0:00 / 0:00
«تەڭگەتار» كارىدورىدىن چىققاندىن باشلاپ جىلغا گاھ كېڭىيىپ، گاھ تارىيىپ باراتتى. ئاندا - ساندا كىچىك ئەگىملەرنى ھاسىل قىلسىمۇ چوڭ يۆلىنىش ھامان جەنۇب ئىدى. ھارۋا يولى گاھ ئوڭ تەرەپتىكى تاغ باغرىدا روشەن ئىز قالدۇرغان بولسا، گاھىدا ئېقىن ئىچىدىكى كەلكۈن يالاپ تۇرىدىغان شېغىللىقتا ئىزسىز يولۇقۇپ تۇراتتى.