«ۋەتەن» دېگەن نېمە؟

«ۋەتەن» چۈشەنچىىسى ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ھەرخىل مەنىلەردە بولۇپ كەلدى. ئۇ كېيىنچە ھۆكۈمرانلىق سەلتەنەتلىرى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئەمر - پەرمانلىرى دەخلىسىز بولغان دۆلەتلەر ياكى دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەرخىل خەلقلەر ۋە مىللەتلەرگە ئورتاق رىشتە سۈپىتىدە تەكىتلەندى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى شۇ نەرسىنى ئېتىراپ قىلىدۇكى، «ۋەتەن» ئىككى قاتلاملىق مەنىدىكى ئېتنوگىيىلىك تامغا ۋە ئاڭدۇر.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز باتۇر
2013.02.02

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن



بىرىنچىسى، ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياشاپ كەلگەن ماكان - يەنى جۇغراپىيىلىك چەمبىرىدۇر. بۇ تەبىئىي جۇغراپىيىلىك، تارىخىي جۇغراپىيىلىك، رېئال - ئىجتىمائىي جۇغراپىيىلىك ماكان چەمبىرى بولۇپ، «ۋەتەن» كاتىگورىيىسىنىڭ تاشقى شەرتىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر تۇغۇلغان پەرزەنت مۇشۇ ماكان چەمبىرىدە كۆز يورىتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز ئەجداد ۋە ئەۋلادى بىلەن ياراتقان، ۋارىسلىق قىلغان مىللىي مەدەنىيەت تىپى، ئېتنىك روھىيەت غەزىنىسى _ يەنى تىل، فولكلور، ئەدەبىيات - سەنئەت، ئۆرپ - ئادەت، ئىقتىسادىي تۇرمۇش رىجىمى،

مىللىي تارىخى، ئەقىدە - مىزانلىرى، پەخىر - ئىپتىخارى ۋە ئار - نومۇس ئادەتلىرىدىن ھاسىل بولغان مىللىيەتلىك چەمبىرى بولۇپ، بۇ «ۋەتەن»كاتىگورىيىسىنىڭ ئىچكى شەرتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر پەرزەنت مۇشۇ مىللىيەتلىك چەمبىرىدە تۇغۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ.

ھەربىر ئادەم مۇئەييەن «ۋەتەن» ۋە «مىللىيەتلىك»كە تەۋە بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن بىئولوگىيىلىك تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائىي خاراكتېرىگە يوشۇرۇن ئاڭ _ يەنى تۇغما جىسمانىي ۋە ھېسسىي تامغا باسقان بولىدۇ. ئۇنىڭ قانداق ۋە قانچىلىك ئادەم بولالىشى ئومۇمەن ئۇ ياشىغان تارىخ مەزگىلىدىكى «ۋەتەن» ۋە «مىللىيەتلىك» قىمىتىگە باغلانغان.

«ۋەتەن» خۇددى ئانا قېلىپتەك ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. ئوخشاشلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئانا «ۋەتەن»نىڭ ھال - ئەھۋالى، قىممەت - ئېتىبارى ۋە تەقدىر - قىسمەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ھەركىم، ھەر ئائىلە ئۆز ھال - پەزىلەتلىرىگە يارىشا ياشىغىنىدەك، ھەربىر مىللەتمۇ ھەممىدىن ئىلگىرى ئىچكى سەۋەبلىرى _ يەنى ئۆز تۈركۈمىنىڭ ھال - پەزىلەتلىرىگە يارىشا تەقدىر - قىسمەت كەچۈرىدۇ.

«ۋەتەن» نى تەشكىل قىلغۇچى تاشقى ماكان ۋە ئىچكى مىللىيەتلىكتىن ئىككى ئامىلدا ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىچكى مىللىيەتلىكتۇر. ئەگەر بۇ ئامىل تارقاق، نادان ۋە جاھالەت ئىچىدە قالغان بولسا. تاشقى جۇغراپىيىلىك ماكان ئامىلى ئىستىلا ۋە دەپسەندە پەنجىسىدە ئۆز پەرزەنتلىرىگە زىت ۋاسىتىگە ئايلىنىدۇ. روشەنكى، مىللىيەتلىك تىپىك خاسلىققا ۋە شۇ سەۋەبلىك باشقا مىللىيەتلىك تۈركۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشتىن ئۆزگە تەقدىرگە دۇچ كەلسىمۇ، ماكان ۋە ئۇنىڭ بايلىقلىرى ھەرقانداق ئېتنىك تۈركۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلماي ئۆزلەشتۈرىلىدىغان ئوبيېكتتۇر. «ۋەتەن»نى تەشكىل قىلغۇچى ئىككى ئامىلنىڭ بىر - بىرىدىن ئاجرىلىپ كېتىشى، بىر - بىرىگە قارشى قىمەتكە ئىگە بولۇشى، تارىخنى بۇرمىلاش ۋە يەرلىك مىللەتنىڭ ئېتنىك مەدەنىيىتىنى ھاقارەتلەشتىن ئىبارەت غەيرىي نورماللىقنى جەزملەشتۈرىدۇ. تەنتەنىلىك ئىبارىلەر بىلەن بېزەندۈرۈلگەن بۇ تارىخىي يۈزلىنىشنىڭ پاجىئەلىك ماھىيىتىنى كۆرمەسلىك ھەقىقەتتىن مەھرۇملۇقتۇر. بۇ پاجىئە ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىش ساتقۇنلۇقتۇر.

«ۋەتەن» تارىخى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز - ئۆزىنى بىلىش، ئۆز ماھىيەتلىرىنى ئىزدەش، يورۇقلۇق ۋە ھەقىقەت ئىچىدىكى ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئىنسانىيەت بىلەن بىللە «ۋەتەن» ۋە مىللەتنىڭ نۇرانە ئىقبالىدىن غايەت زور مۇمكىنلىكلەرنى يوققا چىقارمايدۇ. روشەنكى، ھەرىكەت ئالەمنىڭ تىنىقى، ئۆزگىرىش جاھاننىڭ بىقارار قىياپىتىدۇر. مۆجىزە بولسا، شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنىڭ چېكىگە يەتكەندىكى قايرىلىپ تەبەسسۇم قىلىشىدۇر.

تارىخ ھەرقانداق پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنىڭ ھلاك قىلغۇچى سەۋەبلىكىنى ئەزەلدىن نامايىش قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىراخمان دىنىدىكىلەر كۆپ قوللۇق سىۋا ئىلاھىنى ھەم ئالەم بىنا قىلغۇچى ھەم ئالەمنى ھالاك قىلغۇچى مۇئەككەل دەپ ئېتىقاد قىلغان ئىدى.

ھەرقانداق مىللەت مىللىي تارىخىنى، ۋەتەن تارىخىنى بىلىش ۋە بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ تولىمۇ نورمال ئىنسانپەرۋەرلىككە ئۇيغۇن ئىنسانىي ھوقۇق قارىشىدۇر. ھەرقانداق ۋاسىتىلەر بىلەن بۇ ھوقۇقنى بوغۇش، ھاقارەتلەش ۋە بۇرمىلاش زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ۋە مىللىي شوۋىنىزمنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئومۇملۇق جەھەتتە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ۋە مەدەنىيلىككە زىت زوراۋانلىقتۇر. مىللەتلەرنى مىللەتلەرگە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىر - بىرىگە قارشى قىلىپ قويۇش بىلەن مىللەتلەرنى، ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت تۈركۈملۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى، بۇلاردىن تەبىئىي يوسۇندا كېلىپ چىقىدىغان ھوقۇقىي مۇمكىنلىكلىرىنى ئىنكار قىلىش ۋىجدانسىزلىق، ئادالەتسىزلىك ۋە قەستىكارلىق ھېسابلىنىشى لازىم. بۇ قائىدىلەر ئوچۇق - يورۇق كۈچكە ئىگە بولمىغان جايدا سۆزلەنگەن مۇقەددەس ئىبارىلەر سۈنئىي ياساندۇرۇلغان ساختىلىقتىن ۋە بۇ ساختىلىقنىڭ ئۆز - ئۆزىنى ئاشكارىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. خەلقلەر ئارىسىغا ئۇنىڭ مەلۇم قىسمى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، يەنە بىر قىسمىغا قارشى تۇرۇشنى ئىدىيە، روھىيەت ۋە دىپلوماتىك سىياسەت قىلىۋېلىش ئاتالمىش «يىراقتىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، يېقىندىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىش تاكتىكىسى»دۇر. بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ جاھالەت دەۋرىگە خاس قىلمىش بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش - ھازىرقى زامان جاھالىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تارىخ تولىمۇ ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ كەلگۈسىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن. ئىنسانىيەت تېخى ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەر ئىنسانىيەتكە ئايلىنىپ بولالمىغان بولسىمۇ، بۇ جەريان ئۇچقۇر ۋاقىتقا ئەگىشىپ تەدرىجىي يۈز بەرمەكتە. ئاقىلانە ئىنساننىڭ بۇرچى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئارىسىدىكى ھازىرقى تارىخنى تېخىمۇ ئىنسانىيلىككە، ئۇنىڭ ئەركى ۋە كىشىلىك قىمىتىگە لايىق قىلىپ يارىتىشتىن ئىبارەت. كەلگۈسىنىڭ كۈچلۈك مەسخىرىسى ۋە مەدھىيىسى خۇددى قىيامەت كۈنىدىكى ھۆكۈم لەۋھەلىرىدەك ئەبەدىي تەكرارلىنىدىغان ھۆكۈمدۇر. ھەرقانداق ھاكىمنىڭ سەلتەنەت تەختى - تاجى، ھەرقانداق پېقىر مەھكۇمنىڭ گادايلىق ھاسا - تاۋىقى، ھەر قانداق مەدھىيات ياكى ھاقارەت سالنامىلىرى بۇ ئەبەدىي تەكرارلىنىدىغان يەكۈننىڭ ھەقىقەت نۇرى ۋە مۇقەددەس كۈچى ئالدىدا ئاجىزدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.