ناھاللىق ئاياق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شاياردىكى خىتاي تۈرمىسىنىڭ دەرۋازىسى.
شاياردىكى خىتاي تۈرمىسىنىڭ دەرۋازىسى.
Oqurmen teminligen

كۆكتاغ قاماقخانىسىغا قامالغان دەسلەپكى كۈنلەردە ناھاللىق ئاياق كىيىپ يۈرىدىغان بىر قازاق گۇندىپاي ھەققىدە پاراڭ كۆپ بولغان ئىدى. مەھبۇسلار ئارىسىدا بىرمۇ قازاق يوق، ئەمما تۇڭگان ۋە خىتايلار كۆپ بولغان بۇ يەردە ئىككى قازاق گۇندىپاينىڭ بولۇشى تەئەججۈپلەرگە سەۋەب بولاتتى. قاماقخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىمۇ قازاق كىشى ئىدى. بۇ ئىش ئۆزىنى ھەر يەردە ھۆكۈمران بولۇشى كېرەكتەك ئويلايدىغان پارىخور خىتاي مەھبۇسلار ئارىسىدا پات-پات غۇلغۇلا قىلىنىپ تۇراتتى.

ناھاللىق بەتىنكە كىيىپ يۈرىدىغان بۇ قازاق يىگىت مەھبۇسلارغا سىيلىق مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇيغۇرچىنى كىتاب ئوقۇغاندەك ئۆلچەملىك سۆزلەشكە تىرىشاتتى. قاماقخانا كارىدورىدا رىتىملىق «تاق، تاق، تاق» قىلغان ئاۋاز ماڭا نازارەتچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشكە كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. ئەمما خىتاي مەھبۇسلارغا بۇ ئاۋاز قازاقلار ھەققىدىكى تۈگىمەس مەسخىرىلەرنىڭ پىلتىسى بولاتتى. قازاقلارنى مەينەت دېگەنلەرمۇ، ئەخمەق، قوپال، ياۋايى دېگەنلەرمۇ بولاتتى. بىر قازاقنىڭ ناھاللىق بەتىنكە كىيىپ يۈرۈشى ئۆزىنى ئالىي مەلۇماتلىق دەپ قارايدىغان پارىخور خىتاي مەھبۇسلارنىڭ نەزىرىدە قازاقلارنىڭ زامانغا ماس كىيىنىشنى بىلمەيدىغان قالاقلىقىغا دەلىل قىلىناتتى. ئانچە مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن خىتاي مەھبۇسلار بولسا قازاقلار ھەققىدە تۈرلۈك مەسخىرىلىك گەپلەرنى قىلىشىپ ئەزۋەيلەيتتى.

ناھاللىق بەتىنكە كىيگەن قازاق گۇندىپاي كۈندۈزلىرى ھەر قېتىم كارىدوردىن ئۆتكەندە كامېردىكى خىتاي مەھبۇسلار قازاق گۇندىپاينىڭ ناھاللىق ئايىغىنى بەزىدە ئاتنىڭ، بەزىدە ئېشەكنىڭ تاقىسىغا ئوخشىتىپ مەسخىرە قىلاتتى. كېچىلىرى ناھاللىق بەتىنكە ئاۋازى تېخىمۇ جاراڭلىق ئاڭلىنىدىغان بولغاچقا ئۇزاق يېتىپ كەتكەن پارىخور مەھبۇسلار ئويغىنىپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى ئەسلىدىنلا سەگەك بولۇپ، ھەتتا بىرى تۇرۇبىدىن سۇ ئىچسىمۇ ئۆندەرەپ ئويغىنىپ بىر ۋاقىتلارغىچە ئوخلىيالمايتتى. شۇڭا ئۇلار بۇنداق چاغدا قازاق گۇندىپاينى جاھاندا بار سەت گەپلەرنىڭ ھەممىسىدە تىللاپ غوتۇلداپ كېتىشەتتى.

مەن جىمجىت كېچىدە نۆۋەتچىلىكتە تۇرغىنىمدا ناھاللىق بەتىنكىدىن چىققان ئاۋازغا قۇلاق سېلىپ خىيالغا كېتەتتىم. دادام رەھمەتلىكمۇ غۇلجىنىڭ غاچىلدايدىغان بەتىنكىسىگە ناھال قاقتۇرۇپ كىيىشنى ياقتۇراتتى. ئۇ ئۆيمىز بار كوچىنىڭ بېشىغا كېلىپ بولغۇچە تاراقلىغان ئاۋاز ئۆيگە ئاڭلىنىپ بولاتتى-دە، مەن ئوقۇۋاتقان روماننى تىقىشتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىگەن بولۇپ ئولتۇرۇۋالاتتىم.

كۈندۈزلىرى كامېردا ناھالنىڭ ئاۋازىدىن باشلانغان پاراڭلارغا گاس ياكى گاچىدەك كۆزۈمنى پارقىرىتىپ قاراپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر ئىدىم. بەزىدە غەزىپىم ئۆرلەپ سۆزلەپ تاشلايتتىم. ئوقۇغان خىتايلار تارىخ سۆزلەپ قازاقلارنىڭ ئەزەلدىن ئۆزلىرىگە بېقىنىپ قانداق ياشاپ كەلگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىشسا، ئوقۇمىغانلىرى قازاقلارنىڭ نەقەدەر ئەخمەق ۋە مەينەتلىكىنى مەسخىرە قىلىشاتتى. كامېردا يەتتە ئۇيغۇر بولغاچقا ئۇلار مەسخىرە قىلىۋاتقان، كەمسىتىۋاتقان مىللەت قازاق بولۇۋاتاتتى. ئەگەر كامېردا ئۇيغۇر بولمىغان بولسا ياكى مەندەك ئۇيغۇرنىڭ گېپى چىقسىلا كۆزى چەكچىيىپ كېتىدىغان بىرى بولمىغان بولسا ئەلۋەتتە دائىم سۆكۈلىدىغىنى ئۇيغۇر بولاتتى.

قاماققا كىرىشتىن بۇرۇن خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر ھەققىدىكى مەلۇماتىنىڭ بۇ قەدەر تىيىز، ساختا ۋە يېتەرسىز ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىكەنمەن. قاماقتا ئۇيغۇرلارنى «يېنىغا پىچاق ئېسىپ ئىچى پۇشسىلا ئادەم بوغۇزلايدىغان ياۋايى»، قازاقلارنى «يايلاقتا يۈرۈپ بىر ئۆمۈر يۇيۇنمايدىغان مەينەت» دەپ قارايدىغان خىتايلار بىلەن تولا تاكاللىشىپ يۈرۈپ خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىكلەر ئارىسىدا ھاڭنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىغىنى ھېس قىلدىم. خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدىن كان ئاچقىلى كەلگەن بىر خىتايغا ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مەھرۇملۇقلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلغان ئىدىم. ئۇ ئاخىرىدا قاماقتىن بوشىغاندىن كېيىن، مېنىڭ بۇ ھەقتە بىر كىتاب يېزىشىمغا مەبلەغ سالىدىغان بولغان ئىدى.

بىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن خىزمەت تەكشۈرۈشكە ئادەم كېلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. كامېرلار قايتىدىن تازىلىنىپ، يوتقان كۆرپىلەرنىڭ سىيرىقلىرىغا قەدەر تەكشۈرۈلدى. ھەممىمىز كۈزنىڭ ئاچچىق شامىلىدا تىترەپ، ياز ئۆتۈپ كۈز كەلگۈچە ھېچ كىم ھاۋالانغىلى چىقىپ باقمىغان ئىدى. شۇ كۈنى ھاۋالانمىدا ئانىدىن تۇغما ھالەتتە باشلىرىمىزنى چاڭگاللاپ تامغا قاراپ تۇردۇق.

تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئىنساپى كەلدىمۇ ياكى سوغۇقتا جاقىلداپ تىترەپ تۇرغان بۇنچە كۆپ يالىڭاچنى كۆرۈپ زېرىكتىمۇ كىيىم كىيىشكە ئىجازەت بەردى. ھەممىمىز قوللىرىمىزنى تىزىمىزغا قويۇپ قېتىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن قانداق تەلەپلىرىمىز بارلىقى سورالدى. شۇئان ئارىمىزدىكى مۇددەتسىز كېسىلگەن بىر زەھەر ئەتكەسچىسى «دوكلات، رەھبەر!» دەپ ۋارقىراپ ناھاللىق ئاياق كىيگەن قازاق گۇندىپايدىن شىكايەت قىلىشقا باشلىدى.

ئۇ تاراقلىغان ئاۋازدىن كامېردىكى خىتاي مەھبۇسلارنىڭ كېچىسى ئۇخلىيالمىغانلىقى، قىزىل جىلىتكە كىيىپ يېتىشى كېرەك بولغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئاۋازنىڭ قانچە قېتىم ئاڭلانسا نازارەتچىنىڭ قايسى كامېرنىڭ ئىشىكىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ كېچىدە جىلىتكە كىيمەيدىغانلىقى، كۈندۈزلىرى كامېرنى تەكشۈرۈشكە ئادەم كەلسە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ناھال ئاۋازىدىن ئالدىن بىلىۋېلىپ كىيىم-كېچەكلىرىنى تۈزلەپ، پۇت قوللىرىنى رۇسلاپ جازادىن ساقلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى، قازاق گۇندىپاينىڭ مىللەتچىلىك قىلىپ ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا كىتاب ئەكىرىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتقانلىقى. . . قاتارلىقلار ھەققىدە قاقشاپ كەتتى.

مەن بىر كۈنلەردە مۇشۇنداق بىر شىكايەتنىڭ چىقىشىدىن، ناھاللىق ئاياق كىيىپ يۈرىدىغان بۇ قازاق يىگىتنىڭ يۇقىرىقىدەك گۇناھقا شېرىك قىلىنىپ بالاغا قېلىشىدىن دائىم ئەندىشە قىلاتتىم. سىياسىي مەھبۇسلار كېچىلىرى يۈز پىرسەنت نىلوندىن تىكىلگەن قىزىل جىلىتكىنى كىيىپ يېتىشقا مەجبۇر ئىدى. جىلىتكە بەدەننى قىزىتىپ ئۇخلاتمايتتى. ئەگەر كېچىدە جىلىتكە كىيمىگەنلىك بايقالسا يېنىك بولغاندا بىر كېچە ئۇخلاتماسلىق، ئېغىر بولغاندا پۇتىدىكى كىشەنگە قولىدىكى ئىشكەلنى چېتىپ قويۇش، ئۆرە تۇرغىلى بولمايدىغان قاراڭغۇ ئايرىم كامېرغا بەند قىلىش قاتارلىق جازالارغا مەھكۇم بولاتتى. كۈندۈزلىرى سىياسىي مەھبۇسلار پۇتىغا كىشەن سېلىنىپ سېمونت يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلاتتى. كارىدوردا تەكشۈرگۈچىلەر بولمىغاندا ئانچە-مۇنچە پۇتلارنى ئۇۋىلاپ، ئوشۇقلارنى سىيلاپ جاننى ئارام تاپقۇزۇشقا بولاتتى. قازاق گۇندىپاي كىيىپ يۈرىدىغان ناھاللىق ئاياغنىڭ ئاۋازى مەھبۇسلارنى كارىدوردا نازارەتچى بار ياكى يوقلۇقىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى.

ناھاللىق ئاياغنىڭ ئاۋازى شۇندىن كېيىن يوقاپ كەتتى. قازاق يىگىتمۇ مەن ئازاد قىلىنغۇچە كارىدوردا قايتا كۆرۈنمىدى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

تولۇق بەت