ھېيت قاچان بولىدۇ

0:00 / 0:00

2014-يىلى باش كۈز كۈنلىرى ئىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىمغىچە دىققەتتە ئولتۇرغاندىن كېيىن ھۆرلۈك مىنۇتلىرىغا ئۇلاشتۇق. يېرىم سائەتلىك دەم ئېلىشتا ئۇيغۇر مەھبۇسلار پەگاھتا مېڭىشقا باشلىدۇق. سېنتەبىرنىڭ بىرىدىن باشلاپ ھاۋالانمىغا ئېچىلغان ئىشىك تاقىۋېتىلگەن بولغاچقا، كامېردىكى 18 ئادەم ئەركىنلىكتىنلا ئەمەس، ساپ ھاۋادىنمۇ ئايرىۋېتىلگەن ئىدۇق. ئارام ۋاقتى كەلگەن ھامان خىتاي مەھبۇسلار كامېرنىڭ ھاۋالانمىغا قارايدىغان ئىشىكىگە چاپلىشىپ يوچۇقتىن كىرىۋاتقان ساپ ھاۋانى تالاشماقتا، چۇرقىراشماقتا ئىدى. كامېرنىڭ كارىدورغا قارايدىغان ئىشىكىگە يېرىم مېتىر كېلىدىغان يەرگە سېرىق سىزىق سىزىلغان بولۇپ گۇندىپاي كېلىپ چاقىرمىسا ئاتلاشقا ئىجازەت يوق ئىدى.

مەن كۆكتاغ قاماقخانىسىغا يۆتكىلىپ بۇ كامېرغا قامالغاندىن كېيىن مىدىرلىغۇدەك پۇرسەتلا بولسا ھەرىكەتتىن توختىمىغان ئىدىم. دەسلەپ ماڭا ئەگىشىپ پۇتلىرىدىكى كىشەنلەرنى شاراقلىتىپ ماڭغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار دىققەت تارتىپ غۇتۇلداشلارغا سەۋەب بولدى. ئەمما ماڭا ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا سەپ تارتىدىغان قوشۇنىمىزغا سەپ سالىدىغانلار، كۆز ئالايتىدىغانلار تەدرىجىي ئازلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ خاتىرجەم بولۇپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىزگىمۇ يۈرەك كىرىپ قاتارلىشىپ ماڭغاچ ئانچە-مۇنچە ئۇيغۇرچە پاراڭ قىلىشىدىغان بولدۇق. كامېر باشلىقى غېنى بەزەن ئالىيىپ قوياتتى، بەزەن ئاڭلىمىغان بولۇپ قولىدىكى كىتابقا قارىۋالاتتى.

ئۇ كۈنىمۇ ئۇيغۇرچە گەپ تېشىلدى. ئارىمىزدىن كىمدۇر بىرىنىڭ ھېيتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى ھەققىدە سوئالى پاراڭنى قىزىتىۋەتتى. ھازىر ئويلىسام، قاماقتىلا ئەمەس، ھەممە يەردە خاتالىق ماكان ۋە زاماننى ئۇنتۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن. ھېيتنىڭ گېپى بولغاندىكىن دىننىڭ گېپى چىقىشى تەبىئىي ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى سەپكە ئايرىلىپ مۇنازىرە ئەۋجىگە چىقتى. ھېچكىم ھېچكىمگە يول قويمايتتى.

مۇنازىرە روزا ھېيتنىڭ دۇنيا بويىچە بىر كۈندە بولۇش بولماسلىقى ھەققىدە بولدى. مەن بۇنى ئاينىڭ يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، شۇڭا ھەر قايسى رايونلاردا ئاينىڭ كۆرۈنۈش ۋاقتىنىڭ پەرقلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىر كۈندە رامىزان تۇتۇش ۋە ھېيت قىلىشنىڭ ھەمىشە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى دەپ تاشلاپتىمەن. شۇئان مېڭىۋاتقانلار توختاپ، توختىغانلار بىر بىرىمىزگە يۈزلىنىپ، ئىلىم بەيگىسىنى قىزىتىۋەتتۇق.

ئەھۋالغا قارىسام ھېچكىم ھېچكىمنىڭ دەلىللىرىگە قايىل بولىدىغان ئەلپازدا ئەمەس ئىدى. يەڭلەردىن تارتىشلار، بىزنى كۆزىتىپ تۇرغان كامېرانى ئىشرەت قىلىشلار كار قىلمىغاندىن كېيىن سۇ ئىچمەكنى باھانە قىلىپ نېرى كەتتىم. چۈنكى مەن بۇرۇن ھالال- ھارام مۇنازىرىسى ۋە تۇمار ۋەقەسىدە زەربىگە ئۇچراپ بۇرنۇمغا سۇ كىرگەنلىكىنى ئۇنتۇمىغان ئىدىم.

بىر چاغدا بىر خىروئىنكەش تۇڭگاننىڭ «سىلەرنى كىم ئۇيغۇرچە گەپ قىلسۇن دېدى!» دەپ ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى. ئۇ كامېردىكى سېسىققا پايلىماي ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار بىلەن ئىشىكنىڭ قېشىدا، سىمۇنت پولدا ياتاتتى. ئەسلىدىنلا ئۇيقۇسى ناچار بولغان بۇ سەپرا تۇڭگان يېنىدا ياتىدىغان ھاجىئەكبەرنىڭ چىڭراق تىنىقىنىمۇ خورەك تارتتى، دەپ شىكايەت قىلاتتى.

ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشما دېگىنى پەقەت بىر باھانە ئىدى. ئاپلا چاتاق چىقارمۇ دەپ تۇرۇشۇمغا «دا (ئۇر)» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ قاراس-قۇرۇسلار بىلەن مۇشت-پەشۋالاشلار ھەرىكەتكە كەلدى. بىكارچىلىقتا زېرىكىپ ئاران تۇرغان بەش ئالتە مەخلۇق كىشەنلەنگەن ئۈچ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنى پېتىقلاشقا باشلىدى. قانداق بولۇپ ئارىغا چۈشكىنىم ئېسىمدە يوق. بىر چاغدا كۆزۈمگە تەگكەن بىر مۇشت بىلەن ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، «ئادەم ئۆلدى» دەپ خىتايچە ۋارقىرىدىم.

ئىشىكلەر جالاقلاپ ئېچىلىپ توك كالتەك كۆتۈرگەن تۆت بەش گۇندىپاي يۈگۈرۈپ كىردى. باياتىن بېرى بەس-بەس بىلەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا ھۇجۇمغا ئۆتكەن باتۇرلار ياۋاشلارچە ئىشىكنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىككى قاتار بولۇپ تىك تۇرۇشتى. سىيپاشتۇرۇپ يۈرۈپ سۇنۇق كۆزەينىكىمنى تاپتىم. سېمونت پول قان بىلەن قىزارغان، ھاجى ئەكبەرنىڭ بۇرنى قاناپ، ئابلىمىتنىڭ كالپۇكى يېرىلغان ئىدى. كۆزەينىكىمنىڭ ئەينىكى پېتىپ كەتكەن ئوڭ كۆزۈم چىدىغۇسىز ئاغرىيتتى. ئىچىمدە «ھېيت قاچان بولاتتى، بىزگە نەدە ياشاۋاتىمىز، كامېردا نېمىگە بويسۇنىمىز، نېمىنى دەپ نېمىنى دېمەيمىز، قايسى ئەمەلنى مەخپىي، قايسى ئىبادەتنى ئاشكارا قىلىمىز، دېگەنلەرنى بىلگۈدەك ئەقىل كىرمىسە ھېيت پەقەت بولمايدىغان ئوخشايدۇ، » دەپ غۇدۇرىدىم.

قازاق گۇندىپاي سۇنغان كۆزەينىكىمنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ تېلېفون نومۇرىنى يېزىۋالدى. ئۇ تاياق يېگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىمگە قۇلاقمۇ سالماستىن «سەن ئارىلاشما بولامدۇ!» دەپ ۋارقىرىدى. ھاجىئەكبەر بىلەن ئابلىمىتنى جازالاپ بىر كېچە ئۇخلاتماي تامغا قارىتىپ تۇرغۇزۇپ قويۇشقا بۇيرۇدى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.