ئۇيغۇرلار راستىنىلا كىتاب ئوقۇمامدۇ؟(2-قىسمى) ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر

«يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىغا خۇش كەلدىڭلار، سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغايسىلەر. قەدىرلىك دوستلار. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا ئالدى بىلەن ئالدىنقى ھەپتە ئاڭلىتىلغان: «ئۇيغۇرلار راستىنىلا كىتاب ئوقۇمامدۇ» ناملىق ماقالىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى ئاڭلىتىمىز. ئاندىن پىدائىي تەييارلىغان پروگراممىدىندىن بەھر ئالىسىلەر. ئاخىرىدا «چەكلەنگەن ئەسەرلەر» سەھىپىمىز بويىچە ئاڭلىتىش بېرىپ كېلىۋاتقان «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.

0:00 / 0:00


ئۇيغۇرلار راستىنىلا كىتاب ئوقۇمامدۇ؟

باتۇر

يېقىندا مەلۇم بىر تور بەتتىكى: «ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇمايدۇ؟» سەرلەۋھىلىك بىر يازمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ۋە ناھايىتى جىددىي قىلىۋاتقان ئىشىمنى تاشلاپ، بۇ يازمىنى ئوقۇشقا بېرىلىپ كەتتىم. يازمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدىغان، كىتاب ئوقۇشنىمۇ خالىمايدىغان، ھەتتا كىتابتىن نەپرەتلىنىدىغان، قالاق، نادان مىللەت بولۇپ، كىتاب ئوقۇمايدىغان بىر مىللەتتە يېڭى بىر ئىدىيە، ئاڭ، ھايات پەلسەپىسى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىپ، مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزگەنلىكى ۋە ناھايەت مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك سەۋەبنى تېپىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپتۇ:

1. بەزى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى سەۋەبىدىن ئۆزىدىن تۆۋەن چۈپرەندىلەر يازغان كىتابنى ئوقۇپ يۈرمەيدىكەن ھەم ئۆزلىرىنى كىتاب ئوقۇشقا موھتاج دەپ قارىمايدىكەن. ھەتتا پېشقەدەم ئالىم - ئۆلىمالار ئۆزى بىلىدىغان ئىلىمنى باشقىلارنىڭمۇ بىلىپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، قولتۇقىدىكى زەللىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، پايدىلىق ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا ئۆلگۈدەك قارشى تۇرغانمىش.

2. يەنە بەزى ئۇيغۇرلار بولسا، پۇلىنىڭ كۆپلۈكى، بايلىقىنىڭ ھەددى - ھېسابسىز ئىكەنلىكى ئۈچۈن، كىتاب ئوقۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيدىكەن.

3. ئۈچىنچى تۈرلۈك ئۇيغۇرلار ساۋاتسىز، نادان، قالاق كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار كىتابنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن، شۇڭا ئۇلاردىن ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

يازمىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتور ئۆزىنىڭ كىتابخۇمار بىرى ئىكەنلىكى، قولىغا چىققان ھەرقانداق كىتابنى ئوقۇماي قويمايدىغانلىقى، ھەتتا ئۆزى چۈشەنمەيدىغان تىللاردا بولسىمۇ، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارالغان كىتابلارنى چوقۇم يىغىپ، ساقلاپ قويىدىغانلىقىنى پەش قىلىپ ئۆتۈپتۇ.

بۇ يازمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئانچە كۆپ ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا، ئاپتورغا بىر نەچچە جۈملە بىلەن بولسىمۇ جاۋاب بېرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم.

ئالدى بىلەن، بىر مىللەتنىڭ خاراكتېرى، سۆز - ھەرىكىتى، بىر نەرسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كىتاب - ماتېرىيال كۆرۈشىمىز، بۇ ھەقتىكى تەتقىقات تېمىلىرىنى ئاختۇرۇپ كۆرۈشىمىز، ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىشىمىز، مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادىتى، ھازىرقى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز لازىم. ئۇنداق قىلماي، مەن ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ مۇنچە تۈرلۈك خۇلاسىگە كەلدىم دەپ، ئاساسسىز گەپنى يېزىپ ئولتۇرساق، سىزدەك كىتابنى قەدىرلەيدىغان، كىتاب ئوقۇشنى ھاياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دەپ قارايدىغان بىر ئۇيغۇرغا تازا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار راستىنىلا كىتاب ئوقۇمايدىغان مىللەت بولسا، بۇ مەسىلىگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن يىراق ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلاشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت يېقىنقى بىر نەچچە ئون يىللىق ئەمەلىي ئەھۋالنى بىر قۇر كۆزىتىپ چىقساقلا، ئۇيغۇرلارنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇشقا خىر ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى مانا مەن دەپلا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

كېلەيلى، سىز تىلغا ئالغان ئاتالمىش «ئۇلۇغ»لىرىمىزغا! بىر مىللەتنىڭ ئۇلۇغلىرى كىملەر؟ ئەدەبىي تىلىمىزدىكى ئۇلۇغلار كىملەرنى كۆرسىتەتتى، بىز ھازىر كىملەرنى ئۇلۇغلىرىمىز دەپ بىلىمىز؟ سىزنىڭ يازمىڭىزغا قارىغاندا، بىزنىڭ ھازىرقى ئۇلۇغلىرىمىز باشلىقلار، مەنسەپدارلار، ھوقۇقدارلار، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئادىل سىياسىتىگە تايىنىپ، سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا دادىل قەدەملەر بىلەن يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلار... شۇنداقمۇ، ئەمەسمۇ؟ ئەگەر راستىنىلا شۇنداق بولسا، بۇلاردىن ئاغرىنىپ ئولتۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى ئۇلارنى كىم ئۇلۇغ قىلىپ قويدى؟ ئۇلارغا مەنسەپنى، ئورۇننى، مەرتىۋىنى كىم تارتۇق قىلدى؟ ئۇيغۇر خەلقىمۇ؟ ياق! ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئادەمنى ئۇلۇغلۇق دەرىجىسىگە ئېلىپ چىققۇدەك كۈچى، ھەققى - ھوقۇقى يوق. ئەگەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رايىغا قويۇپ بېرىدىغان بولسا، بۇ ئۇلۇغلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللىبۇرۇن سۈپۈرۈپ، كونا سامانلىققا دۆۋىلەپ قويغان بولاتتى. بۇنداق قارا قورساق، چالا ساۋات مەنسەپدارلارنىڭ پەقەت شۇ مەنسەپنى ئۇلارغا ئاتا قىلغانلار ئۈچۈنلا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز ئېنىق بىلىمىز. شۇڭا ئۇنداقلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقى ئېنىق. ئەمما بىر نەرسىنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى، بۇنداقلارنىڭ سانى ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ؟ ھازىرقى مەمۇرىي ئورگانلاردا بۇنداق ئۇلۇغ ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىكى بار؟ كىچىككىنە بىر ئىشقا پىچىقى ئۆتىدىغان كاتتىۋاشتىن قانچىنى تاپقىلى بولار؟ بۇلارنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟...

ئەمدى سىز دېگەندەك دىنىي كىتاب - ماتېرىياللارنىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا ئۆلگۈدەك قارشى چىققان ئاتالمىش ئۆلىما، دىنىي زاتلارغا كەلسەك، سىز بۇنداق ئالىي مەلۇماتلىق ئۇچۇرنى كىمدىن ئالدىڭىز؟ تارىخىمىزغا قايسىبىر دىنىي زات، مۆتىۋەر ئالىم دىنىي كىتابنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىغا قارشى چىقىپتۇ؟... بۇنداق كاتتا ھۆكۈملۈك بىر جۈملىنى تەپتارتماي يېزىپسىز - يۇ، شۇنداق قىلغان دىنىي زاتتىن بىرنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىپ قويماپسىز. دېمەككى، بۇ سۆزنىڭمۇ قىلچە ئاساسى يوق. تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار تاكى بۇددا، شامان دىنلىرىدىن تارتىپ، ئىسلامىيەت بىلەن شەرەپلەنگەندىن كېيىنمۇ ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىننىڭ كىتاب - دەستۇرلىرىنى تەرجىمە - تەپسىر قىلىشتا ناھايىتى چوڭ كۈچ چىقىرىپ كەلدى ۋە نۇرغۇنلىغان كاتتا ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، نۇرغۇنى نەچچە قېتىملىق تارىخىي بۇزغۇنچىلىق جەريانىدا كۆيدۈرۈۋېتىلدى، يوقىتىۋېتىلدى، يىرتىۋېتىلدى ياكى مۇسادىرە قىلىندى. ئەڭ ئەقەللىيسى، ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كىرىمى»نىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىنى مىسال قىلىپ ئۆتىدىغان بولساق، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز پەقەت 1980 - يىللىرىدىن كېيىن نەشردىن چىققان نۇسخىسىنىڭلا بارلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تەرجىمە قىلىنغان ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، پەقەت 19 - ئەسىرنىڭ ئىچىدىلا «قۇرئان كىرىمى» ئاز دېگەندىمۇ بەش قېتىم تەرجىمە قىلىندى، لېكىن ھەممىسى زالىملار تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىلدى. پەقەت 80 - يىللارغا كەلگەندىلا، سىياسەتتىكى ئازغىنە يۇمشاش سەۋەبى بىلەن، بۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يۈز كۆرۈشەلىدى. بۇنىڭدىن باشقا كىتابلارنىڭ تەرجىمە نۇسخىلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلىقىدىن، بىزدە ھازىرغىچە ماتېرىيال تولۇقلىنىپ بولمىدى. ئەمما بۇ قانداقتۇر دىنىي ئۆلىمالارنىڭ كىتاب تەرجىمە ئىشىغا قىلغان قارشىلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي سىياسەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئاخىرىدا بەزىبىر نائىنساب، بىر ئىمان چالا موللىلارغا دۆڭگەپ قويۇلدى. بۇمۇ بىزگە دىننى، دىنىي زاتلارنى، پەزىلەتلىك ئالىم - ئۆلىمالىرىمىزنى سەت كۆرسىتىپ، ئۇلاردىن ۋە دىندىن نەپرەتلىنىشىمىزگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان سىياسىي قىلتاقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، مانا ھازىر ھۆكۈمەت ئۆزى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن سىياسىي موللىچاقلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، كىتاب ئوقۇشقا ئېھتىياجى بولمىغان يېڭى قوشۇن پەيدا بولۇۋاتماقتا. ئەينى ۋاقىتتا ئۆلىمالارنى ياراتمىغانلار بۇ يېڭى قوشۇننىڭ سىياسىي پەتىۋالىرىغا نېمە دەيدىكىن؟

ئىككىنچى قىسمى:

ئەمدى گەپ بايلارغا، بايلىرىمىزغا كەلدى. بايلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن كىتاب ئوقۇپ - ئوقۇمايدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. بۇرۇنقى زامانلاردا كىتابخۇمار، ئېلىمسۆيەر، ۋەتەنپەرۋەر بايلىرىمىز ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىدى، ھېلىمۇھەم شۇنداق. مەكتەپ سېلىۋاتقان، ئوقۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان، كەمبەغەل ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان، ھەتتا يېتىم بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپ ئاچقان ساخاۋەتچى بايلىرىمىز يوق ئەمەس. ئەمما

زامانىدا يېتىشىپ چىققان ئېلىمسۆيەر بايلىرىمىز سىياسەتنىڭ شاماللىرى بىلەن بارلىق مال - بىساتى كۆككە سورۇلۇپ، بۇلاڭ - تالاڭ ياكى مۇسادىرە قىلىنىپ، ئۆزلىرى زىندانغا تاشلاندى، قىيناپ ئۆلتۈرۈلدى. بالا - چاقىلىرى بولسا، يەرلىك پومېشچىكنىڭ ئەۋلادى، چەتئەلگە باغلانغان سېرىق ئۇنسۇرنىڭ بالىسى دېگەندەك بەتناملار بىلەن مەكتەپتىن قوغلاندى، مەھەللە - يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىندى.

ھازىرقى جەمئىيىتىمىزنى مىسال ئالساق، تاپقان پۇلىنى بۇزۇپ - چاچىدىغان، مەكتەپ، كىتاب، قەغەز - قەلەم، ئوقۇش دېگەنلەر بىلەن ئالەمچە خۇشى يوق بايچاقلار كۆپىيىپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ سەۋەبى شۇ، بىز باي دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ بىلىمى، ئەتراپلىق مەلۇماتى ۋە كۆپ يىللىق ئىش تەجرىبىسىگە ئاساسەن بېيىغان شىركەت خوجايىنلىرى ئەمەس، بەلكى تەۋەككۈلچىلىك ئىدىيىسى، قاراملىقى ياكى يايمىكەشلىكتىكى ئۇستىلىقى ۋە ياكى ئۆز يۇرتىدىن باشقا يەردە تېپىلمايدىغان قىممەت باھالىق بۇيۇم، مال - چارۋا قاتارلىق نەرسىلەرنى بىر نەچچە قېتىم ئېلىپ - سېتىش بىلەن بىردىنلا بېيىپ كەتكەنلەر بولۇپ، بۇنداق بايچاقلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈنۈگۈن تاپقىنىنى بۈگۈنگە، بۈگۈن تاپقىنى ئەتىگە يەتكۈزەلمەي، قولىغا كىرگەن تۆت تەڭگە پۇلنى كۆرۈپ، ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي، قورسىقىدا بىلىم بولسىمۇ، قول ئىلىكىدە يوق زىيالىيلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، كىتاب دېسە بېشى ئاغرىيدىغان، ئەيش - ئىشرەتكە تويمايدىغان يېڭى - يېڭى ئېقىملار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ.

سىزچە بۇ بايچاقلارنىڭ سانى قانچىلىكتۇر؟ ئۇلارنىڭ تاپقان پۇلى ئۆزىنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە كۆپمۇ؟ بۇ بايچاقلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىرەر ئىشنى تەۋرىتەلىگۈدەك دەرىجىدە تەسىر كۈچىگە ئىگىمۇ؟ بۇلارنىڭ كىتاب ئوقۇماسلىقى مىللىتىمىزگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتامدۇ؟ ئەلۋەتتە، كىتاب ئوقۇسا ياخشى، ئەمما بۇلارنىڭ ئوقۇمىغىنىغا بىر كىتابنىڭ ئاپتورى ياكى نەشرىياتنىڭ زىيان تارتىپ كېتىشى ناتايىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ سانى جەمئىيىتىمىزدە ئىنتايىن ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، ھەم ئۇلارنىڭ قىلغان ياكى قىلمىغان ئىش - ھەرىكەتلىرى بىلەن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە ھەرگىزمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار كىتاب ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈن «ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ» دەپ ھۆكۈم چىقىرىش بەكمۇ خاتا.

ئەمدى ئاخىرقى تۈركۈمگە، يەنى ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان ساۋاتسىز، نادان، قالاق كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلار قەستەن ساۋاتسىز بولۇۋالدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇسى، بىلىم ئىگىلىگۈسى، دۇنيانى، ۋەزىيەتنى، جەمئىيەتنى بىلگۈسى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. لېكىن ئىشغالچى ھاكىمىيەت خەلقىمىزنى نادان قالدۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويمىغان ھىيلە - نەيرىڭى قالمىدى. ئەڭ ئاددىيسى يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ قېتىملىق يېزىق ئىسلاھاتى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئىنسان ساۋاتسىزلار قاتارىغا چىقىرىۋېتىلدى. ئەسلىدە ئۇلار ساۋاتسىز ئەمەس، ئۇلارنىڭمۇ ساۋاتى بار، ئۇلارمۇ ئوقۇش - يېزىشنى بىلىدۇ. ئەمما ئۇلارغا ئۆگىتىلگەن ئېلىپبە باشقا، بىزگە ئۆگىتىلگىنى باشقا بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى ئەۋلاد ئارىسىدا چوڭقۇر ھاڭ پەيدا بولدى. سلاۋيان يېزىقى ياكى يېڭى يېزىق ئوقۇغان چوڭلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا يېزىق (يەنى ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان يېزىق) تا نەشر قىلىنغان كىتاب - ژۇرناللارنى ئوقۇشنى بىلسىمۇ، مەلۇم بىر قىسمى يەنىلا ئوقۇشتىن مەھرۇم بولۇپ يۈرمەكتە ۋە جەمئىيەتنىڭ ساۋاتسىزلىرى بولۇپ قېلىۋاتماقتا. مانا مۇشۇنداق ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۇرسىمۇ، يەنىلا ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمنى دېگەندەك، ئۈچ ئەۋلاد ئارىسىدا ئۈچ خىل يېزىقنى مەقسەتلىك ۋە مەجبۇرىي ئىشلەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ساۋاتسىزنى ئوتتۇرىغا چىقارغان زالىم ھۆكۈمەتكە گېپىمىز ئۆتمەي، يەنىلا ئۆز - ئۆزىمىزدىن ئاغرىنىپ يۈرسەك، بۇ قانداق بولغىنى؟

تېخى بۇنداق ساۋاتسىزلار يەنە بىر نەچچە يىلغا قالماي ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ. نېمىشقا دەمسىز؟ يەسلى - باشلانغۇچتىن تارتىپ خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان، ياتنىڭ تىلىدا مەكتەپ پۈتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن كەلگۈسىنىڭ يۇقىرى مەلۇماتلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سۈپىتىدە مەقسەتلىك يېتىلدۈرۈۋاتقان غايەت زور ھەجىملىك يوشۇرۇن بىر كۈچنىڭ جەمئىيىتىمىزگە ئېلىپ كېلىدىغان بالاسى - ئاپەتلىرىنى ھازىرچە مۆلچەرلەش بەكمۇ قىيىن. ئەنە شۇ چاغدا ئۇلارغا: «سەن ساۋاتسىز، چۈنكى سەن ئانا تىلىڭدا كىتاب ئوقۇيالمايسەن» دېيەلەمسىز؟ ئەگەر: «تىل مۇھىم ئەمەس، قايسىلا تىلدا بولمىسۇن، كىتاب ئوقۇسىلا مەيلى» دېسىڭىز، ئوقۇغان كىتابىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆز مىللىتى ۋە خەلقىگە زەررىچە پايدا يەتكۈزەلمىگەن ئالىمنىڭ كىمگە، نېمە پايدىسى بولار؟ ئۇنداقلار ئۆزىنىڭ جېنىنى بېقىشتىن باشقا نېمە ئىشقا يارايدۇ؟

ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك، ئۇيغۇرلار راستىنىلا كىتاب ئوقۇمامدۇ؟ ئۇيغۇرلار كىتابتىن راستىنىلا شۇنچىۋالا بىزارمۇ؟ ئۇيغۇرلار كىتاب ئۈچۈن پەقەتلا پۇل خەجلىمەمدۇ؟

ياق، دەل ئەكسىچە ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن كىتابخۇمار خەلق. بۇنى بىزلا ئەمەس، يېقىن - يىراق ئەتراپىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىراپ قىلىدىغان بىر ھەقىقەت. شۇڭا تارىخىمىزدا ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى زور دەپ قارىلىدۇ. سۆزلىرىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، يېقىن تارىخىمىزدىن بىر قانچە مىسال كەلتۈرسەك كۇپايە دەپ قارايمىز.

بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىدا خىتاي، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل ۋە تىبەت قاتارلىق بەش خىل تىلدا كىتاب نەشر قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ نەشرىياتتا ئەڭ كۆپ كىتاب چىقىرىدىغان بۆلۈم - ئۇيغۇرچە بۆلۈمى بولۇپ، ئۇيغۇرچە چىققان ھەرقانداق كىتاب كۈتۈلگەندىنمۇ كۆپ تىراژدا سېتىلىدۇ. باشقا تىللاردىكى بۆلۈملەر بولسا، چىقارغان كىتابلىرىنى ساتالماي، ئىنتايىن ئاز تىراژدا نەشر قىلسىمۇ، يىللارچە سېتىلماي، ئامباردا توپا بېسىپ ياتىدۇ. شۇڭا نەشرىياتتىكىلەر ھەر دائىم: «ئەگەر ئۇيغۇرچە بۆلۈمى بولمىسا ئىدى، مىللەتلەر نەشرىياتى ئاللىبۇرۇن تاقىلىپ قالغان بولاتتى، چۈنكى مىللەتلەر نەشرىياتىنى پەقەت ئۇيغۇرچە بۆلۈمى ئۆزىلا يىللاردىن بېرى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ» دېيىشىدۇ. ئەنە شۇ سەۋەبتىن، ئۈرۈمچى ياكى قەشقەردىكى نەشرىياتلاردا بېسىشقا رۇخسەت ئالالمىغان كىتابلار ئۈچۈن مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئاسانلا رۇخسەت ئېلىنىپ، خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىنىۋاتىدۇ.

يەنە بىر ئەمەلىي مىسال كەلتۈرسەك، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 13 يىل ئىلگىرى بىر نەچچە خىتاي تەتقىقاتچى خىتاي دۆلىتى تەۋەسىدىكى ژۇرناللارنىڭ تىراژى ھەققىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇ خىتايلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان. چۈنكى شۇ يىللىرى خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدىكى بارلىق ژۇرناللار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى ئايلىق 120 مىڭدىن ئارتۇق تىراژى بىلەن بىرىنچى بولغان بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ژۇرنالنىڭ تىراژ سانى ئاران 80 مىڭغا يەتكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتتىن ھەيران قالغان خىتاي تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلگەن. ھەقىقەتەن ئۇ يىللىرى، مەزكۇر ژۇرنال ئۇيغۇرلار ئىچىدە يېڭى بىر ئۇسلۇب ياراتقان بولۇپ، تېمىلىرىنىڭ سەرخىللىقى، جانلىق، روھىي ئوزۇق قىممىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەممەيلەن بۇ ژۇرنالنىڭ يېڭى سانىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ كېتەتتى. ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتمەي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ژۇرنالنى تاقىۋەتمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن كىشى بەكمۇ تەشۋىشلەنگەنىدى. بۇ ژۇرنال گەرچە تاقىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، تىراژى خېلىلا زور دەرىجىدە ئازايتىۋېتىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى زامان تارىخىمىز ھەققىدە يېزىلغان بىر نەچچە مۇنەۋۋەر ئەسەر نەچچە ئون مىڭلاپ بېسىپمۇ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالمىدى. نۇرغۇن كىشىلەر كىتابنى ئالالماي، كىتابپۇرۇشلارنىڭ قولىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى باھادا بولسىمۇ سېتىۋېلىشقا رازى بولدى.

بىر نەچچە يىلدىن بۇيان چەتئەللەردە، بولۇپمۇ تۈركىيىدىكى بىر نەچچە جەمئىيەت تەرىپىدىن نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ سانى ۋە سۈپىتى، پايدىلىنىش قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. ئەنە شۇ كىتابلار ئىستانبۇلدىكى ئامبارلاردا بېسىلىپ ياتقان بىلەن، ۋەتەن ئىچىگە كىرىپ كەتكەن بىر نەچچە نۇسخىسى كۆپەيتىپ تارقىتىلىپ، ھۆكۈمەت بىلىپ بولغۇچە، نۇرغۇن كىشى پايدىلىنىۋالدى.

دېمەككى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا كىتابخۇمار خەلق بولۇپ، كىتابنى مۇقەددەس بىلىدىغان، ئۇلۇغلايدىغان، سىزگە ئوخشاش تىلىنى چۈشەنمىسىمۇ، ئۆيىنىڭ تۆرىدە ساقلايدىغان ئادەت ئەلمىساقتىن تارتىپ بار ئىدى. مەسىلەن، 1930 - يىللىرى قەشقەر ۋە يەكەندە دوختۇرخانا ئېچىپ، كېسەللەرنى داۋالاش باھانىسىدە ئۇيغۇر ياشلارنى ئىسلام دىنىدىن خرىستىئان دىنىغا دەۋەت قىلغان شۋېتسىيىلىك مىسيونېرلار داۋالىنىشقا كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ئىنجىلنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى تۇتقۇزۇپ قويغانىكەن. بەزىلەر ئۇلاردىن: «بۇلار ئىنگلىز تىلىدىن ھېچنېمىنى بىلمىسە، بۇ كىتابنى تارقاتقاننىڭ نېمە پايدىسى؟» دەپ سورىغىنىدا، ئارىدىن بىرى مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن: «ئۇيغۇرلار كىتابخۇمار خەلق، ئۇلار كىتابنى سۆيىدۇ، قەدىرلەيدۇ. گەرچە ئوقۇيالمىسىمۇ، ئۆيىدە ساقلايدۇ. بۇلار ھازىر بۇ كىتابنى ئوقۇيالمىغان بىلەن، ئۆيىدە ساقلاپ قويسا، كەلگۈسىدە بالىلىرى ئوقۇيالايدىغان بولىدۇ، شۇ ۋاقىتتا بۇ كىتابنى ئوقۇسا، بىز ھازىر كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكەن بولىمىز» دېگەنىكەن.

ئۇنداقتا، مەزكۇر يازمىنىڭ ئاپتورى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زىيالىيلىرىمىزنى «ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ» دېگەن خۇلاسىگە كېلىپ قېلىشىغا نېمە سەۋەبچى بولغان؟

ئۈچىنچى قىسمى تەييارلىنىۋاتىدۇ....