ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىغا بېغىشلانغان ماقالىلەر ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر، بۇ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەرخىل سەۋەبلەر، بۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى توغرىسىدىكى ماقالە ۋە ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى دىققىتىڭلارغا سۇنغانىدۇق.

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئالدى بىلەن «ئەلىشىر ناۋايى ۋە ئانا تىل غۇرۇرى» ناملىق ماقالىنى، ئاندىن «بۇ مائارىپتىن قانداق قۇتۇلىمىز؟» ناملىق ماقالىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.