كۆكتاغ قاماقخانىسىدا خورلۇق، غەزەپ ۋە ئىزتىراپقا تولغان تۇنجى كېچىدىن ئاخىرى قۇتۇلۇپ ئاتماس تاڭغا ئۇلاشتىم. يوتقاننى قائىدە بويىچە سەرەڭگە قېپىدەك قىر چىقىرىپ قاتلاشقا باشلىدىم. كامېرىدا ھەممە ئىش باشقىلارنىڭ نازارىتىدە بولغاچقا، ئازراقلا سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشمۇ يەتكۈدەك كۆڭۈلسىزلىككە سەۋەب بولاتتى. بىرەر كىشىنىڭ خاتالىقى ئېنىقسىزلىقلار ئىچىدە ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيۋاتقان مەھبۇسلار ئۈچۈن بىر تېپىلماس ئەرمەك ئىدى. شۇڭا ھەر قانداق ئىشنى مۇتلەق توغرا قىلماي بولمايتتى. ھەر قېتىم كامېر ئالماشقاندا يوتقان قاتلاشنى تىل-ھاقارەتلەر بىلەن قايتا-قايتا ئۆگىنىپ كېلىۋاتقىنىمغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، بۇ يېڭى قاماقخانىدا يەنە تەمتىرىمەكتە ئىدىم. خۇددى يوتقاننىڭ بىر يېرىنى خاتا قاتلاپ قالىدىغاندەك قوللىرىم تىترەيتتى.
باشقا قاماقخانىلارغا ئوخشاش بۇ يەردىمۇ ئادەم كۆپ بولۇپ، كامېردا ئىشنىڭ تايىنى بولمىغان بىلەن باشلىق ۋە قائىدە تولا ئىدى. 2014-يىلى مايدىن باشلاپ تۇتۇلغانلار بىراقلا كۆپىيىپ كەتكەچكە ئادەتتىكى دېلولارمۇ ساقچى، تەپتىش ۋە سوتچى ئارىلىقىدا ئىتتىرىلىپ سوزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھبۇسلارغا قاچان، قەيەردىن قانداق جاۋاب كېلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلمايتتى. شۇڭا كامېردا قەلبلەرنى چىرمىغان بىزارلىق، سەۋرسىزلىك ۋە زېرىكىش قەرەللىك بومبىغا ئوخشايتتى. مەھبۇسلارنىڭ بىرى «بومبا» غا پىلىك ھازىرلىسا يەنە بىرى ئوت ياقاتتى. كامېردا كىمنىڭ خاتالىشىپ قېلىشى مۇھىم ئەمەس ئىدى. مەھبۇسلار ئۈچۈن پەقەت جاننى قىيناۋاتقان تۇتقۇنلۇق ئازابى ۋارقىراش، دۇمبالاش ۋە مەسخىرىلەر بىلەن بىر دەم بولسىمۇ ئۇنتۇلسا، ئۆتۈپ كەتسىلا كۇپايە ئىدى. مۇشۇ ئەنسىزلىكتە يوتقان قاتلاشقا بېرىلگەن ئىككى مىنۇت ئىككى سائەتتەك بىلىنىپ كەتتى. خۇداغا شۈكۈر، يوتقاننى قاتلاپمۇ بولدۇم، ھېچ كىم قۇسۇر چىقارمىدى.
كۆڭلۈم سەل ئىزىغا چۈشۈپ قارىسام، ئۇيغۇر مەھبۇسلار يۈز يۇيۇشقا ئولتۇرۇپتۇ. خىتاي مەھبۇسلار كامېرنىڭ ھاۋالانمىغا قارايدىغان كەينى ئىشىكىگە يىغىلىپ بىر بىرىنى ئىتتىرىشكىلى تۇرۇپتۇ. ھەممىسى ئىشىكنىڭ گىرەچىسى ئەتراپىدىكى يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدەك ئاراچلاردىن كىرىۋاتقان ساپ ھاۋانى سۈمۈرۈشكە تىرىشاتتى. كامېر كەچ سائەت بەشتىن تارتىپ سەھەر سائەت سەككىزلەرگىچە دۈملەپ قويۇلىدىغان بولغاچقا ساپ ھاۋانى بىر پۇرىۋېلىشمۇ كىشىنى راھەتلەندۈرەتتى، ئەلۋەتتە. قىستىشىپ، تىللىشىپ بۇرنىنى يوچۇققا چاپلاۋاتقانلارغا قارىدىم. خالا ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ، خالا پۇرىقى بىلەن تاماقنىڭ پۇرىقىنى ئايرىيالماي غىزالىنىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ساپا ھاۋانى بىر ھىدلاش ئۈچۈن بولۇۋاتقان بۇ كۈرەشتە مەغلۇپ ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. چۈنكى سىرتنىڭ ساپ ھاۋاسىنى پۇرىغاندىن كېيىن كامېردىكى ھاۋانىڭ سېسىقلىقى تېخىمۇ بىلىنەتتى. پاكىز ھاۋانى بىر پۇرىغاندىن كېيىن سېسىقچىلىققا قايتا كۆنگىچە باشنىڭ قايغىنى قايغان ئىدى.
مېنىڭمۇ ئىشىككە چاپلاشقۇم، ساپ ھاۋانى ئۆپكەم تولغۇچە بىر پۇرىۋالغۇم كەلدى. ئەمما باشقىلار بىلەن ۋارقىرىشىپ ئىتتىرىشىۋاتقان دورداي كالپۇكنى كۆرۈپ رايىم يېنىپ قالدى. كېچىدە يۈزۈمگە بىر نەرسە چاچراپ ئويغىنىپ كەتكىنىمدە دورداي كالپۇك خىتاي شارقىرىتىپ سىيىۋاتقان ئىكەن. قوپۇپ بىر نەرسە دەي دېدىم-يۇ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولۇپ باشقىلارنىڭ ئاران كەلگەن ئۇيقۇسىنى بۇزغۇم كەلمىدى. يۈزۈمنى سۈرتۈپ ئۇنىڭ سىيىۋاتقان يېرىگە غەزەپ بىلەن بىرنى تۈكۈرۈپ بېشىمنى پۈركەپ يېتىۋالدىم. يۈزۈمگە سۈيدۈك چاچراشتىن ھەرقانچە قورقساممۇ يۈزۈمنى ئېچىشقا مەجبۇر ئىدىم. چۈنكى قاماقخانا قائىدىسى بويىچە باشنى چۈمكەپ ئۇخلاشقا بولمايتتى. شۇ ئويغىنىپ كەتكەنچە كىم ئۆرە تۇرۇپ سىيسە ياكى تەرەتكە ئولتۇرسا بىر قېتىم باش چۈمكەپ غەزەپ، چارىسىزلىك ۋە خورلۇقتىن ئۇخلىيالماي كىچىكىمدىن ئولتۇرۇپ سىيىشكە ئۆگەتكەن ئانامغا ئۇزۇن دۇئا قىلدىم.
ئىشىككە شۇنداق بارغۇم، ھېچ بولمىغاندا خىتاي مەھبۇسلار، پۇراۋاتقان، تالىشىۋاتقان ساپ ھاۋادا مېنىڭمۇ ھەققىم بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويغۇم كەلدى. لېكىن شۇنچە خىتاي مەھبۇس ۋارقىرىشىپ، قىستىشىپ ئۇرۇشمىغان بىلەن ئارىغا مېنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىم جېدەلگە سەۋەب بولاتتى. ھېچ بولمىغاندا ھېلىقى دورداي كالپۇك كېچىدىكى تۈكۈرۈكنىڭ دەردىنى ئالاتتى.
ئىشىككە چاپلاشقان خىتاي مەھبۇسلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىغا روشەن سېلىشتۇرما ھالدا ئۈنسىز يۈز يۇيۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا قارىدىم. ئۇلار يۈزىنى نېمانچە ئۇزۇن يۇيىدىغاندۇ دەپ كۆزەينىكىمنى تاقاپ قارىسام، بىر بىرلەپ تاھارەت ئالغىلى تۇرۇپتۇ. شۇنچىلىك بىغەم، شۇنچىلىك ئەستايىدىل ئېلىنىۋاتقان تاھارەتكە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. مەن قامالغان بىر يىلدىن بېرى بۇنداق مۇكەممەل تاھارەت ئالغاننى كۆرمىگەن ئىدىم.
ئىختىيارسىز كامېرنىڭ كارىدور تەرەپتىكى ئالدى ئىشىكىدىن پات-پات ئىككى تەرەپكە قاراپ تۇرۇۋاتقان، تۇرقىدىن جىددىيلەشكەنلىكى چىقىپ تۇرغان غېنىغا قارىدىم. ئۇ مېنىڭ ئۈنسىز تەئەججۈپلىرىمگە جاۋابەن كۆز قىسىپ قويدى. بۇ ئىشارەتنىڭ مەدىتى بىلەن مەنمۇ قاماق ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم مۇكەممەل تاھارەت ئېلىپ ئىشارەت بىلەن بامداتنى ئوقۇۋالدىم. نامازدىن كېيىن دۇرۇت ئوقۇپ ئولتۇرۇپ، كامېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سالدىم. غېنى قىزىل چاپانلىق بىر مەھبۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئابلىمىت، ماڭا نامىزىڭدا دۇئا قىلدىڭمۇ؟ بىلىمەن، سەن مېنى خىروئىنكەش دەپ دۇئا قىلمايسەن، ئەمما مېنىڭ قارا ئورىنىدىغان ئايالىم، قۇرئان يادلاتقان قىزىم دۇئا قىلىدۇ، - دېدى.
ئابلىمىت دېگەن بىر كۆزى ئاجىز لوپلۇق بالا بېشىنى كۆتۈرۈپ: توغرا دەيسىز، ئابدۇغېنى، دۇئا تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ. سىزگە قانچە قېتىم دېدىم، ئابلىمىت دەپ ئىسىم يوق، مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇلھەمىد. بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھقا ھەقىقىي ئىشەنسەك، زېمىنىمىزدا ئىسلامنىڭ شەرىئىتىنى يۈرگۈزسەك ئىشلىرىمىز ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، - دەپ بولۇپ ئىشىك تەرەپكە ۋە كامېراغا ئەنسىز قاراپ قويدى.
-سەن بىلمەيدىكەنسەن، بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئەركىنلىك ئوڭشايدۇ. سەندەك ئادەملەرنىڭ مەندەكلەرگە شەرىئەتنى چۈشەندۈرۈدىغانغا، ئىسلامنى تەشۋىق قىلىدىغانغا، بالىلىرىمىزنى يىغىپ قۇرئان يادلىتىدىغانغا ئالدى بىلەن ئەركىنلىك بولمىسا بولمايدۇ، - دېدى غېنى يۈزىنى قاشلاپ.
-ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈن بولمىغان يەردە نۇسرەت بولمايدۇ، ئىسلامىي ئەركىنلىكمۇ بولمايدۇ. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن يول بىلەن ماڭمىساق ئەركىنلىك ئىزدەپ ماڭغىنىمىز، ياۋروپالىقلارنىڭ ھايۋانىي ئەركىنلىك يولى بولۇپ قالىدۇ، - دەپ قىزىشىپ سۆزلەشكە باشلىدى ئابلىمىت. چاچ ساقاللىرى تولۇق ئاقارغان ئىككى بوۋايمۇ گەپكە ئارىلاشماق بولۇپ ئاغزىنى ئۆرمەللىدى-يۇ، ماڭا شۈبھىلىك قاراپ قويۇپ جىمىپ قالدى.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.