«خۇدا ئۇلۇغمۇ، كومپارتىيەمۇ»
2017.06.20

قاماقخانىدا كۆزىتىشىمچە كامېردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار كۆپىنچە سىياسىيغا ۋە چېكىملىككە باغلىنىپ قامالغانلار ئىكەن. كامېردا ئەڭ ئېچىنىشلىق قىينىلىدىغىنىمۇ مۇشۇلار ئىكەن. بەڭگە مەھبۇسلارنى كامېردا خۇمار قىينىسا، سىياسىي مەھبۇسلارنى سوراقخانىدا ساقچى، كامېردا مەھبۇس ۋە گۇندىپاي تەڭلا قىينايدىكەن. خىروئىنكەشلەرنىڭ كۈندە بىرەر قېتىم بەدىنى قىچىشىپ، قول-پۇتى تىترەپ تېنى قىيناققا چۈشسە، سىياسىي مەھبۇسنىڭ روھى ۋە تېنى ھەر مىنۇتتا، ھەر يەردە تەڭلا قىسماققا ئېلىنىدىكەن.
قاماقخانىلاردا گۇندىپايلار يېڭى كىرگەن مەھبۇسلارنى ھەپتىدە بىر ئىنچىكە سوراشتۇرۇپ، خاتىرە قالدۇرۇپ چىقاتتى. بۇنداق چاغلاردا مەن تەرجىمانلىق قىلغاچ ئۆزۈم خالىمىغان بەزى سوئال-سوراقلارغا گۇۋاھچى بولۇپ قالاتتىم. بىر كۈنى يېڭى كىرگەن ئىككى مەھبۇستىن ئەھۋال ئىگىلەنگەن بولۇپ، بىرى خىروئىن يەنە بىرى ئاتالمىش «قانۇنسىز دىنىي كىتاب» ساقلاپ تۇتۇلغان ئىكەن.
خىروئىنكەشنى سوراق قىلىش جەريانىدا گۇندىپاي قانداقتۇر بىر قانۇنىيەتنى بايقىغاندەك ماڭا قاراپ: - بىلەمسەن ئۇيغۇرلارنى ئىككى نەرسە خاراب قىلىدۇ. بىرى زەھەر، يەنە بىرى دىن. بولۇپمۇ ئەڭ يامىنى دىن، دىن دېگەن ئۇيغۇرلارنى ئەسەبىيلەشتۈرىدىغان زەھەر بولماي نېمە! ماركس دىننى ئەپىيۇن دېگەن ئىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھازىر ئەپىيۇن چېكىپ خاراب بولغان بىر توپ بەڭگىلەردىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. قارا، بۇ ئىككى ئۇيغۇر مەھبۇسنى! ئىككىلىسى زەھەرلەنگەن، بىرى دىندىن، يەنە بىرى زەھەرلىك چېكىملىكتىن. بولۇپمۇ دىندىن زەھەرلەنگەن ماۋۇ دارازا ئۆزى زەھەرلەنگەننى ئاز دەپ باشقىلارنىمۇ زەھەرلىمەكچى بولغان تېخى،- دېدى.
سوراقچىلارمۇ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىپ ئادەمنى داستىخاندا چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام قىلاتتى. «ھەئە» دېگۈڭ ئەسلا كەلمەيدۇ، «ياق» دېسەڭ بالاغا قالىسەن. شۇ چاغدا ئىنكاسسىز جىم تۇرۇش خەتەرلىك بولغاچقا، يۆتەلگەن بولۇپ ئىشكەل سېلىنغان قولۇم بىلەن ئاغزىمنى تۇتۇۋالغان ئىدىم.
سوراق نۆۋىتى سىياسىي مەھبۇسقا كەلگەندە گۇندىپاينىڭ چىرايى بىردىنلا تۇتۇلدى. سوراقتا ئۈرۈمچىدە كاۋاپچىلىق قىلىدىغان قارا شەھەرلىك بۇ بالا ئۆزى ساقلىغان كىتابنىڭ قانۇنسىزلىقىدىن بىخەۋەرلىكىنى ئېيتتى. مەنمۇ شۇنداق دېيىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. شۇڭا خۇشاللىقىمدا تېخىمۇ بېيىتىپ، ناھايىتى قاملاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ بەردىم. گۇندىپاي بىر ماڭا، بىر مەھبۇسقا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن مەھبۇسقا:
-خۇدا داما گوڭسەنداڭ دا (خۇدا ئۇلۇغمۇ كومپارتىيەمۇ)؟- دەپ خىتايچە سۆزنى ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزدا سورىدى. مەھبۇسنىڭ شۇئان قاپىقى تۈرۈلدى. ھىچ ئىككىلەنمەي تۇرۇپ:
«خۇدا دا» (خۇدا ئۇلۇغ)، دەپ جاۋاب بېرىۋېدى، گۇندىپاي ئىچىۋاتقان چاينى مەھبۇسنىڭ يۈزىگە چېچىپ ۋارقىراپ كەتتى. ئۇرۇپ كېتەرمۇ دەپ قورقۇپ كېتىۋېدىم، ئۇنداق قىلمىدى. ئەمما مەھبۇسنىڭ سوراق خاتىرىسىگە بىر نېمىلەرنى يېزىپ قويدى. قاراشەھەرلىك ئىنىمىز كامېرغا كىرگەندىن بېرى قولىغا سېلىنغان ئىشكەلنى كىشەن سېلىنغان پۇتىغا چېتىپ قويۇشقان ئىدى. كىشەن ئۇنىڭ ئوشۇقىنى زېدە قىلىپ يىرىڭلىتىۋەتكەن بولۇپ كامېر يىرىڭ پۇراپ كەتكەن ئىدى. سوراق قىلىنغان شۇ كۈنى كېچىدە ئۇنى يۇرتىغا ئېلىپ كەتتى. بىچارە بىرەر ئايدەك تۆت پۇتلۇق بولۇپ ياشاپ بەدىنى كۆنۈپ كەتكەنمۇ قانداق، قول پۇتى بوشىتىلغاندىن كېيىنمۇ دەرھال ئۆرە بولالماي ئۆمىلىگەن پېتى ئېلىپ مېڭىلغان ئىدى.
بۇ ئىشنى ھەر قېتىم ئويلىغىنىمدا گۇندىپاينىڭ ئۇنى «خۇدا ئۇلۇغمۇ كومپارتىيەمۇ» دەپ جاۋاب بېرىشكە زورلاپ، كەينىدىن سوراق خاتىرىسىگە ئۆزى بىلگەنچە ئۇنى بۇنى يېزىۋالغانلىقى غەزىپىمنى قوزغايدۇ. قاماقتىكى گۇندىپايلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسى دېلو پاش قىلغانلىقى بىلەن يۈكسىلىدىغان بولغاچقا ئۇلار مەھبۇسلارنى ئالداپ، غەزەپلەندۈرۈپ، ئارىغا «قۇلاق» سېلىپ ئاشۇنداق ئىپادە ۋە ئىقرارلارنى يېزىۋېلىشاتتى. ھېلىقى گۇندىپاينىڭ ماڭا «دىن ئەپىيۇنمۇ، ئەمەسمۇ» دەپ، قاراشەھەرلىك مەھبۇسقا «خۇدا ئۇلۇغمۇ، كومپاتىيەمۇ» دەپ جاۋابقا زورلىشى دېلو پاش قىلىش ئۈچۈن ئىدى.
ئېگىز بويلۇق، كۆزلىرى چوڭقۇر قاراشەھەرلىك ئىنىمىزنىڭ ئىسمى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ. ئېسىمدە قالغىنى ئۇنىڭ «خۇدا ئۇلۇغ!» دېگەن مەردانە ئاۋازى. مەن گەرچە ئۇ چاغدا «دىن ئەپىيۇنمۇ، ئەمەسمۇ» دېگەن سوئالغا ئىنكاس بىلدۈرمەي ئاقىللىق قىلغان بولساممۇ، ئىنىمىزنىڭ «خۇدا ئۇلۇغ!» دېگەن قورقماس ساداسى ئالدىدا قىلغانلىرىم ئاقىللىق ئەمەس بىر ئاجىزلىق بولۇپ مەڭگۈ پۈتمەس تارتۇقتەك ئېسىمدىن چىقمايدۇ.