان يارىسىنى تاڭدىم. بىر قانچە كۈندىن كېيىن جاڭنىڭ چىرايى ئېچىلىپ باشقىلار بىلەن چاقچاقلىشىدىغان بولدى.

جاڭ ئانىسى بىلەن شىخەنزىگە خېنەندىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئەسكەرلىكتە قەشقەردە تۇرغان ئىكەن. ئۇ بىزنىڭ كامېرغا كىرىشتىن بۇرۇن 1-8 كامېردا دىليار بىلەن بىللە ياتقان ئىكەن. دىلياردىن باشقا ئۇ ئۆمرىدە ياقتۇرغان ئىككىنچى ئۇيغۇر مەن ئىكەنمەن. بىر كۈنى ئۇ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ «قاماققا كىرمىگەن بولسام ھاياتىمدا ئۇيغۇرلار بىلەن بۇنچىلىك يېقىن ئارىلىقتا كۆرۈشۈپ بېقىشنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن. ئەسلى سىلەر ئۇيغۇرلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئىكەنسىلەر، ئۇنچە ياۋۇز، ياۋايى، قالاق ئەمەسكەنسىلەر، بىزدىن بەك چوڭ پەرقىڭلارمۇ يوقكەن،» دەپ ئولتۇرۇپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش دۆلەتتە، ئوخشاش تۈزۈمدە ياشاۋاتقان، ئورتاق مائارىپتا تەربىيەلەنگەن، بىرلىككە كەلگەن تەشۋىقات ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھەرىكىتىدە، ھېسسىياتىدا ۋە پىكرىدە نۇرغۇن ئوخشاشلىق بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ قارىشىمغا مىسال سۈپىتىدە 2006-يىلى تۈركىيەدە تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان چاغلىرىمدا يۈز بەرگەن بىر ئىشنى ھېكايە قىلدىم.

سىنىپىمىزدا شىمالى ئافرىقادىن تۆت، ئورتا ئاسىيادىن تۆت، بىر فىرانسىيەلىك، بىر رۇس ئوقۇغۇچى ۋە مەن بولۇپ ئون بىرەيلەن بىللە ئوقۇيتتۇق. ھەر دائىم سىنىپتا گۇرۇپپا مۇنازىرىسى ياكى گۇرۇپپىلىشىپ قىلىدىغان پائالىيەت بولسا مەن يالغۇز قالاتتىم. چۈنكى تۆت ئافرىقىلىق فىرانسۇزچە بىلگەچكە فىرانسىيەلىك بىلەن بىر بولاتتى. تۆت ئوتتۇرا ئاسىيالىق رۇسچە سۆزلىشىپ، رۇسنىڭ ئەتراپىغا يىغىلاتتى. مەن بولسام قايسى گۇرۇپپا ئۇدۇل كەلسە شۇنىڭغا قوشۇلاتتىميۇ-ھەمىشە ئۆزۈمنى ئارتۇقچە ئادەمدەك ھېس قىلىپ قالاتتىم.

جاڭ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ «ئافرىقىلىقلار قارا تەنلىك تۇرسا قانداقسىگە فىرانسۇزچە سۆزلەيدۇ؟ فىرانسۇزچە فىرانسىيەدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ تىلى ئەمەسمۇ» دېدى. ئىچىمدە ئۆزۈمگە كۈلدۈم. تولۇقسىزنى چالا ئوقۇپ كەتمەننى تاشلاپ ئەسكەر بولغان، ئارمىيەدىن قايتۇرۇش پۇلىنى قىماردا ئۇتتۇرۇپ تۈگىتىپ، جان باقالماي ئوغرىلىق قىلغان ئادەمگە نېمىلەرنى دەپ كەتكەنلىكىم ئېسىمگە كەلدى.

بىرىنچى قېتىم قاماقتا ئۆزۈمنى «قەشقەرلىك» دەپ قويۇپ تاياق يەپ كەتكەن بولغاچقا، ليۇ داۋان قاماقخانىسىغا كەلگەندىن بۇيان «ئۈرۈمچىلىك» بولۇۋالغان ئىدىم. جاڭ مېنى بىلمەيدۇ دەپ قەشقەر ھەققىدە توختىماي سۆزلەيتتى. ساختا «ئۈرۈمچىلىك» بولۇۋالغىنىم چانماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا سۈكۈت قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭ مېڭىسىدە قەشقەردە تۇرۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، قىسىمدا قويۇپ بېرىلگەن «تېررورلۇق» قا دائىر رەسىملىك ۋە سىنتلىق ھۆججەتلەر مۇكەممەل بىر تەسەۋۋۇر دۇنياسىنى پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ دۇنيانىڭ قاراڭغۇ تەرىپىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. شۇڭا ئۇ تاسادىپىي بىز بار كامېرغا قامىلىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن يۆتكىلىپ كېتىدىغان قەشقەرلىك مەھبۇسلارغىمۇ ئۇزۇندىن ئالالماي كەلگەن ئۆچى باردەك مۇئامىلە قىلاتتى.

2011-يىلى روزى رامىزان كۈنلىرىدە قەشقەر خەلق يولىدىكى رەستىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋەقەسىگە جاڭ تەۋە قىسىم ئەۋەتىلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ قىسمىدا ساقچى ۋە ئارمىيەگە مەنسۇپ ئىككى خىل كىيىم بولۇپ، مەشىق قىلغاندا بىرىنى، باستۇرۇشقا چىققاندا يەنە بىرىنى كىيىدىكەن. شۇ كۈنى ئۇلار قوراللىق ساقچى كىيىمىنى كىيىپ چىقىپتۇ. قاراڭغۇ چۈشكەندە «تېررورچىلار» نىڭ ھەزرەت تەرەپتىكى بىر كېۋەزلىكتە بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىنىپتۇ. كېۋەزلىك قورشاۋغا ئېلىنىپ يېرىم كېچىگىچە تىرىك تۇتۇش ئۈچۈن تەشۋىقات قىلىنىپتۇ، تەھدىت سېلىنىپتۇ. ئاخىرى قوماندان ئېتىشقا بۇيرۇق قىپتۇ. بىرەر سائەتتەك ئوق چىقىرىپ كېۋەزلىككە ئىچكىرىلەپ كىرسە ئۈچ قوي قانغا مىلىنىپ ياتقان. بۇنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم. بۇ كۈلكىدە بىر پۇخادىن چىقىش بار، بىر يېڭىش، بىر مات قىلىشنىڭ خۇشاللىقى بار ئىدى. قاماقتا ئۇنچىلىك قېنىپ كۈلگىنىمنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلمەيمەن.

جاڭ مېنىڭ بۇ قەدەر ئېچىلىپ-يېيىلىپ كۈلۈپ كېتىشىمنى ئەلۋەتتە چۈشەنمەيتتى. مەن شۇ كۈنى قەشقەردە لېكسىيە سۆزلىگەن ئىدىم. رەستە كوچىسىنىڭ قانغا بويالغانلىقى، دۇكانچى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى شوئار توۋلىغانلىقى، نەزەرباغدىكى بىر قەبرىستانلىقتىن بىر جەسەت تېپىلغانلىقى. . . بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەردار ئىدىم. مەن خۇشاللىقتىن، غەلىبىدىن كۈلەتتىم. چۈنكى قورالنىڭ، قوراللىقلارنىڭ يېڭىلگەنلىكى ماڭا بايرام ئىدى. چۈنكى شۇ قورالنىڭ قۇدرىتى بىر قىسىم ئۇيغۇرنىڭ قەددىنى پۈكسە، يەنە بىر بۆلەك ئۇيغۇرنى قورالغا مەستانە قىلماقتا ئىدى. قوراللىقلارنىڭ قانخورلۇقى سەۋەبلىك قويدەك ياۋاش، سۇدەك رايىش ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىگە قان قۇيۇلماقتا ئىدى.

مېنىڭ خىيالغا كەتكەنلىكىمدىن بىخەۋەر جاڭ سۆزىنى داۋام قىلدى، «سەن كۈلگەن بىلەن مەن قورقۇپ كەتتىم، شۇ چاغدا قوي ئەمەس، ئادەم بولغان بولسا، مەن ئۇنچە كۆپ قاننى، قانغا مىلىنىپ ياتقان ئانا بالا قوينى ئەمەس، ئادەمنى كۆرگەن بولسام، ساراڭ بولۇپ قالغان بولاتتىم. قارىسام، ئۆلگەن بىر قوي قوزىلىق ئىكەن، قوزا ئانىسىنىڭ قورسىقىغا چاپلاشقانچە قانغا چىلىنىپ كېتىپتۇ. مېنىڭمۇ ئانام يالغۇز، خۇددى شۇ قوزىنىڭ ئانىسى قانداق ئانا بولسا بىزنىڭ ئانىمىزمۇ شۇنداق ئانا.»

جاڭ شۇنداق دەپ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالدى.

تولۇق بەت