ۋەتەن تامان ئۇچقان خىياللار - 2

0:00 / 0:00

گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى ھايات ئىليار ئۆمەرنى ياشاش ئۈچۈن يېڭى يول تېپىشقا ئۈندەيدۇ. ئائىلىسى بىلەن ميۇنخېندا جەم بولغاندىن كېيىن ئۇ كۆز ئالدىدىكى رېئاللىق ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىدۇ. قانداق قىلغاندا ئائىلە ۋە بالىلىرىنى خاتىرجەم ھاياتقا ئىگە قىلىش، يات ئەلدە پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان ئىقتىسادىي ئاساسنى يارىتىش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇش خىيالى ئۇنىڭ كاللىسىدىن نېرى كەتمەيدۇ. نۇرغۇن كۈزىتىش ۋە ئويلىنىشلار ئارقىلىق ئۇ ئاخىرى كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش، كىچىك ئىشتىن ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش شۇنداقلا پەرزەنتلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇدىغان شارائىتنى يارىتىش قارارىغا كېلىدۇ.

گېرمانىيەدىكى تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا ياشاش مۇھىتى يارىتىش تەجرىبىلىرى ئىليار ئۆمەر ۋە ميۇنخېندىكى باشقا ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ئىلھام بېغىشلايدۇ. ئىليار ئۆمەر ئەمگەكچان ئىككى قولى ئارقىلىق تۈرك قېرىنداشلارنىڭ دۆنەرچىلىك كەسپىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ئاخىرى ميۇنخېندا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئاشخانىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇ «يىپەك يولى» نامى بىلەن ئاتالغان بۇ تېز تاماقخانىسىدا تۈرك دۆنەرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا تەترىجى ھالدا ئۇيغۇرچە تەم قوشىدۇ شۇنداقلا قوشۇمچە قىلىپ بەزى ئۇيغۇر يېمەكلىكلەرنىمۇ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنە 9 يىلدا ئۆز ئالدىغان ئائىلە ئىگىلىكىنى يارىتىدۇ.

ئىليار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ گېرمانىيەگە يېڭى كەلگەن چاغدىكى سۈرىتى
ئىليار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ گېرمانىيەگە يېڭى كەلگەن چاغدىكى سۈرىتى


ئىليار ئەپەندى ئۆزىنىڭ گېرمانىيەگە كەلگەندىن بۇيانقى ئاز كەم 20 يىللىق ھاياتى جەريانىدا ئىككى نەرسىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىرى ھەرقايسى ئەللەردە تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى كىچىك بىر مىللىي توپلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسى؛ يەنە بىرى ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشاش ۋە پەرزەنتلەرنى تەربىيەش مەسىلىسىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىككى ئوغلىنى تەربىيەلەش ۋە قاتارغا قوشۇش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى بايان قىلىپ مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش جەھەتتە سەل قارىسا بولمايدىغان نۇقتىلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى. بالىلارنى مېھمان دۆلەتنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىللىنىپ ئۇئالردا كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىم ۋە ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئائىلىدە بالىلارغا دىنىي ۋە مىللىي كىملىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مۇھاجىرەتتە ئىزدىنىش ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئۆتكەن ئاز كەم 20 يىلغا يېقىن ھاياتىدىن خۇلاسە چىقارغان ئىليار ئۆمەر ئۆز خوشاللىقى ۋە ھەسرەتلىرىنىڭ ۋەتەن بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى، قولى ئىشتا بولسىمۇ خىياللىرىنىڭ ھەر دەقىقە ۋەتەن تامان ئۇچىدىغانلىقىنى، بەلكى مۇنداق كەيپىياتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرغا ئورتاق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەككە ھالەتتە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى، كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قالىدىغان مۇھىت ھازىرلاش ئۈچۈن پەقەتلا ئۇيۇشۇش، جامائەتلىشىش ھەمدە بىر گەۋدىلىشىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تاللاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.