«ئاخىرقى تەلىپىم - كۆزەينەك»

0:00 / 0:00

كامېردا ھېيت ھەققىدە قىلغان مۇنازىرە سەۋەبلىك ئوپچە تاياق يەپ كۆزەينەكتىنلا ئەمەس، مېنى خوش قىلىدىغان رەڭلەر دۇنياسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم. كامېردا تام ئاق، ئىشىك ۋە ھاۋادان كۈلرەڭ، كىيىملەر بولسا سېمونتتەك بەدرەڭ ئىدى. كۆزەينىكىم بار چاغلاردا ھېچ بولمىسا تېلېۋىزوردىن كۈندە بىر قېتىم بولسىمۇ يېشىل، كۆك، سېرىق ۋە سۆسۈن رەڭلەرنى كۆرەلەيتتىم. دىققەتتە ئولتۇرىدىغان ۋاقىت توشۇپ يېرىم سائەت ئارام، ئاندىن يېرىم سائەتلىك تاماقلىنىش ۋاقتى بېرىلەتتى. تاماقتىن كېيىن ئىككى سائەت تېلېۋىزور تەشۋىقاتى قويۇپ بېرىلەتتى. خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسىنىڭ قاڭقىرىقاڭ قىلغان مۇزىكىسى ماڭا خۇددى نورمال بىر ھاياتنىڭ گۈدۈكىدەك بىلىنىپ ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم.

ئەسلى «مەملىكەت ۋە خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» دېگەن خەت بىلەن چىقىدىغان بۇ مۇزىكىغا ئۆچ ئىدىم. چۈنكى كىشىنىڭ پەيزىنى ئۇچۇرىدىغان بۇنداق قۇرۇق گەپلەرنى كوچا-كويلاردا كانايلاردىن ئاڭلاپ شوئارلاردىن كۆرۈپ تويۇپ كەتكەن ئىدىم. بۇ مۇزىكا چىقىپلا ئالدى بىلەن خىتايدا قانداق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، ئاندىن دۇنيانىڭ نەقەدەر قالايمىقانلىقى، ئاخىرىدا خىتاي رەھبەرلەرنىڭ بۇ قالايمىقان دۇنيادا قانداق مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىناتتى. ھالبۇكى كامېردا، ئايلاپ تۆت تامنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ شۇ خەۋەرلەرنى كۆرۈش ماڭا دۇنيادا قاماقخانىدىن باشقا تاغلار، دەريالار ۋە باغلارنىڭ تېخىچە مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇراتتى.

كۆزەينىكىمدىن مەھرۇم قالغاندىن كېيىن تېلېۋىزورنىڭ ئورنىدا بىر رامكىنى كۆرىدىغان بولدۇم. ھەر كۈنى رادىيو ئاڭلىغاندەك شۇ رامكىدىن خىتاي دىكتورلارنىڭ ماشىنىغا ئاۋاز بەرگەندەك ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم. كۆزەينەكنىڭ يوقلۇقى ماڭا كۆزۈمنىڭ قاماقتا نەقەدەر ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. تامغا يوغان يېزىلىپ ئېسىلغان قامالغۇچىلار قائىدىسىدىكى خەتلەرمۇ قۇر-قۇر سىزىقلاردەكلا كۆرۈنۈپ ئوقۇغىلى بولمىدى. مەن يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىم ئاز كەلگەندەك كۆز نۇرىنى يىغالماسلىق كېسىلىگىمۇ مۇپتىلا بولغان ئىدىم.

2014-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىغۇ دەيمەن. تۇيۇقسىز ئىسمىم چاقىرىلدى. مەن قايتا سوتقا چىققۇدەكمەن. قارىغاندا، ئارىمىزدىن بىرەيلەن ئوتتۇرا سوتقا ئەرز قىلغاندەك قىلاتتى. ئادۋوكات بىرىنچى سوتتا ماڭا قايتا ئەرز قىلماسلىقنى ئېيتقان ئىدى. كىم ئەرز قىلغاندۇ، ئەجەبا؟ ئىككى دوستۇمنىڭ چىرايى بىر بىرلەپ خىيالىمدىن كەچتى. كۆكتاغ قاماقخانىسىغا مەمەتسىدىق بىلەن ئىككىمىز يۆتكەلگەن بولۇپ، دىليار تىكقۇدۇقتا قالغان ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن، قايتا سوت ئېچىلغاندىن مەمنۇن بولدۇم. مۇشۇ پۇرسەتتە ئانام، ئايالىم ۋە قېرىنداشلىرىمنى كۆرەلەيتتىم.

بىر ئويلىسام، سۆيۈملۈكلىرىمگە بۇ سېمونتتەك نۇرسىز، سوغۇق، شۇملۇق پۇرايدىغان، بەدرەڭ رەختتىن تىكىگەن مەھبۇس كىيىمىدىكى ھالىتىمنى، چاچ بىلەن ساقال تەڭلا ئۆسكەن سولغۇن يۈزۈمنى كۆرسەتكۈم يوق ئىدى. يەنە بىر يەرلىرىمدىن ئۇلارنى كېلەلەرمۇ، كەلسىمۇ بوپتىكەن دېگەن تامامۇ تۆكۈلۈپ تۇراتتى.

بۇ قېتىمقى سوت ھەققىدە نە ئادۋوكات كەلمىدى. نە سوتتىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلمىدى، ھەتتا ئۇلار ئالدىنقى قېتىم قىلىنغان سوتتىن بۇرۇنقى رەپىتىسنىمۇ قىلىشمىدى. شۇڭا بۇ قېتىم سوتقا كىملەرنىڭ كېلىشىدىن ھېچ بىر خەۋىرىم بولمىدى. ھېچ بولمىسا قازاق گۇندىپاي بىلەن كۆرۈشكەن بولسام، ئاكامدىن كۆزەينىكىمنى سوتتا ئېلىۋالساممۇ بولاتتى. مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغمايتتى. ئۈچ ئايدىن بېرى بۇرنۇم خالا، تەر ۋە زەي پۇراپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ باقمىغان، كۆزۈم گۇندىپاي، ئىشكەل ۋە مەھبۇسلا كۆرۈپ بىرەر تۈپ دەرەخ، بىرەر تال گۈل كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.

بۇ قېتىم قولۇمغا ئىشكەل، پۇتۇمغا كىشەن سېلىپ بىر زەنجىر بىلەن قۇلۇمنى پۇتۇمغا چېتىپ قويغاندا ئانچە خورلۇق ھېس قىلمىدىم. قارىغاندا، ئىنسان كۆنسە كېرەك. تۇنجى قېتىم باشتىن كەچۈرگىنىم سىناق بولۇپ، ئۇ ئىمتىھاندىن ئۇتۇقلۇق ئۆتكەن ئوخشايمەن.

بۇ قېتىم سوت زالىغا بىرىنچى قېتىمقىدەك بىرگە ئېلىپ كىرىلمىدۇق. ئۈچەيلەننى بىر بىرىمىزگە ئۇچراشتۇرماي ئايرىم-ئايرىم زالغا ئېلىپ كىرىپ سوتچىنىڭ ئالدىغا تىزدى. خۇددى بىز قاچىدىغاندەك ئىككى تەرىپىمىزدە ئىككى ساقچى تۇرۇپ، قوللىرىدا شىللىمىزدىن بېسىپ باش ئەگدۈرۈپ قويدى.

سوتنىڭ ئالدىدا ماشىنىدىن چۈشكەن، كارىدوردا ماڭغان ۋە زالغا ئېلىپ كىرىلگەندە شۇنچە دىققەت قىلىپمۇ ھېچ كىمنى كۆرەلمىدىم. ھەر خىل چىرايلارنى ۋە ھەر رەڭدىكى كىيىملەرنى كۆرەتتىم، ئەمما ھېچ كىمنىڭ يۈزىنى پەرق قىلالمايتتىم.

سوتتا ئەيىبلىگۈچى بار، ئەمما ئادۋوكات يوق بولۇپ، مەمەتسىدىق ئۆزى ئۆزىنى ئاقلىدى. ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقىغا بۇرۇن قايىل ئىدىم. بۇ قېتىم قايىل بولۇپلا قالماي ھەيران قالدىم. ئۇ بىرىنچى سوتتا بىزنى «خىلاپلىق قىلدى» دېيىلگەن قانۇن ماددىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەتبىق قىلىنىشى ھەققىدە تەپسىلىي ئىزدەنگەن ئىدى. ھەتتا بىز بىلەن ئوخشاش تۈردىكى جىنايەتلەر ئارتىلغان دېلولارنىڭ كېسىم ئەھۋالىنى مىسال قىلدى. ئۇنىڭ ئاقلىشىچە، بىز پۈتۈنلەي گۇناھسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە، قانۇنسىز قامالغىنىمىز ئۈچۈن تۆلەمگە ئېرىشمىكىمىز لازىم ئىكەن.

سوتچى بۇلارنى ئاڭلاپ تەپتىشكە قارىدى، تەپتىش دەلىللەرگە رەددىيە بەرمەستىن بېشىنى قەغەزدىن كۆتۈرمەي بىرىنچى سوتتىكى ئەيىبنامىنى قايتا بىر رەت ئوقۇپ چىقتى.

ماڭا سۆز ھەققى بېرىلگەندە مەن بىزنىڭ بىرىنچى سوتتىن بۇرۇن تەپتىشكە بەرگەن ئىقرارىمىزنىڭ ئالداش، قىستاش ۋە قورقۇتۇش بەدىلىگە بولغانلىقىنى، بىزنى تەپتىشنىڭ شۇ بويىچە ئىقرار قىلمىساق يا تېخىمۇ ئېغىر كېسىدىغان ياكى سىياسىيغا باغلاپ مۇددەتسىز كېسىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى ئېيتتىم. دىليارمۇ مۇشۇ مەنىدە ناھايىتى دەلىللىك قىلىپ سۆز قىلدى. بىز ئۈچ كىشى بىر ئاۋاز بولۇپ سوتنى كونرول قىلدۇق. سوتچى بولسا ھېچ بىرىمىزنىڭ سۆزىنى بۆلمەي ئاڭلىدى. كۆزەينىكىم بولمىغاچ ھېچ كىمنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆرەلمىدىم.

سوت تېزلا ئاياغلاشتى. ئاخىرىدا دەيدىغانلىرىڭلار بارمۇ؟ دەپ سورالغاندا دىليار ھېچ تەمتىرىمەي ناھايىتى جاراڭلىق قىلىپ: «ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئاتالمىش بۇ دېلويىمىزدا سوراقچى، تەپتىش ۋە سوت خادىملىرى ناھايىتى ئەستايىدىل خىزمەت قىلدىڭلار، قىزغىن ئىشلىدىڭلار، جاپا چەكتىڭلار، ئەمما ھەممىڭلار قانۇنغا ئەمەس، سىياسىي بۇيرۇققا ئەمەل قىلدىڭلار، ھېچ بىرىڭلار كىيگەن كىيمىڭلەرگە لايىق قانۇن بويىچە ئىش قىلمىدىڭلار. بۈگۈن مەمەتسىدىقنىڭ سۆزىنى كاتىپ يازدى، مۇشۇ يەردىكى كىشىلەر شاھىت بولدى، بۇ تارىخ قالدۇرۇلدى. كامېرادا قانۇن ئىجراچىلىرىمۇ، شاھىتمۇ، نەق مايدانمۇ، گۇماندارمۇ ھەممىمىزنىڭ سىنلىق ئارخىپى ساقلاندى. قانۇن ھەممىدىن ئۈستۈن بولىدىغان، ئادالەت نۇر چاچىدىغان شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ. شۇ كۈنى ئورۇنلىرىمىزنى چوقۇم ئالمىشىدۇ، مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن،» دېدى. ئۇنىڭ ماڭا ھازىرغىچە تەسىر قىلىدىغان يۇقىرىقى سۆزلىرىنى ئويلاپ، مەمەتسىدىقنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە دىققەت قىلماپتىمەن.

ئاخىرقى سۆزنى دېيىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەن ئىدى. قارىسام، دىليار شۇنچە تولۇق، مەنلىك، چوڭقۇر قىلىپ چۈشەنچە بېرىپ بولدى. مەمەتسىدىقنىمۇ ئۈچىمىزنىڭ ئادۋوكاتى بولۇپ بىزنى يەنە ئاقلاپ سۆز قىلدى دەپ ئويلىدىم. ماڭا دەيدىغان ھېچ بىر گەپ قالغاندەك ئەمەس ئىدى. ئويلىسام سوتقا ئېلىپ مېڭىلغاندىن بېرى خىيالىم قەدىردانلىرىمنى بىر كۆرۈۋېلىشتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن سوتچى ئايالغا قاراپ «مەن بىر يىلدىن ئاشتى قاماقتا، بۈگۈن زالدا ئائىلىمىزدىن كىم كەلدى، دوست بۇرادەرلىرىم بارمۇ، بىر كۆرگۈم بار ئىدى. ئەپسۇس، كۆزەينىكىم كامېردا ئۇيغۇرچە گەپ قىلغىنىمىز ئۈچۈن تاياققا يەپ سۇنۇپ كەتتى. ماڭا بىر كۆزەينەك بەرگەن بولساڭلار، كەينىمگە قاراپ كەلگەنلەرنى بىر كۆرۈۋالسام،» دېدىم.

شۇ ھامان چوڭ ئاكامنىڭ بوغۇلغان ئاۋازدا «ئابدۇۋەلى، ئۇكام مەن كەلدىم، مانا كۆزەينەك!» دەپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى. كەينىمگە قارىسام، بىر سايە ماڭا قاراپ كېلىشكە باشلىدى. شۇ ھامان يېنىمدا تۇرغان ئىككى خىتاي ساقچىنىڭ بىرى بېشىمنى قوپاللىق بىلەن ئالدىمغا قارىتىپ قويدى، يەنە بىرى ئاكامغا قاراپ «كۆزەينەكنى بېرىشكە بولمايدۇ، مىدىرلىما!» دەپ ۋارقىرىدى. شۇ چاغدا سوتچى ئايالنىڭ غەزەپلىك ئاۋازى ھەممىنى بېسىپ چۈشتى. - كۆزەينەكنى بېرىشكە بولامدۇ-بولمامدۇ، قارارنى مەن چىقىرىمەن. كۆزەينەكنى ئەكېلىپ بەر! - دېدى. ئاخىرقى بۇ بۇ بىر مەيدان كۈرەشتە ئادالەتنىڭ يېڭىپ چىققىنىدىن، بىر ئۇيغۇر چىقارغان قارارنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىدىن خۇددى سوتتا ئۇتقاندەك ھاياجانلاندىم.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.