قاماقتا ئۆزۈمنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە توقۇپ كېلىۋاتقان رازۋېدكا ھېكايىسىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك پېرسوناژ ئىكەنلىكىمنى بىلگەنتىم. ئۇلار ئەڭ خەۋپسىرەيدىغان ئىككى دۆلەت - تۈركىيە ۋە ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىم - مېنى مەزكۇر ھېكايىدىكى كۈچلۈك سىياسىي ئارقا تىرەككە ئىگە باش قەھرىمانغا ئايلاندۇرغان ئىدى. ئۇيغۇرنىڭ پۇقرالىق ۋە ئۇيغۇرلۇق ھوقۇقىنى خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنلىرىغا ئاساسەن قوغداشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىم ئۇلارچە نىقابىم ئىدى. يازمىلىرىم ۋە لېكسىيەلىرىم بىلەن ئانا تىلنى قوغداش قىزغىنلىقى قوزغاتقىنىم ۋە كىشىلەردە ئۇيغۇرلۇق غۇرۇرى ئويغاتقىنىم توقۇپ تەييار قىلىنغان بۇ ھېكايىنىڭ تەپسىلاتى بولۇشقا يارايتتى.
مېنى سوراق قىلغانلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن بايقىدىمكى، خىتاي ئۇيغۇرلاردىكى بارلىق نارازىلىق ھەرىكەتلەرنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ كۈشكۈرتۈۋاتقانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇلارچە بىر ئوچۇم مىللىي بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان ئاممىنى ئالداپ ئەكسىيەتچى ھەرىكەتلەرگە تەشكىللەيتتى. بۇ كونا گەپ بولۇپ، ئۇلار بۇ گەپلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدا بىرەر قارشىلىق بولغان ھامان تەكرارلايتتى. ئەمما خىتاي قولىدا بارلىق ئىمكانلار تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى 1949-يىلدىن بۇيان ئىزچىل شۇغۇللىنىۋاتقان ھەرىكەتلەردىن بەزدۈرۈپ رازىلار سېپىغا قوشالمايۋاتقانلىقنى ئېتىراپ قىلمايتتى. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ شاپائىتى بىلەن مەمنۇنىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى، بېيىپ پاراۋان تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلاتتى. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلارنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈردۇق دەپ داۋراڭ قىلغانچە، قارشىلىق شۇنچە كۈچىيىپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىمۇ كەسكىنلىشەتتى.
ھالبۇكى، خىتاي بۇ ئەيىبلەشلەردىن مەسىلە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا يوق، ئۇنى «ئاغدۇرمىچىلىق» دەپ تونۇپ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتەتتى. مەن دەل شۇنداق ئۆكتىچىلەر ئىچىدىكى«دۆلەت قانۇنى ئانا تىلنى قوغدايدۇ، سىز قوغدىيالىدىڭىزمۇ» دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ باستۇرۇلغانلارنىڭ بىرى ئىدىم. سوراقتا بىلدىمكى، غەربتە ئوقۇغىنىم غەربكە ماسلىشىپ خەلقنى «ئانا تىل يەسلىسى» نامىدا قۇترىتىشىمغا سەۋەب بولغانمىش.
بەزىدە يېرىم كېچىگىچە داۋام قىلغان سوراقتا مېنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ بۆلگۈنچىلىك پىلانىغا قانداق ماسلاشقانلىقىم، ئامېرىكىدىن قايسى ئورگاننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن كەلگىنىم ھەققىدە قىستاشلار ئەڭ كۆپ بولدى. ھەتتا ئامېرىكىدا كىمنىڭ ئالدىمغا چىققانلىقى، نەگە جايلاشقانلىقىم، تۇنجى ھەپتىسى نېمىلەرنى قىلغانلىقىم ۋە كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم تەپسىلىي سورالدى. خۇداغا شۈكۈر، مەن بىلەن «فورد مۇكاپاتى» غا ئېرىشىپ كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان خىتاي ساۋاقداشنىڭ ۋە مېنى ئايرودرومغا ئالغىلى چىققان موڭغۇل ساۋاقداشنىڭ ئىسمىنى دەپ بەردىم. سوراقچىلار تورغا كىرىپ بۇ ئىككى ئىسمىنى تاپالىدى.
ئەن جىڭكۈن دېگەن كېپەنچىراي خىتاي مېنى قەشقەردىن تۇتۇپ كەلگەندىن تارتىپ سوراقتا بىللە بولدى. ئۇ سوراقچىلارنىڭ باشلىقى ئىدى. بىر كۈنى ئۇ مېنى ئايرىم سوراق قىلىپ مۇنداق دېدى:
- ئامېرىكا دۆلىتىمىزنى پارچىلىماقچى. ئۇلارنىڭ قولىدا بۇرۇن تىبەت، تەيۋەن ۋە تيەنئەنمېن دېگەن ئۈچ كوزىر بار ئىدى. ئامېرىكا بۇ قارتلار بىلەن يېتەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەچ، ھازىر ئۇيغۇر قارتىنى چىقىرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىكىنى «ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى» مەبلەغ بىلەن، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» تەشۋىقات بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» تەشكىلىي ئاپپارات بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. قارا، جۇڭگو مەدەنىيىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئامېرىكىنىڭ تارىخى ئاران 200 يىلدىن ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ كۈچى مەدەنىيەتتە ئەمەس، پۈتۈنلەي تېخنىكىدا. تېخنىكا دېگەن قورال، ۋاسىتە دېگەن گەپ، بىر مىللەتتە تېخنىكا بولۇپ مەدەنىيەت بولمىسا ھامان خاراب بولىدۇ. ئاخىرىدا سۇ ئېقىپ تاش قالىدۇ. دۆلەتلەر ۋەيران بولىدۇ، قالىدىغىنى مەدەنىيەت. تارىختا نۇرغۇن خانلىقلار يوقاپ كەتتى، ئەمما جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ھازىر قورال بىلەن مەدەنىيەت ئارىسىدىكى تاللاشقا دۇچ كەلدى. ئۇيغۇرلار 5000 يىللىق مەدەنىيەت بىلەن 200 يىللىق تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ بىرىنى تاللىشى كېرەك. ھازىر دۇنيادا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى پۈتۈنلەي بىز تەرەپتە. بىز ھېچ بىر مۇسۇلمان مىللەتكە دىن تارقاتمايمىز، تاجاۋۇز قىلمايمىز. شۇڭا ئارىمىزدا ئۇرۇش بولغان ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى خاتالىقى ئىسلام مەدەنىيىتىگە ماس كېلىدىغان جۇڭگو مەدەنىيىتىنى ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ پۇلى بىلەن غەربكە مەنسۇپ دېموكراتىيەگە ئالدىنىپ بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە ئەسەبىيلىككە بېرىلىپ كەتكىنى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئويغىنىشى كېرەك. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش بىز تەرەپتە تۇرۇپ غەربكە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلار ئامېرىكىنى قوللاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دوستى بولغان جۇڭگوغا قارشى چىققاچقا مۇسۇلمان دۇنياسىدا يالغۇز قالدى. تۈركلەر ئۇيغۇرلارنى تارىختىن ئالداپ كەلدى. ھازىرمۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان كۆرسىتىپ ئازدۇرۇۋاتىدۇ. تۈركىيە دېگەن غەرب بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى بىر ئارىسالدى دۆلەت، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەۋالغان بىلەن دېموكراتىيەگە پاتقان. شۇڭا خرىستىئان دىنىغا، پاھىشىۋازلىققا يول قويىدۇ. بۇ جەھەتتە بىز تۈركىيەدىن بەكرەك ئىسلامغا ئۇيغۇن، ھەمجىنىسلىققا، پاھىشىگە، غەربچە دېموكراتىيەگە ۋە ئەركىنلىككە يول قويمايمىز.
ئەن جىڭكۇن ئاخىرىدا «قۇرئان كەرىم» دىن ئۆزى ھەمجىنىسلىققا، خرىستىئان ۋە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش تەكىتلەنگەن دەپ بىلگەن بىر قانچە ئايەتنى ئوقۇپ ماڭا مەنىسىنى دەپ بەردى. مەن بولسام بىر ئېغىز گەپ قىلماي يېرىم كۈن بىر خىتايدىن «تەبلىغ» ئاڭلىدىم.
بۇلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، «بۇلار ئۇيغۇرنى قانداق ئالداشنى تولۇق ئۆگىنىپ بوپتۇ» دەپ ئويلىدىم. بۇرۇن خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ يېتىلەيدۇ، دېسە ئىشەنمەيتتىم. ئەن جىڭكۈن سۆزلىگەن «تەبلىغ» نى ئاڭلاپ ئىشەنمەيمۇ ئامالىم بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ گەپلەرنى ئاسانلىقچە خاتا دېگىلى بولمايتتى. ئازراق كىتاب ئوقۇغان ئادەم بولمىسا ئۇنىڭ مەيدانىغا ئۆتۈپ كېتەتتى.
سوراقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئىستىخباراتتا مۇسۇلمان ئەللەر بىلەن ھەمكارلىقتا ئىشلەيدىكەن، بولۇپمۇ مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئىران ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىستىخبارات، تېخنىكا ۋە ئادەم ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىكەن. مېنىڭ پارس تىلى بىلىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ئەن جىڭكۈن: «ئىران، تاجىكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ ئىستىخبارات خادىملىرى ۋە ساقچىلار بىزنىڭ قولىمىزدىن چىقىدۇ. بۇ شالتاققا تېيىلمىغان بولساڭ بىزگە پارىسچە بىلىدىغان ئادەم بەك لازىم ئىدى. بۇ دۆلەتلەر پۈتۈنلەي پارىسچە ئىشلىتىدىكەن ئەمەسمۇ!» دېگەن ئىدى سوزۇپ سۆزلەپ.
ئەن جىڭكۈن نەچچە رەت سۆزلىگەن بۇنداق «تەبلىغ» لەر سۆز-جۈملىلىرىگە قەدەر ئېسىمدە. بولۇپمۇ بىر قېتىم «سەن دىليارنىڭ شالتىقىغا تېيىلىپسەن» دەپ گەپ باشلىغىنى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇنىڭ «شالتاق» دېگەن سۆزنى توغرا ئىشلىتىشى ئۇيغۇرچە سەۋىيەسىنىڭ خېلىلا يۇقىرىلىقىنى دەلىللەيتتى. ئۇ بۇ «تەبلىغ» لەرنى بىرىنچى قېتىم سۆزلىگەندە سەل ھەيران قالغان، كېيىنكى قېتىمدا ئۈنئالغۇ ئاڭلىغاندەك تۇيغۇدا بولدۇم. ھازىر ئويلىسام، شۈركۈنۈپ كېتىمەن. چۈنكى خىتاي بىلەن ئەتراپلىق ئىستىخبارات ھەمكارلىقى بولغان شۇ دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەكتەپ، مەدرىسە ۋە پەتىۋا ئورگانلىرى بار ئىدى. سىياسىي بىلەن تۇتۇلغان شاھمامۇت، نۇرمەمەمەت، ئابلىمىت دېگەن كامېرداشلىرىم دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە ئامېرىكىغا ئائىت مەسىلىلەردە ئەن جىڭكۈندەك تەپەككۇر قىلاتتى. . . .
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
0:00 / 0:00