2014-يىلى ماينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىن باشلاپ كامېرلارنى ئۇيغۇر مەھبۇسلار قاپلاپ كەتتى. دەسلەپ كىرگەنلەر ئىچىدە ياشلار كۆپ ئىدى.
ۋاقىت ئۆتكەنچە ئوتتۇرا ياش، ياشانغان ھەتتا ئاق ساقال كىشىلەرمۇ كامېرلارغا سولىنىشقا باشلىدى. قاماقتا كۈنى ئەڭ تەس بولىدىغىنى ئاشۇ مويسىپىتلار ئىدى. ئەتىدىن كەچكىچە قېتىپ دىققەتتە ئولتۇرۇش، تىل-ھاقارەت ۋە تاياقلار بىلەن بولىدىغان مەھبۇسلۇق مەشىقى، سانى چەكلەنگەن چوڭ كىچىك ھاجەت، ئانچە مۇنچە بىكارلىق «گۆش» چىقىپ قالىدىغان «ئازاب شورپىسى» ۋە كېچىلەپ نۆۋەتتە تۇرۇشلارغا جان توشىمايتتى. بولۇپمۇ ياشتا چوڭ، ھەرىكەتلىرى ئەپسىز، كۆزلىرى نۇرسىزلىنىپ، خاتىرىسى ئاجىزلىغان كىشىلەرگە ئاسان ئەمەس ئىدى.
شۇ كۈنلەردە ھەر كۈنى كامېرنىڭ ئىشىكىدىكى روجەكتىن بىر بوۋاينى سوراققا ئېلىپ مېڭىلغان ھالدا كۆرەتتىم. بوۋاي ماڭالمىسا كېرەك، بىر مەھبۇس يۈدۈپ ئېلىپ چىقىپ، يۈدۈپ قايتۇرۇپ كېلەتتى. ئۇچىسىغا سېرىق مەھبۇس كىيىمى كىيگەن، چاچ، ساقال پۈتۈنلەي ئاقارغان بۇ بوۋاي ماڭا دادامنى ئەسلىتەتتى. ھەر قېتىم بوۋاي سوراققا ئېلىپ مېڭىلغاندا كەينىدىن قاراپ قالاتتىم ۋە قايتىپ كىرمىگۈچە ئىچىمنى مۈشۈك تارمىلىغاندەك بىئارام بولاتتىم. كارىدوردىكى سائەتنىڭ تىللىرى توختاپ قالغاندەكلا بىلىنەتتى. بوۋاينىڭ ھالىغا قاراپ دادامنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىكى ھېكمەتنى چۈشەنگەندەك بولاتتىم. دادامنىڭ مۇشۇنداق كۈنلەرنى كۆرمەستە ئاللاھقا قايتقانلىقى كۆڭلۈمگە تەسەللى بولاتتى. شۇ دەملەردە سوراق قىلىنىۋاتقان بوۋاي ئۈچۈن دۇئا قىلاتتىم، «ئاللاھ بەندىلىرىگە مېھرىباندۇر، ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» دەپ شۈكۈر ئېيتاتتىم.
بىر كۈنى مەن بىلەن كامېرداش، قومۇشكۆل (ۋېيخۇلىياڭ) تەرەپتە تۇتۇلغان ئابدۇراخمانمۇ سوراققا ئېلىپ مېڭىلغان بوۋاينى كۆرۈپ، «ھەي ئىسىت، ئاشۇ بوۋايغىمۇ قول ساپتۇ، ئەجەب چارىسىز يارىلىپ قاپتۇق ھە ئابدۇۋەلى ئاكا! كىچىكىمدە بۇ ئادەم ماڭا ئايەت ئۆگەتكەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەنلىرىدە ئانامدىن، پەيغەمبىرىمىزمۇ مۇشۇ ئادەمدەك كۆيۈمچانمىدى، دەپ سورىغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە!» دېدى ماڭا قاراپ پىچىرلاپ.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بوۋاي قومۇشكۆلدىكى مەسچىتنىڭ ئالدىدا موزدۇزلۇق قىلاتتىكەن. ئۇ ئەتراپتىكى ئۇيغۇر بالىلاردىن بوۋاينىڭ قولىدا ھەپتىيەك ئوقۇمىغىنى ئاز ئىكەن. كامېردىكى تىكقۇدۇقلۇق (لۇداۋانلىق) ئىككىيلەنمۇ بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر بىرىگە قارىشىپ لەۋلىرىنى چىشلەشتى.
ئابدۇراخماننىڭ دادىسى كان ۋەقەسىدە قازا قىپتىكەن. ئۇ شۇ چاغدا بەش ياشتا بولۇپ دادىسىنىڭ ئۆلۈم كۈنىدە بېلىگە ئاق باغلانغاننىلا ئەسلىيەلەيدىكەن. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مەھەللىدە ئاق چېكىش ئەۋج ئاپتۇ. دەرەخلەرگە خرويىنكەشلەر ئىشلەتكەن شپىرىسلارنى سانجىلىپ، ھەتتا چەكمىگەنلەرنى ئارىغا ئالمايدىغان ئىش چىقىپتۇ. شۇ چاغلاردا بوۋاي ئاق چېكىدىغان بالىلارغا نەسىھەت قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىردىن جايناماز تارقىتىپ بەرگەن ئىكەن.
-مېنى شۇ بوۋاي ئادەم قىلغان، دېدى ئابدۇراخمان بىر كۈنى. - ئۇ كۈنى مەن كونا ئادىتىم بويىچە ئويۇنچۇقخانىدا ئىدىم. بوۋاي ماڭا لەڭمەن ئەكىرىپ بەردى ۋە ئويناپ بولغاندا قېشىغا چىقىشىمنى ئېيتتى. ئۇ مۇزدەك موزدۇزخانىدا بارمىقىم ماراپ قالغان ئايىغىمنى يامىغاچ ماڭا-سەن كىمنىڭ ئوغلى، كىمنىڭ نەۋرىسى بىلەمسەن؟ سېنىڭ داداڭ مۇشۇ كان رايونىدا بىز خەقتىن چىققان تۇنجى ئىنژېنېر، بوۋاڭ سوپاخۇن بىلەن ئاقسۇغىچە سوقۇش قىلىپ بارغان قەھرىمان. مەن بوۋاڭنى كۆرمىگەن، ئەمما داداڭ بەك دۇئا ئالغان ئادەم، ھەر كۈنى ئىشتىن يېنىپ ئۆز ئۆيىگە كىرمەي تۇرۇپ قېرىغاندا تۇل قالغان موماڭنى يوقلايتتى. داداڭ رەھمىتى بوۋاڭنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن تا قازا قىلغانغا قەدەر قەشقەردىكى تۇغقانلىرىغا ھەر يىلى بىر ماشىنا كۆمۈر ئەۋەتىپ بېرەتتى. داداڭ ياش كەتتى، ئاناڭ ئىشتىن قالغان، ئىككى سىڭلىڭ تېخى كىچىك، سەنمۇ مۇنداق كۈن نەدە كەچ بولسا شۇ يەردە يۈرسەڭ قانداق بولىدۇ، دەپ تەربىيە قىلغانتى. ھەي. . . شۇ غەيرەت قىلغانچە ئوقۇپ كەتتىم، كادىرلىق ئىمتىھاندىنمۇ ئۆتۈپ ئەمدى قولۇمغا مائاش كىرگەندە. . .
ئابدۇراخمان ھېكايىسىنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا ئىلھام دېگەن بىر مەھبۇس گەپكە ئارىلاشتى، -قىلغانلىرى ساڭا يارىسىلا ياخشى بولمايدۇ، «ئەھلى سۇننى ۋەلجامائە ئەقىدىسى» گە ئۇيغۇن بولسا ھېساب، ئۇ كىشىنىڭ بىزگە ئۆگەتكىنى ساپلا بىدئەت ئەمەللەر، سوپى بولغاچ بىزلەرگە بەك ئۆچلۈك قىلاتتى، دېدى ئۇ قوللىرىنى شىلتىپ. دەرھال ئورنۇمدىن قوپۇپ نېرى كەتتىم، ئادەتتە بۇنداق دىنىي مۇنازىرە خەتەرلىك بولغاننىڭ ئۈستىگە كۆڭۈلسىز ئاياغلىشاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كامېرىدا «ھالال ۋە ھارام» توغرىلىق «لېكسىيە» سۆزلەپ بالاغا قالغىنىم يادىمدا ئىدى.
تۈڭلۈكتىن نەيزىدەك چۈشۈپ تۇرغان ئاپتاپقا قارىدىم. بۇ ئەتىياز كىرگەندىن بېرى قاماققا چۈشكەن تۇنجى قۇياش نۇرى ئىدى. ئابدۇراخمانمۇ يېنىمغا كېلىپ تۈڭلۈككە قارىدى. ئۇ ئەسلى خوتەنگە خىزمەتكە چۈشكەن ئىكەن. ئۈرۈمچىگە تەربىيەلەشكە كېلىپ مەھەللىسىدىكى بىر سورۇنىدا تۇتۇلۇپتۇ. ئۆي ئاختۇرغاندا كومپيۇتېرىدا بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىدە قازا قىلغان بىر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رەسىمى بايقالغانلىقى جىنايەت بولۇپ قاپتۇ.
0:00 / 0:00