«كامېر بىخەتەر ئىكەن»

0:00 / 0:00

سىياسىي مەھبۇس دەپ قامالغانلار ئىچىدە بۇرۇن بىر قېتىم مەھكۇم بولغانلار بىلەن ئاسانراق تىل ئۇقۇشقىلى بولاتتى.

ئۇلار تەشكىلات قۇرۇپ، نامايىش تەشكىللەپ، ئەسەر يېزىپ، تەشۋىقات ۋارىقى چاپلاپ، كىتاب باستۇرۇپ تۇتۇلغانلار بولۇپ ئادەتتە ئۆزىنىڭ كىم ئۈچۈن، نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇلار ئۇيغۇرغا قانداق زۇلۇم قىلىنىۋاتقانلىقى، زۇلۇمنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى، تەرەققىياتنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقى، دۇنياغا كىملەرنىڭ، قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەتتى. 2014-يىلى مايدىن كېيىن كامېرلارنى تولدۇرغان «سىياسىي مەھبۇس» لار بولسا باشقىچە بىر چۈشەنچە دۇنياسىدا ياشايتتى. ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلىش ۋە ياخشىلىق قىلىشتا كۆپ قىينالدىم.

ئادەتتە قاماققا مەھكۇم بولغان ھەر بىر مەھبۇس ھەققىدە گۇندىپايلار خاتىرە قالدۇراتتى. بۇ خاتىرە مەھبۇسنىڭ كامېرىدا قانداق كۈن كۆرۈشىنى بەلگىلەيتتى. سورالغان سوراقلارغا جاۋاب ساددا بولغاچ تەرجىمە مايماق چىقاتتى. بەك تۈزلەپ كەتسەم بېشىمغا بالا بولاتتى، تۈزلىمىسەم كۆزۈم يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ قىينىلىشىغا گۇۋاھ بولاتتى. ھالبۇكى، «پالتا ساقلاپتىكەن، ساقال قويۇپتىكەن، ئاياللارنى نىقابقا بۇيرۇپتىكەن، نەزىرنى توسۇپتىكەن، ساز چالغۇزماپتىكەن، قازىخانا قۇرۇپتىكەن، مازار چېقىپتىكەن، ئىشتاننى قىسقا كىيىپتىكەن» دېگەنلەرنى خىتايچىغا بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئۆرۈپ چۈشەندۈرگىلى بولمايتتى. مەھبۇسلارغا مۇشۇنداق گەپلەرنى دېمەسلىك، دېسىمۇ دىنغا ئەمەس ئادەتكە باغلاش، ياكى گەپ ياساش ھەققىدە ئېيتقانلىرىم ھاۋاغا ئۇچاتتى. يەكەنلىك بىر بالىغا «ساقال قويۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى، شۇڭا قويغان دېگىن» دېسەم كۆزۈمگە قاراپ ئالىيىپ قويۇپ «پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى دەيمەن» دېگىنى ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

بىر كۈنى ئۈرۈمچىدىن تۇتۇلغان بىر پوسكاملىق بالا بىلەن خوتەندىن ئېلىپ كېلىنگەن بىرەيلەن گۇندىپاينىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرتىلدى. ئىككىلا مەھبۇسنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدە پالتا ساقلىغانلىقى تىلغا ئېلىندى. پالتا ساقلاشنىڭ سەۋەبى جىھادقا تەييارلىق قىلىشقا باغلاندى. مەن بۇنى «كۆمۈر چوقۇش ئۈچۈن ئۆيدە پالتا ساقلاپتىكەن» دەپ تەرجىمە قىلىپ بەردىم. گۇندىپاي ئالىيىپ: -يازدا چوقۇيدىغان قانداق كۆمۈر ئۇ، خوتەندىغۇ كۆمۈر چوقۇسۇن، ئۈرۈمچىدە كىم كۆمۈر ئىشلىتىدۇ، ئۈرۈمچىنىڭ كۆمۈرىنى كىم پالتا بىلەن ئۇششاقلاپ ئىشلىتىدۇ؟ سەن نېمە ياساپ تەرجىمە قىلىسەن؟ ئالدىنقى قېتىم ھەپتە جازالىنىپ ھوشۇڭنى بىلمىگەندىكىن سەنمۇ مۇشۇلارنىڭ بىرى ئىكەنسەن، چىقە بۈگۈندىن باشلاپ تەرجىمانلىق قىلما دەپ ۋارقىرىدى. ۋېي فامىلىلىك بىرى شىللەمدىن ئىتتەرگەن پېتى مەشىق كامىرى دەيدىغان يىلان چايانلار ئۇۋىسىغا سولىۋەتتى.
مەھبۇسلۇق مەشىقى يەنە يېڭىدىن باشلاندى، يەنە ئىشنى خالا چوتكىلاشتىن، خەقنىڭ تەرىتىگە سۇ ماڭدۇرۇشتىن، كامېر باشلىقىنىڭ ئۇچىسىنى تۇتۇشتىن باشلىدىم. ئۇ خىتاينىڭ دولىسىنى ئۇۋۇلاش بىلەن كۇسىرىنى يۇيۇش ئەڭ ئېغىر كەلگەن ئىدى.
ھەر يامانلىق كەينىدىن بىر ياخشىلىق ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشى دائىم ئىنساننىڭ چولتا ئەقلىدىن چىقىپ قالىدىكەن. يېڭى كامېردا بىرەيلەننىڭ ئۈنسىز ياردىمىگە ئېرىشتىم. ئەگەر ئۇ ئورنۇمغا خىتاينىڭ ئۇچىسىنى تۇتقىلى كېلىپ «مەن تاھىر» دەپ پىچىرلىمىغان بولسا تونۇيالماسكەنمەن. مەن ئۈرۈمچىدە بىر قانچە قېتىم كۆرۈشكەن، ئەمما تولاراق تېلېفونلاشقان، يېگەن ئىچكەندەك بەستلىك كەلگەن تاھىركام، ئورۇقلاپ پۈۋلىسە ئۇچۇپ كەتكۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
تاھىركامنىڭ ئۈرۈمچىدە بىر زاۋۇت ئاچقانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. يەسلى ئاچىمىز دەپ يۈرگەن چاغلاردا ئانچە مۇنچە تېلېفون قىلىپ «سىلى راست ساددىمۇ قەستەن ساددىلىق قىلىۋاتاملا، تۈرمە دېگەن چاقچاق كۆتۈرمەيدۇ جۇمۇسىلا، سىلى كومپاتىيەنى ئىمانغا كەلتۈرەي دەملايا» دەپ قوياتتى.

تاھىركام باشقا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ گۆلىيىشلىرىدىن پەرۋايى پەلەك خىتايلار بىلەنلا پاراڭ سالاتتى، دامكا ئوينايتتى، بەزىدە ۋارقىرىشىپ قەرتكە چۈشۈپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ماڭا قەستەن گەپ قىلمايۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. چۈنكى ئۇ دەيدىغان گەپلەرنى مەن تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن دەپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە تۇنجى قېتىم تۈرمىگە پارتىيە قۇرۇپ، ئاندىن ئامىننى ئۈنلۈك دېگۈزمىگەن ئىمام بىلەن جېدەل قىلىپ كىرگەن ئىكەن. 2002-يىلى ئۇ ھىزىبۇتتەھرىرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىپ 8 يىل تۈرمىدە ياتقان ئىكەن. مەنمۇ كامېردا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ مۇناسىۋىتىمىزنى چاندۇرغۇم يوق ئىدى، بىلمەكچى بولغىنىم ئۇنىڭ بۇ نۆۋەت نېمە سەۋەبتىن تۇتۇلغانلىقى ۋە نېمىشقا بۇ قەدەر خاتىرجەم، بۇ قەدەر خۇشاللىقى ئىدى.

ھەر كۈنى ئەتىگەندە دىققەتتە ئولتۇرۇش باشلانغاندا ھەممەيلەن جىنايىتىمىزنىڭ نامىنى، تۇتۇلغان ۋاقتىمىزنى، تۇتۇلۇش سەۋەبىمىزنى، قەيەردىن قەيەرگە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىمىزنى يادلاپ چىقاتتۇق. تاھىركامنىڭ ۋارقىراپ تۇرۇپ «دوكلات گۇندىپاي، ئىسمىم تاھىر» دەپ باشلىغان جۈملىسى «بۆلگۈنچىلىككە دائىر قانۇنسىز ئۈن-سىن ساقلىغان» دېگەن يەرگە كەلگەندە چۈشەنگەن ئىدىم. ماڭا دائىم ئېھتىيات ھەققىدە نەسىھەت قىلىدىغان بۇ ئادەمنىڭ بۇ قەدەر زور ئېھتىياتسىزلىقنى قىلىپ يەنە كامېردا ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىغەم يۈرۈشلىرى سەل غەلىتە بىلىنەتتى.

تاھىركام كامېر باشلىقى بىلەن يېقىن بۆلىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭغا كىرگەن پۇلغا باشلىق خىتاي تاماق بۇيرۇتۇپ يەيتتى. شۇ مۇناسىۋەتنىڭ شاراپىتى بىلەن مەنمۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ۋەزىپەمنى يېڭى كىرگەن بىر خىتايغا ئۆتكۈزدۈم. خەجلىنىۋاتقان پۇللار بەدىلىگە تاھىركام بىغەم، مەن ئازارسىز ئىدىم. بىر كۈنى كامېر باشلىقى ماڭا يېڭى كىرگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ جىنايەت ئەھۋالىنى خىتايچە يېزىپ چىقىشقا بۇيرۇدى.

-تاھىركا ئەمدى دەڭە، قانداق تۇتۇلدىڭىز؟ كامېرغا كىرگەنگە نېمانچە خۇشالسىز، خۇددى دۇئايىڭىز ئىجابەت بولغاندەك، دەپ سورىدىم ئۇنىڭ جىنايەت ئەھۋالىنى يېزىش باھانىسىدە. ئۇ چاندۇرماي بېشىمىزدىكى كامېرغا قارىۋېتىپ،
-قويىڭە، ماۋۇ سىناق ئالىمىدە ياشاپ جەننەتكە كىرىش ئېغىر كەلگەنلەر ئۈرۈمچىنى بۇزدى. ئويلاپ باقسام، مېنى ھامان تۇتىدىكەن، ئارقامغا ئادەم سالسا كەم دېگەندە بىرەر يۈز ئادەم تۇتۇلۇپ كەتكۈدەك. ئۆزىڭىز بىلىسىز بىز ئارىلىشىدىغانلار ماقۇلجانلار ئەمەس. خۇدا سالغان بۇ ئوت بىزنىمۇ جىم ياتقۇزمىغان. ساقچىلارمۇ ئىش چىقسىلا تەكشۈرەتتى. بۇ قېتىم بۇلار ھەممە يەرنى تىنتىشقا باشلىغاندا شىركەتنى «زىيان چىقتى!» دەپ تاقاپ ئالدىغا ئۆزۈم باردىم. ئەتراپىمدىكى دوستلارنى يىغسىلا يۈزدىن ئاشىمىز، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى قوشۇلسا بەش ئالتە يۈز ئادەم ۋەيران بولىدىكەن. مەن ئاران ئۈچ جان بولغاندىكىن ئۆزۈملا تارتاي دېدىم.

قوۋۇزلىرىدا گۆش قالمىغاچ تېخىمۇ قاڭشارلىق كۆرۈنىدىغان، سوقىراق كەلگەن بېشىدا چاچ قالمىغان بۇ ئادەم شۇنچىلىك تەبىئىي ئىدى. گەپلىرىدە ھېچ نەرسىنى شىپى كەلتۈرمەيتتى، قارارىغا ھېچ بىر ھكمەتتىن رەڭ بەرمەيتتى. تاھىركام ساقچىغا ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن نۇتقىنى ساقلىغان ۋە باشقىلارغا تارقاتقان دەپ مەلۇم قىپتۇ. ئۇ مېنىڭ نېمە سەۋەبتىن مەشىق كامىرىغا قامالغىنىمنى ئاڭلاپ قايناپ كەتتى.

كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان، شېئىر يازىدىغان بۇ كىشى ناتىق ئىدى. مەن ئۇزۇن بىر ماقالە يېزىپمۇ تولۇق چۈشەندۈرەلمىگەن مەسىلىنى تېلېفوندا بىر ئوخشتىش بىلەنلا يېشىپ بېرەتتى. خۇددى نەچچە قېتىم ئويلاپ تىزىۋالغاندەك دېيىلگەن يۇقىرىقى گەپلەرنى قانچە قېتىم يازساممۇ بىر يەرلىرىنى چۈشۈرۈپ قويغاندەك تۇيغۇدا بولىمەن. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاپتۇماتتەك راۋان قىلىۋەتكەندىن كېيىن كامېر خاتىرىسىنى ئاچقانچە قولۇمدا تۇرغان قەلەمنى تۈرتۈپ «يېزىڭە!» دېگەننى ئىما قىلغان ئىدى.

-مېنىڭ ئورنۇمغا بىرى كىرسە ئوننىڭ، ئونى كىرسە يۈزنىڭ بېشىغا چىقىدۇ. ما خەق بىزنى نادان قالدۇرۇپ ساراڭ قىلىۋەتكەن. بىزنىڭ بالىلار بىر بولسا سوراقتا تەتۈرلۈك قىلىپ ئىسمىنى سورىسىمۇ زۇۋان سۈرمەي تاياق يەيدۇ، يەنە بىر بولسا ھېلىقى پالتا ساقلىغان بالىدەك ئەجرىم كۆيمىسۇن، ساۋابىم ئۆلىمسۇن دەپ راست گەپنى دەيدۇ. ئارىمىزدىن مۇشۇنداق بالىلار تۇتۇلۇپ قالسا چاتاق چىقمىسۇن دەپ كىرىپ كۆنگەن، تاياقتا پىشقان ئۆزۈمنى كۆرسەتتىم مەھبۇس نامىزاتىغا!
تاھىركامغا ھەممە ئىش چاقچاق ئىدى. ئۇ كامېردىكى كۆزەتكۈنىڭ ئالدىدا قانداق ئويۇن قويۇشنى، كامېردىكى قايسى مەھبۇسقا قانداق چاقچاق قىلىشنى بىلەتتى. بىر كۈنى ئۇ چاقچاققا يۆگەپ- بۇ ئۆمرۈمنىڭ 13 يىلى تۈرمىلەردە ئۆتۈپتۇ. بۇ نۆۋەت كەسسە يەنە چىقىمەن، ھەر تۈرمىدە بىر مۇددەت بار. ئەمما سىرتتىكى قورقۇنچ ۋە ئەنسىزلىكنىڭ تۈرمىسى مۇددەتسىز. سىرتتا ھەمىشە يەنە قاچان تۇتار، كىم بىلەن قوشۇپ تۇتار دەپ ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان ئىش، بۇ ئۆمرۈمدە ھېچ يەر ماڭا مۇشۇ كامېردەك بىخەتەر، قۇلاق تىنچ بىلىنمىدى، دېگەن ئىدى خىتايچە.

تاھىركام يۇيۇنۇش ئۈچۈن تامغا قاراپ تۇرۇپ كىيىملىرىنى سالغاندا ياشلىرىمنى تۇتالمىدىم. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە يول يول كۆيۈك داغلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە پارتىيە قۇرۇپ تۇتۇلغاندا سوراقچىلار مەشتە زىخنى قىزىتىپ دۈمبىسىگە ياققان ئىكەن. 15 يېشىدا چامباشچىلىق مەشىق قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ شاۋلىن ئىبادەتخانىسىغا بارغان، كامېردا قۇرئاننى يادلاپ بولغان بۇ ئادەم تۈرمىلەردە توكچىلىق، تۇربىچىلىق، كەپشەرلەش دېگەندەك ھۈنەرلەرنى زېھىن قويۇپ ئاسانلا ئۆگىنىۋېلىپ ئانچە قىينالمىغان ئىكەن. قاماقتىن چىقىپمۇ ئۇنىڭ ھېچ كۈچىمەيلا بىر ئۇن زاۋۇتىنى ماڭدۇرۇپ بېيىپ كەتكىنىدىن خەۋىرىم بار ئىدى.