سوراقچى نۇرمەمەت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2018.05.29
urumchi-sheherlik-1-turme-2.jpg ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA

قاماقتىكى قارا كۈنلەردە سوراقچىلاردىن كىپەنچىراي ئەن جىڭكۈن، ئاغزى بۇزۇق مۇختەر ئەمەت ۋە نۇرمەمەتلەر ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئەن جىڭكۈن سۆزلىگەن «تەبلىغ» لىرى، مۇختەر سالغان تەھدىتلىرى، نۇرمەمەت ئەسەبىيلەرچە ۋاقىراشلىرى ۋە سەبىيلەرچە ئالداشلىرى بىلەن سوراقلارنى تاماملىغان ئىدى.

نۇرمەمەت سوراقنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە «مېنى ئۆستۈرۈپ قوي» دېگەندە كۆزۈمگە بەكلا بىچارە كۆرۈنگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستۈمدىكى سىياسىي قىزىل كىيىمنى بىكار قىلىمەن دېگىنى يالغان چىققان بىلەن «سىلەرنى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە كېسىدۇ» دېگىنى راست چىقتى. دېگەندەك، ئارىمىزدىن ئەڭ يۇقىرى كېسىلگىنىمىز ئىككى يىل بولدى. نۇرمەمەتنىڭ سوراق جەريانىدا قىلغان قىستاش، ئالداش ۋە قېيداشلىرى ۋاسىتە، ئۆسمەكچى بولغىنى مەقسەت ئىدى.

نۇرمەمەت سوراقنى تىكقۇدۇق (ليۇداۋان) قاماقخانىسىدا يېڭىدىن باشلىغان ئىدى. ئۇ يېرىم كېچىدە چاقىرىپ چىقىپ مەندىن دىليار بىلەن تۇنجى قېتىم نەدە كۆرۈشكەنلىكىمىزنى سورىدى. شۇ دەقىقىدە قانداق جاۋاب بېرىشنىڭ ئەڭ بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى ئويلىدىم، ئېسىمگە دىليارنىڭ تور دۇنياسىدا داڭق چىقارغان «ئويغانغاندىن كېيىن» دېگەن رومانى كەلدى. بۇ رومان توردا مىليون قېتىمدىن ئارتۇق چېكىلگەن ئىدى. توردىكى مىليۇنلىغان ئوقۇرمەننىڭ بىرى بولۇپ جاۋاب بەرسەم باشقىلار چېتىلىپ قالمايتتى.

- ھەي، كىمىڭنى ئەخمەق قىلىسەن؟ دىليار سەن بىلەن xxx نىڭ ئۆيىدە كۆرۈشكەن دەيدىغۇ؟ - دەپ ۋارقىرىدى نۇرمەمەت. توغرا، شۇ يەردە كۆرۈشكىنىمىز راست، ئەمما ئۇنداق دېسەم، «سورۇندا يەنە كىملەر بار، نېمە دېيىشكەن، سېنىڭ 80-يىللاردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى xxx بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار؟» دېگەندەك سوئاللارنىڭ سورىلىشى ئېنىق ئىدى. شۇڭا نۇرمەمەتنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:

-بەلكىم دىليار توغرا ئېيىتقاندۇ، ئەمما مېنىڭ ئېسىمدە يوق. مەن بىر يازغۇچى، ئادەملەرنى چىرايىدىن ئەمەس يازغان ئەسەرلىرىدىن تونۇيمەن. شۇڭا دىليارنى «ئويغانغاندىن كېيىن» دېگەن رومانىدىن تونۇمىسام سورۇنلاردا ئون قېتىم ئۇچراشساممۇ ئېسىمدە قالمايتتى. مەن تۇنجى قېتىم دىليار بىلەن «ئەلكۈيى» تورىدا رومان ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئەدەبىيات ۋە رومانلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ تونۇشقان، - دېدىم.

-ئۇنداقتا، دىليارنىڭ ئاكىسى داۋۇت ئوبۇلقاسىمنى چوقۇم تونۇيسەن، ئۇمۇ يازغۇچى، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» گە ماقالە يازىدىكەنغۇ! - دېدى نۇرمەمەت ئالدىمغا دېۋەيلەپ. ئۇنىڭ بۇ سوئالى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. قارىغاندا، ئۇ مېنى كاتتىلارنىڭ قاتارىغا، چوڭراق بىرەر دائىرىگە قويۇپ بىر گورۇھنىڭ تەشكىلاتچىسى قىلماقچىدەك قىلاتتى. ئەمما ئۇنىڭ «يازىدىكەن» دېگەن بايانىدىن داۋۇت ئوبۇلقاسىمنىڭ زادى كىملىكى، نېمە يازىدىغانلىقىدىن بىخەۋەرلىكى چىقىپ تۇراتتى.

-مەن ئادەتتە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نى ئوقۇمايمەن، ئۇ ژۇرنالغا ماقالە يازىدىغانلار بىزنى زاماندىن قالغان مۇقام بىلەن توقامغا سۆرەيدۇ. مېنىڭچە، بولسا ھازىرقى دەۋردە مۇقامنىڭ ئورنىغا مايكول جېكسوننى، توقامنىڭ ئورنىغا تويوتانى دەسسەتمەي بولمايدۇ - دېگەچ ئۇنىڭ چىرايىنى كۆزەتتىم. بۇ گەپلىرىم ئۇنىڭ نەزىرىدىكى مېنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇغان، «تەرەققىياتپەرۋەر» سالاھىيىتىمگە ماس كەلدىمۇ جاۋابلىرىمغا ئىشەندى. نەتىجىدە ئۇ داۋۇت ئوبۇلقاسىمنىڭ ئۆيىدە ھەمداستىخان بولغان كىشىلەر توغرىلىق سوراقنى تاشلاپ مەن بىلەن جېكسون ۋە ئامېرىكا ھەققىدە تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىشقا چۈشتى.

نۇرمەمەتنىڭ ماڭا ئىشلەتكەن سوراق تاكتىكىلىرى ھەر خىل ئىدى. بەزىدە قەستەن مېنى تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا قويۇپ تاماكا چەككىلى چىقىپ كېتەتتى. بەزىدە تېلېفونىنى يېنىمدا «ئۇنتۇپ» تاماققا چىقىپ كېتەتتى. يەنە بەزىدە مېنى ئازراق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىسەملا كېپىلگە قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ گوللىماقچى بولاتتى. مەن بولسام ئۇنىڭ ئالداشلىرىغىلا ئەمەس ۋارقىراشلىرىغا، زەربىلىرىگىمۇ ئادەتلەنمەكتە ئىدىم، چۈنكى بۇ غەزەپ ۋە زەربىلەرنىڭ ھېچ بىرىدە قەستەنلىك ۋە نەپرەت يوق ئىدى. ئۇ قىلغان زۇلۇمنىڭ ھېچ بىرى كامىرىدىكى خورلۇقتەك 24 سائەت داۋاملاشمايتتى. سوراقچىلار ھۆكۈمەتكە پەقەت 8 سائەت ئىشلەيدىغان مەمۇر ئىدى. قاماقتىكى بىكارلىق مەمۇرلارنىڭ دۈمبىسىنى ئۇۋلىتىشلىرى، تەرىتىنى تۆككۈزۈشلىرى بولسا كېچە-يۇ كۈندۈز يۈز بېرىپ تۇراتتى. شۇڭا سوراقتا نۇرمەمەتنىڭ قىلغانلىرىغا سەۋر قىلىشتا بەك قىينىلىپ كەتمىدىم.

نۇرمەمەت باشلىغان سوراقلارغا بارا-بارا ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكىدا، تۈركىيەدە مۇساپىرلىقتا ئاڭلىغان بىلگەنلىرىمنى قوشۇپ ئۇزۇن جاۋاب بېرىشكە باشلىدىم. چۈنكى سوراق قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسا مېنىڭ دېرىزىلىرى ئوچۇق سوراقخانىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىدىغان ۋاقتىم شۇنچە ئۇزىرايتتى. پاكىز ھاجەتخانىدا ئادەمدەك ئولتۇرۇپ تەرەت سۇندۇرالايتتىم، سوراققا چىقىپ كىرگىچە كۆك ئاسمان، يېشىللىقلار، قۇشقاچلار ۋە ھەر خىل كىيىنگەن ئادۋوكاتلارنى كۆرەلەيتتىم. بىر سوراقچى كارىدرودا ماڭا ئۈندىداردىن ئۇستازىم ئىلھام توختى بىلەن يانداش چىقىرىلغان رەسىمىمنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى.

نۇرمەمەت ئۆسۈش تەمەسى بىلەن سوراقنى تاكى ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىغىچە بولدى قىلمىدى. ھەتتا ئۇ مەن قولغا ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىنمۇ «زور يىپ ئۇچى» غا ئېرىشمەك ئۈچۈن تاتلىق گەپلەرنى، چىرايلىق ۋەدىلەرنى ۋە قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنى كۆتۈرۈپ ئىككى-ئۈچ قېتىم كەلدى.

نۇرمەمەت ئاخىرقى قېتىم كەلگەندە بىر خىتاي گۇندىپاينى چاقىرىپ ماڭا يىپ-يېڭى قىشلىق مەھبۇس كىيىمى ئالدۇرۇپ بەردى. شۇ كېچىسى تۈگمىلىرىگە قەدەر ئاچچىق تەر پۇرايدىغان كونا كىيىمدىن قۇتۇلۇپ يېڭى يۇمشاق چاپاننى بېشىمغا ياستۇق قىلىپ ياخشى ئۇخلىدىم. نۇرمەمەتنىڭ خىتاي گۇندىپايغا: - بۇ دېگەن ئۇيغۇرلاردىن چىققان دوكتور، ئامېرىكىدا ئوقۇغان، خەنزۇچىدىن باشقا يەنە تۆت خىل تىل بىلىدۇ. جىنايەتچى بولسىمۇ، مۇشۇنداق ئوقۇمۇشلۇق بولسا باشقىچە بولىدىكەن. مۇشۇنداق جىنايەتچىدىن مىڭى بولسىمۇ سوراق قىلىپ زېرىكمەيتتىم، - دېدى. ئاندىن ماڭا قاراپ «ماۋۇ خىتايلار بىزنى پۈتۈنلەي ساۋاتسىز ئوغرى، ئاقچى كۆرۈپ قالمىسۇن. سەن بىلەن بىر ماختىنىۋالاي» دېگەن ئىدى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.