بىر كۈنى سوراق قىلىنىۋاتسام بىر ساقچى «ئاللاھ بىزنى بۇ زېمىنغا خەلىپە قىلىپ ياراتقان» دېگەن جۈملىدىكى مەنانى سوراپ كىرىپتۇ.
شۇئان ئېسىمگە خوتەندىكى لېكسىيەمدە شۇنداق دېگەنلىكىم كېلىپ ئەندىكىپ كەتتىم. سوراقچىلار ماڭا قارىدى. مەن سەگەكلىشىپ ئۇ جۈملىدىكى خەلىپە دېگەن سۆزنى «ۋاكالەتچى»، زېمىن دېگەن سۆزنى «يەر شارى» دېگەن مەنىدە خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ بەردىم. ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى زېمىن ۋە خەلىپە باشقا مەنىدە ئىدى. سورىغان ئۇيغۇر ساقچى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن سوراقچىلار قاقشاپ كەتتى. ئېيتىشىچە يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن خىتاي ساقچىلار ۋە خىتايچە ئوقۇغان ئۇيغۇر ساقچىلار كۆپىيىپ كەتكەنمىش، ئۇلار ئۇيغۇرچىنى تۈزۈك بىلمەسمىش، خېتىنى ئوقۇغىلى بولماسمىش. مەن دەرھال پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،نېمە ئۈچۈن ئانا تىل مائارىپىنىڭ ۋە تىلىمىزنى قوغداشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى قىستۇرۇپ قويدۇم، ئەمما ئىچىمگە بىر قورقۇنچ چۈشتى.
2013-يىلى ماي ئايلىرىدا شەھىدانە خوتەندە لېكسىيە سۆزلىگەن ئىدىم. مەن سۆزۈمنى ئاللانىڭ ئىنساننى زېمىنغا خەلىپە قىلىپ ياراتقانلىقىنى، ئەڭ چىرايلىق سىياق ۋە دەخلىسىز ئىززەت ئاتا قىلغانلىقىنى، ئىسلامدا يەككە ئىنسان ھاياتىنىڭ بارلىق ئىنسانلار ھاياتىغا باراۋەر قىممەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى، روسۇلىللانىڭ ئىنساننىڭ ھۆرمىتىنى مەككىدىن ئۈستۈن قويغانلىقىنى تەكىتلەپ باشلىغان ئىدىم. ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئەقىدىگە ئەمەل قىلىپ ياشاپ كەلگەچكە «ئادەم ئادەمگە مېھمان، جان تەنگە» دەپ قارايدىغانلىقىنى، تارىختا بىر موماينىڭ تەۋەررۈك ئۆيىنى چاقماسلىق ئۈچۈن ھېيتگاھنىڭ دەرۋازىسىغا بىر مېھراپنىڭ كەم چىقىرىلغانلىقىنى سۆزلىگەن ئىدىم. مەن يەنە «قۇرئان» دا ئادەمنىڭ تىلى بولغانلىقى ۋە شەيئىلەرنى تەسۋىرلەپ بېرەلىگەنلىكى سەۋەبلىك پەرىشتىلەرنىڭ سەجدىسىگە لايىق ئۈستۈن بولغانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇرنىڭمۇ تىلى بىلەن ئىززەتلىك، تىلى بىلەن ئۈستۈن بولمىسا، مىللەت سۈپىتىدە ھۆرمىتىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى شەرھلەپ لېكسىيەمنى باشلىغان ۋە شۇنداق خۇلاسە قىلغان ئىدىم.
«ئاللاھ بىزنى بۇ زېمىنغا خەلىپە قىلىپ ياراتقان» دېگەن جۈملىدىكى مەنانى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن كۈننىڭ ئەتىسى خوتەندىكى لېكسىيە ھەققىدە قورقۇنچلۇق سوراق باشلاندى. ئۇ چاغدا لېكسىيەنى ئانا تىلنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقى، ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن تەخىرسىزلىكى ھەققىدە باشلىغان بولساممۇ، ئەسلى ماۋزۇ «يەسلىلەردە ھەل قىلىنمىغان تۆت مەسىلە» ئىدى. ئاللاھقا شۈكۈر، سوراق تەرجىمانلار بەك تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىگەن «خەلىپە، زېمىن» ھەققىدە بولمىدى. مەنمۇ ئەسلى ماۋزۇ بويىچە چۈشەنچە بەردىم. سوراقتا «كىم تەشكىللىدى، كىملەر قاتناشتى» ۋە «نېمە سۆزلىدىڭ، نېمە مەقسەتتە سۆزلىدىڭ» دېگەن ئىككى سوئال قايتا قايتا سورالدى. ئاغزىم بۇ سوئاللارغا يۇمىلاق جاۋابلارنى بېرىۋاتقان بىلەن كۆڭلۈم «ئاللاھ بىزنى بۇ زېمىنغا قۇل ئەمەس خەلىپە قىلىپ ياراتقان» دېگەن جۈملەمنى سوراپ قالسا قانداق چۈشەندۈرۈشتە ئىدى. خوتەندىكى لېكسىيەگە تۆت بەش يۈز ئادەم، قاراقاشتا ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىلىشقا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان ئىدى. بۇنى كىمنىڭ تەشكىللەپ، كىملەرنىڭ قاتناشقانلىقى تەپسىلىي سورالسا چېتىلىدىغان ئادەم تېخىمۇ كۆپلەپ، ئۇۋالچىلىق تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتەتتى.
سوراقتا گەپنى ھەر قانچە قاملاشتۇرۇپ قىلىۋاتقان بولساممۇ «ئاللاھ بىزنى بۇ زېمىنغا باشقىلارغا قۇل بولسۇن دەپ ئەمەس، ئۆزىگە خەلىپە قىلىپ ياراتقان» دەپ باشلىغان لېكسىيەم سەۋەبلىك ماڭا ئارتىلىدىغان جىنايەت ۋە مەن سەۋەبلىك ئاۋارىچىلىككە ئۇچرايدىغان دوستلار ئېسىمدىن چىقمايتتى. خىتايچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ بۇ لېكسىيەدىكى گەپلەرنى ئاتايىن سورىغانلىرىدىن قارىغاندا بۇ ھەقتە سوراق بولۇشى تەبىئىي ئىدى. لېكسىيە ھەققىدە يەنە ئىلگىرىلەپ سورالسا ئېسىمدە قالغان «تىلى ھوقۇقلۇق ئورگانلاردا ئىشلىتىلمىگەن مىللەتنىڭ باشقا قانداق ھوقۇقلىرىنىڭ بارلىقىدىن سۆز ئېچىش بىھاجەت» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلىرىمنى ئىزاھلاشقا مەجبۇر ئىدىم. ئاخىرى، لېكسىيەدە ئانا تىل شىركىتىنىڭ پايچىكىدىن باشقا كىشىلەرنى تونۇمايدىغان بولۇۋېلىش، خەلىپە مەسىلىسىنى تارىخقا، تىل مەسىلىسىنى تىلشۇناسلىققا باغلاشنى قارار قىلدىم. چۈشتىن بۇرۇنقى سوراق نۇتۇقلىرىمدىكى قۇتراتقۇ مەزمۇنلارنى ۋە شېرىكلىرىمنى ياۋاشلىق بىلەن ئىقرار قىلىش ھەققىدىكى تەھدىتلەر بىلەن ئاياغلاشقان بولدى.
كامېرغا قايتىپ تاشمومىنى «ئازاب شورپىسى» بىلەن يالماپ ئولتۇرۇپمۇ قورقۇنچتىن قۇتۇلالمىدىم. خىيالىمچە، «ئاللاھ بىزنى بۇ زېمىنغا باشقىلارغا قۇل بولسۇن دەپ ئەمەس، ئۆزىگە خەلىپە قىلىپ ياراتقان» دېگەن جۈملىدە «بۇ زېمىن» دېگەندىن تۇپراق داۋاسى، «خەلىپە» دېگىنىمدىن ئىگىدارلىق داۋاسى چىقىپ قالاتتى. تۇپراق داۋاسى قىلغىنىم ئۈچۈن بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى، ئىگىدارلىق داۋاسى قىلغىنىم ئۈچۈن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى يۈكلىنىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ ئىككىسى سىياسىي جىنايەت بولۇپ، ئارتىلىپلا قالسا ئېغىر كېسىلىپ كېتىشىم مۇمكىن ئىدى. مومىنى چىشلىدىم دەپ بارمىقىمنى چىشلىگىنىمدە ئېسىمگە كەلدىم. قارىسام ئالدىمدا بىرى شارقىرىتىپ سىيگىلى تۇرۇپتۇ. ئاچچىق سۈيدۈك پۇرىقى كامېرنى بىر ئالغان ئىدى. خىياللاردىن ئويغىنىپ خالانىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ «تاماق» يەۋاتقان ھالەتكە قايتتىم ۋە قالغان مومىنى ئاغزىمغا تىقىپلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
چۈشتىن كېيىنكى سوراق دېرىزىلىك بىر سوراقخانىدا بولدى. گۇندىپاي قولۇمدا ئىشكەل، پۇتۇمدا كىشەن تۇرسىمۇ سوراقخانا ئىچىدىكى قەپەسكە سولاپ، يولۋاس ئورۇندۇققا مىدىرلىيالماس قىلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. دېرىزىدىن ئۈزۈم بارىڭى، يوپۇرماقلار ئارىسىدا ماراپ تۇرغان بىر ئىككى ساپاق ئۈزۈم كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئون نەچچە كۈندىن بېرى سىرتنى كۆرۈپ باقمىغىنىم ئۈچۈن، بۇ مەنزىرە كۆڭلۈمنى كۆتۈردى. ئۈزۈملەر پىشىپ، ھەرىلەر ئۇچۇپ، شاماللار چىقىپ تۇرغاندىن قارىغاندا تالادا ھايات تېخىچە داۋام قىلىۋاتسا كېرەك.
تۇيۇقسىز كۆزۈم ئورۇندۇقنىڭ قول قويىدىغان يېرىدىكى «لا تەھزەن» دېگەن سۆزگە چۈشتى. شۇئان «قورقما!» بىلەن باشلانغان ئايەتلەرنىڭ داۋامى ئېسىمگە كېلىشكە باشلىدى. «قورقما ئاللاھ بىز بىلەن بىللە» دەپ پىچىرلىدىم
ئىچىمدە. توۋا، نىجاسەتتەك گەپ ۋە پۇراقلارغا تولغان كامېردا، غۇرۇر ۋە تەن تەڭلا خورلىنىدىغان سوراقتا ئوي خىيالىم سوراقچىلارغا قانداق ئاقىلانە تاقابىل تۇرۇشتا قېلىپ، دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھقا سىغىنىشقا سۇسلۇق قىلىپتىمەن. ئاللانىڭ ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە سەۋر قىلغانلارغا خۇش بېشارەت بەرگەنلىكىنى ئويلاپ سۈرە ئەسىرنى ئوقۇغاندىن كېيىن كۆڭلۈم خېلىلا ئىزىغا چۈشتى. كۆڭۈللەر ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدىكەن.
سوراق يەنە باشلاندى. ئىچىمدىكى خاتىرجەملىك تېشىمغا تەپكەن بولسا كېرەك، سوراقچىلارمۇ ھەيران بولۇپ سەۋەبىنى سوراپ كېتىشتى. سوراقتا خوتەنگە ئەسلى نېمە مەقسەتتە، كىملەر بىلەن بارغىنىم، كىملەر بىلەن ئۇچراشقىنىم يەنە سورالدى. يۇرۇڭقاش دەرياسى بويىغا بىر يەسلى، يەسلىنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن يېنىغا بىر دىسنى باغچىسى سېلىش پىلانىمنى؛ خوتەننىڭ بۇلغىنىشتىن خالى تەبىئىي مۇھىتى بىلەن تېبابەت، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرگەن شىپايى ساياھەت لايىھەمنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ بەردىم. چۈشتىن كېيىنكى سوراق بىر دەمدە تۈگىدى. مەن شۇنچە قورقۇپ تەييارلىق قىلىپ كەتكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرى، «خەلىپىلىك» ۋە «زېمىن» داۋاسىغا ئوخشاش مەزمۇنلار پەقەت سورالمىدى. تېشىمدا ئاللاھ دەپ يۈرگەن بىلەن ئىچىمدە دانىشمەنلىك كېسىلىم قوزغىلىپ، ئۆزۈمنى ئۆتە ئەقىللىق چاغلاپ، زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەنلىكىمگە ئۆكۈندۈم. قاماقتا ياتقانغا تېخى ئون نەچچە كۈن بولمايلا ئۆزۈمنى جىنايەتچى، قىلغانلىرىمنى جىنايەت دەپ ھېس قىلىپ، جىنايى قىلمىشلىرىمنى ئاقلاشقا تىرىشىپ ئۈلگۈرگەنلىكىمگە كۈلگۈم كەلدى.