قۇمۇللۇق «ئەسكەر» ۋە قەشقەرلىك «موللا»

0:00 / 0:00

جاڭ فامىلىلىكنىڭ دىليار بىلەن 1-8 نومۇرلۇق كامېردا بىللە ياتقانلىقى مېنى ھاياجانغا سالغان ئىدى. چۈنكى قامالغاندىن بېرى دىليار سوراققا ئېلىپ چىقىلغاندا ئۇنى كارىدوردا ئۇچرىتىپ قالغاندىن باشقا ئەھۋالىدىن ھېچ بىر ئۇچۇر ئالالمىغان ئىدىم. سالامەتلىكى ۋە مىجەزى سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن ئىزچىل ئەنسىرەپ كېلىۋاتقان ئىدىم. دىليارنىڭ بىر پۇتى ئاقسايتتى، مىجەزىدە قارشىلىق كۈچلۈك، ھەرىكىتىدە قەتئىيلىك ۋە تەۋرەنمەسلىك مۇجەسسەم ئىدى. ھالبۇكى، سوراقتا بەزى چاغدا قەتئىي ئىرادە ئەسقاتسا، بەزىدە ئۆزگىرىشچان تەدبىر كارغا كېلىپ قالاتتى. خىتايدا سوراقچى ئالدىدىكى كىشىنى جىنايەت گۇماندارى ئەمەس، بەلكى جىنايەتچى ھېسابلايتتى. ئادەتتە سوراقچىلارغا كېرىكى سوراق خاتىرىسى بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن مەھبۇسنىڭ كىملىكى، قانداق جازالىنىشى مۇھىم ئەمەس ئىدى. تۇتقۇندىكى قارشىلىق كەيپىياتى سوراقچىنىڭ جەھلىنى قاتۇرۇپ سوراق خاتىرىسىنىڭ يامان نىيەتتە، دۈشمەنلىك بىلەن يېزىلىشىغا باھانە بولۇپ بېرەتتى.

جاڭ فامىلىلىكنىڭ ئېيتىشىچە، دىليار توختىماي ئەرز يازىدىكەن. ئەسلى قامالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى بەلگىلىمىسى بويىچە بولغاندا بىزنىڭ ئەرز قىلماق، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشمەك، ئادۋوكات تەكلىپ قىلماق قاتارلىق ھوقۇقلىرىمىز بار ئىدى. بۇ بەلگىلىمىدىكى ھوقۇقلارنى ھەر بىر مەھبۇس خىتايچە يادلاشقا مەجبۇرلانساقمۇ، ئەمما ھېچ بىرىمىز ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولالمايتتۇق. دىليار راستچىل بولغاچقا يادلانغان قۇرۇق قائىدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ بېقىپتۇ. جاڭ فامىلىلىك ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقنىڭ ئىسمى نىشان ئىبراھىم ئىكەنلىكىنى دىليارنىڭ توختىماي شۇ كىشىگە يازغان ئەرزلىرىدىن بىلىۋاپتۇ.

دىليارنىڭ قاماقتا ئاچلىق ئېلان قىلغىنى مېنى نەچچە كۈن بىئارام قىلدى. ئەسلى مەنمۇ شۇ قارارغا كەلگەن، ئەمما قانچىلىك ئۈنۈمى بولار، دېگەن دېلىغۇللۇق ۋە كۆز ئالدىمدىكى ئېچىنىشلىق جازا مېنى توسۇپ قويغان ئىدى. بۇ ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىنى ئاڭلاپ جاڭدىن دىليارنى سورىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم. دىليارنىڭ ئېغزىغا شلانكا تىقىلىپ «ئازاب شورپىسى» ئىچۈرۈلۈپتۇ. مەنمۇ قامالغاندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ساقلاپ بېقىش، يەنىلا خەۋەر بولمىسا، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم دەپ ھەرىكەت قىلىشنى نىيەت قىلغان ئىدىم. ئەمما ئاچلىق ئېلان قىلغان بىر مەھبۇسنىڭ گېلىغا شلانكا تىقىپ قىزىق يېسىۋىلەك شورپىسى ماڭدۇرۇش جازاسىنى كۆرۈپ ۋاز كەچكەن ئىدىم. ھەر قېتىم دىليارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلغىنى ئېسىمگە كەلسە ھېلىقى مەھبۇسنىڭ سارغىيىپ كەتكەن چىرايى، قەي قىلىپ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلغانلىقى، ئاغرىقتىن سوغۇق تەرلەپ سىيىپ تاشلىغانلىقى كۆز ئالدىمغا كېلەتتى.

سىياسىي جىنايەتچى ئەمەسلىكىم 2014-يىلى مارتنىڭ ئاخىرىدا ئايدىڭ بولغان بولسا كېرەك، بىر ئادۋوكات كەلدى. ئۇنىڭدىن دىليار ۋە مەمەتسىدىقنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان بولساممۇ بېشىمىزدىكى كامېرانى ئىشارە قىلىپ زۇۋان سۈرمىدى.

«ھالال-ھارام» ھەققىدە گۇندىپايغا لېكسىيە سۆزلەپ جازالانغاندىن كېيىن چىققان كامېر دىليار ياتقان كامېرنىڭ قارشىسىدا ئىكەن. ئادۋوكاتىم كېلىپ ھەر قېتىم سىرتقا ئېلىپ چىقىلغاندا ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغان چىرايىنى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى ماڭا «ئادالەت ھامان غەلىبە قىلىدۇ،» دەۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.

دىليار بىلەن ئاخىرقى كۆرۈشكەن كۈنىمىز ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ كۈنى ئىككىلىمىز ئازاد ئىدۇق. مەن بىر كوچا باشقارمىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۈرۈمچىدە «بالىلار ئامانەتتۇر» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن ئىدىم. لېكسىيەدىن كېيىن «باغداش» تورىدا بولۇۋاتقان «خوجانىياز ھاجىنىڭ ئۈرۈمچىگە چىقىشى» دېگەن مۇنازىرە ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق. گەپ خوجانىياز ھاجىنىڭ قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇشى مەسىلىگە يۆتكەلگەندە،

-خوجانىياز ھاجى دۆلەت قۇرماقچى ئەمەس، ئادالەت بەرپا قىلماقچى ئىدى. قەشقەردىكى موللىلار ئۇنى سىياسىيغا سۆرەپ كىرگەن. خوجانىياز ھاجى بىر ئەسكەر، زۇلۇمغا قارشى بىر جەڭچى، ئۇنى جۇمھۇرىيەتكە رەئىس قىلىپ قويۇش خاتا بولغان، -دېدى دىليار.

-دىليار، دېسەم-دېمىسەم بۇ گېپىڭىز بىلەن سىز قۇمۇللۇق بولغاندىكىن ئۆزىڭىزنى خوجانىياز ھاجى دېمەكچى ۋە «مەن ئادالەتسىزلىككە قارشى قانۇنىي يول بىلەن مەيدانغا چىققان، قەشقەرلىك ئىككى زىيالىي سىياسەتكە تىقىپ قويدى»، دېگەن بېشارەتنى بېرىۋاتىسىزغۇ دەيمەن، -دەپ چاقچاق قىلدىم.

دىليار ھەر زامان ئەستايىدىل ئىدى، ئادەتتە چاقچاق قىلمايتتى. ئۇنىڭ چىرايىنى سەل ئۆزگەرتىپ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ كەتكىنىگە قاراپ كۈلگۈم كەلدى ۋە ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە پۇرسەت بەرمەي چاقچاق قىلغىنىمنى ئەسكەرتىپ پاراڭ تېمىسىنى بۇرىۋەتتىم.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.