«ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئېقىمىدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتتى؟» ناملىق ماقالە ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر بىلەن ناۋادا بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرىكى قەشقەردە ياشىغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئۇچرىشىپ قالسا ئۇلار ئارىسىدىكى ئاغزاكى تىل پەرقىنىڭ قانچىلىك چوڭايغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ بۇنىڭدىن بىر ئەسىر بۇرۇن يېزىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر تېكىستنى ھازىر قانچىلىك ئۇيغۇرلار راۋان ئوقۇيالايدۇ ھەم چۈشىنەلەيدۇ؟ يۈز يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي ئېقىمىدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتتى؟
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.10.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
yarughluq-305.png 1914-يىلى قەشقەردىكى شىۋېت باسمىخانىسىدا بېسىلغان «يارۇغلۇق» ناملىق ئۇيغۇرچە گېزىتنىڭ تۇنجى سانى (قۇتلان فوتوسى)
Qutlan


ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ئېقىمىدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتتى؟

بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەت تارىخىنىڭ جانلىق كارتىنىسىدۇر. ياكۇب گرىم «بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئۇستىخان - سۆڭەك ۋە قەبرە - كېپەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق بىر پاكىت باركى، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇلارنىڭ تىلىدۇر» دەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ 20 - ئەسىردىن بۇيانقى مۇرەككەپ كەچمىشلەرگە تولغان تەرەققىيات مۇساپىسى بىزگە بوران - چاپقۇنلۇق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئىچ يۈزىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر بىلەن ناۋادا بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرىكى قەشقەردە ياشىغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر ئۇچرىشىپ قالسا ئۇلار ئارىسىدىكى ئاغزاكى تىل پەرقىنىڭ قانچىلىك چوڭايغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ بۇنىڭدىن بىر ئەسىر بۇرۇن يېزىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر تېكىستنى ھازىر قانچىلىك ئۇيغۇرلار راۋان ئوقۇيالايدۇ ھەم چۈشىنەلەيدۇ؟ يۈز يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي ئېقىمىدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتتى؟

جاۋاب بېرىش ئۇنچىلىك ئاسان بولمىغان بۇ سوئاللار بۈگۈنكى كۈندە ئانا تىلىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنى قايتا ئويلاندۇرماقتا. ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە ئاھاڭ ۋە تەلەپپۇز، دىئالېكت ۋە شېۋە، سۆزلۈك ۋە جۈملە قۇرۇلمىسى، يېزىق ۋە ئىملا ھەمدە قېرىنداش تۈركىي تىللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جەھەتلەردىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان زور ئۆزگىرىشلىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردا كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن:

بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلى يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە ئاھاڭ ۋە تەلەپپۇز جەھەتتىن ئەسلىدىكى ھالىتىدىن خېلى زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن. گېرمان ئېكسپېدىتسىيىچىسى ئالبېرت فون لېكوك، شىۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىرىدىن گۇننار ياررىڭ قاتارلىقلارنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋاز ماتېرىياللىرى ھازىر ياۋروپا كۇتۇپخانىلىرى ۋە مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا. ئەگەردە بىز يۈز يىللار بۇرۇن لېنتىغا ئېلىنغان بۇ ئۇيغۇرچە ئاۋاز ماتېرىياللىرىنى ئاڭلىغىنىمىزدا بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاھاڭ ۋە تەلەپپۇز جەھەتتىنلا ئۆزگىرىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئاغزاكى ئىپادىلەشتىكى جەزىبىدارلىق، يۇمشاقلىق ھەمدە خەلق تىلىغا خاس بولغان تەبىئىيلىكتىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىز.

ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلى ئۆتكەن يۈز يىل ئىچىدە، بولۇپمۇ يېقىنقى 30 يىل مابەينىدە ئۆزىنىڭ بىرقانچىلىغان جانلىق دىئالېكت ۋە شېۋىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. مەلۇمكى، ئۇيغۇر تىلى ناھايىتى باي بولغان دىئالېكت ۋە شېۋە قاتلاملىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ئۆزىگە خاس تىل مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن. ۋەھالەنكى، 1950 - يىللاردىن باشلانغان مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش دولقۇنىدا ھەرقايسى دىئالېكت - شېۋىلەر كونىلىقنىڭ ۋە قالاقلىقنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە قارالدى. 1980 - يىللاردىن كېيىنكى مىللىي مەدەنىيەت ئىسلاھاتى داۋامىدا ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئەدەبىي تىلنىڭ قاپلاش نىسبىتى كۈنسايىن چوڭىيىپ، ھەرقايسى دىئالېكت ۋە شېۋىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بارغانسېرى كىچىكلەپ باردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىي تىلنىڭ يېڭى سۆزلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى باشقا تىللاردىن ئاتالغۇ قوبۇل قىلىش ياكى تەرجىمىگە تايىنىشتەك بىر تەرەپلىمىلىك خاھىش تۈپەيلىدىن دىئالېكت - شېۋىلاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە سەل قارالدى. نەتىجىدە يۈز يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە لوپنۇر دىئالېكتىدا سۆزلەيدىغان تۈزۈك ئادەم قالمىدى. يەرلىك ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك بولغان خوتەن دىئالېكتىنىڭ دائىرىسىمۇ بارغانسېرى تارىيىپ بارماقتا.

ئۈچىنچىدىن، يېقىنقى يۈز يىللىق مۇساپىگە قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىنىڭ باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆز - ئاتالغۇلار بىلەن ئەبجەشلىشىپ كەتكەنلىكىنى، جۈملە قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى تەرجىمىگە تايىنىش نەتىجىسىدە بۇزۇلغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىۋېت مىسسىئونېرلىرى قەشقەردە باسمىخانا قۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا زور مىقداردىكى باسما بۇيۇملار نەشر قىلىنغان. چاغاتاي تۈركىي تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش مەزگىلىدىكى ئۆتكۈنچى دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ باسما بۇيۇملارنىڭ تىلىغا نەزەر سالغاندا ئەرەبچە ۋە پارسچە بىر قىسىم ئۆزلەشتۈرمە سۆزلەردىن باشقا رۇس ۋە خەنزۇ تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەر ئىنتايىن ئاز بولۇپ، سانى نەچچە ئونغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ھەتتا شۇ دەۋردە بىر قىسىم يېڭىدىن پەيدا بولغان پەن - تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ياسىغان. مەسىلەن، «كاربون تۆت ئوكسىد» ئۈچۈن «كۆمۈر ساسىقى»، «ئوكسىگېن» ئۈچۈن «ماددەتۇل ھايات»، «دارىلئېتام» ئۈچۈن «يىتىمخانە»، «پارلامېنت» ئۈچۈن «مىللەت مەجلىسى» ۋە ۋاھاكازالار. ۋەھالەنكى، ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ 1958 - يىللارغا كەلگەندە رۇس تىلىدىن كىرگەن سۆز - ئاتالغۇلار ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىنىڭ %15 گە يەتكەن، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىگە كەلگەندە خىتاي تىلىدىن كىرگەن سۆز - ئاتالغۇلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىنىڭ %8 - %7 گە يەتكەن. 1999 - يىلى نەشر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (قىسقارتىلمىسى) گە كىرگۈزۈلگەن ئومۇمىي سۆزلەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىستىلىستىكا قىلغاندا، ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆزلەر %33 نى، رۇس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر %31 نى، پارس تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر %21 نى، خىتاي تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر %4 نى تەشكىل قىلغان. بۇ ھال ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ سۆزلۈك جەھەتتىن قانچىلىك دەرىجىدە ئەبجەشلەشكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

تۆتىنچىدىن، يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىرقانچە قېتىملار ئىسلاھ قىلىندى. پەقەت 1984 - يىلىغا كەلگەندىلا «ئۆ» ۋە «ئۈ» تاۋۇشلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ھەرپ يارىتىلدى. سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار 1930 - يىللاردا لاتىن يېزىقىغا 1940 - يىللاردىن كېيىن كىرىل يېزىقىغا كۆچۈشكە مەجبۇرلاندى. ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا بولسا 1960 - ۋە 1970 - يىللاردا خىتايچە پىنيىن ئاساسىدىكى لاتىن يېزىقى مەجبۇرىي تېڭىلدى. 1980 - يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە يەنە قايتىدىن ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا يېزىقىغا كۆچۈرۈلدى. ھەر قېتىملىق يېزىق ئالماشتۇرۇش بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ساۋاتسىز بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇش ئىشى قىيىنلىشىپ باردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى ھەر دەۋردە بىر قېتىمدىن ئۆزگەرتىلىپ پەقەتلا تىكىشى توختىمىدى. يېقىنقى قىسقىغىچە 30 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسى 5 قېتىم قايتا ئۆزگەرتىلدى. مانا مۇشۇنداق كۆپ قېتىملىق يېزىق ئالماشتۇرۇش ۋە ئىملا ئۆزگەرتىش نەتىجىسىدە دۇنيادا خېلى چوڭ تىللار قاتارىغا كىرىدىغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە - پرىنسىپلىرى تېخىچە قېلىپلاشماي كەلمەكتە.

بەشىنچىدىن، يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي ئويۇنلىرى ھەمدە ئورتا ئاسىيا رايونىنى كونترول قىلىشتىكى ئىستراتېگىيىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا قېرىنداش تۈركىي تىللىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى. سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ 1920 - يىللاردىن باشلانغان «سوتسىيالىستىك سوۋېت مىللەتلىرى» يارىتىش ھەمدە يېڭى شارائىتتا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل ئەدەبىي تىلىنى بەرپا قىلىش پىلانى كۈچ كۆرسىتىپ، پۈتكۈل ئورتا ئاسىيادا ئەسىرلەر بويى ئورتاق ئەدەبىي تىل رولىنى ئويناپ كەلگەن چاغاتاي تۈركىي تىلى ئاتالمىش ھازىرقى زامان تىللىرىغا پارچىلىنىپ كەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە چاغاتاي تۈركچىسىنى ئورتاق ئەدەبىي يېزىق تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن ئۆزبېكلەر ۋە باشقا قېرىنداش خەلقلەر ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مىللىي تىللىرىنى يارىتىشقا كىرىشتى. ئۇيغۇر تىلىمۇ مانا مۇشۇنداق شارائىتتا چاغاتاي ئەدەبىي تىلىدىن كېلىۋاتقان قويۇق ئەنئەنىلىرىدىن ئاستا - ئاستا قول ئۈزۈپ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش يولىنى تۇتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە چېگرىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوخشاشمىغان يېزىقلارنى ئىشلىتىشى، دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە رۇس ۋە خىتاي تىللىرىنىڭ ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى تەسىرىگە ئۇچرىشى ھەمدە 1960 - يىللاردىن كېيىن چېگرىنىڭ بىر مەزگىل تاقىلىشى بىلەن مەدەنىي ئالاقىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبلىك ئىككى ئارىدا سۈنئىي پەيدا بولغان ھاڭ بارغانسېرى چوڭلاپ باردى. نەتىجىدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئورتا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىرى ئەسلىدىكى چاغاتاي تۈركىي ئەدەبىي تىلىدىن يىراقلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر - بىرى بىلەنمۇ يىراقلىشىپ كەتتى. تېخىمۇ ئېچىنارلىق يېرى شۇكى، سۈنئىي رەۋىشتە بەرپا قىلىنغان مىللىي ئەدەبىي تىللار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەلقنىڭ جانلىق ئېغىز تىلىدىنمۇ يىراقلىشىپ كەتتى.

قىسقىسى، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىرىنىڭ يېقىنقى بىر ئەسىرلىك ئەگرى - توقاي كەچۈرمىشى ئۇلارنىڭ بوران - چاپقۇنلارغا تولغان مىللىي كەچۈرمىشلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى. بەش ئەسىر بۇرۇنقى بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تىلىنى بۈگۈنكى ۋارىسلىرى بىر ئەسىرگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا تەرجىمە ئارقىلىق چۈشىنىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ئۆز دەۋرىدە چاغاتاي تۈركىي تىلىدىن ئىبارەت بىرلا ئورتاق ئەدەبىي تىل زەنجىرىگە باغلانغان تۈركىي خەلقلىرى بۈگۈن تۈرلۈك ناملاردىكى ھازىرقى زامان مىللىي تىللىرىغا پارچىلىنىپ كەتتى ھەمدە ئۆز - ئارا تەرجىمە ئارقىلىق چۈشىنىشىدىغان بولدى.

«ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» ئۈچۈن قۇتلان تەييارلىدى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.