0:00 / 0:00
قۇرئاننىڭ چۈشۈرۈلۈشى قىرائەت قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەخلاقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈندۇر. - شەيخ سەئىدى،«گۈلىستان»
ئۆستەڭ بويىدىكى قازىخانا ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەر توپلىشىۋالغان بولۇپ، ھويلىدىمۇ نۇرغۇن ئادەم بار ئىدى. ئۇلار گۇۋاھچىلار، دەۋاگەرلەر ۋە بىكارچى تاماشىبىنلار ئىدى. جامائەت ئارىسىدا نېمىگىدۇر قىزىقىش كەيپىياتى ھۆكۈم سۈرەتتى.