مىڭلىغان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاسپورت ئالالماسلىق قىسمىتى ياش قۇربانجاننىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ. قەلبىدىكى ئېلىمغا بولغان تەشنالىق ياش قۇربانجاننى ئامال تېپىشقا قىستايدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۈچ مىڭ سوم پۇل خەجلەپ باشقىلارنىڭ پاسپورتىغا ئۆز رەسىمىنى چاپلىتىپ، پۈتۈنلەي باشقا سالاھىيەتتىكى يول خېتى ھازىرلايدۇ. ئامالسىزلىق ئىچىدە زور خەۋپ - خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان قۇربانجان بېيجىڭ ئايرودرومىدىكى خىتاي پاسپورت كونترولىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ پاكىستانغا يېتىپ بارىدۇ. شۇندىن باشلاپ قۇربانجاننىڭ كىملىك سالاھىيىتى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ، باشقىلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى بىلەن يېشىغا ئالمىشىدۇ. پاكىستاندا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ بۇ بەدەلنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يىللاردا ئۇ قايتا - قايتا ئۆز سالاھىيىتىنى ۋە ئىسىم فامىلىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ھەرقانداق گىراژداننىڭ ئەڭ ئەقەللىي دەرىجىدىكى قانۇنىي ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى بولغان، ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ بولغان، شۇنداقلا شەخسلەرنىڭ ئۆز ئىسىم - فامىلىسى يېزىلىدىغان ئاددىي پاسپورتقا ئۇ زادىلا ئېرىشەلمەيدۇ. ئۆز كىملىك سالاھىيىتى بىلەن ياشىيالماسلىقتەك قىسمەت ئۇنىڭ تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ...
بۈگۈنكى «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىمىز قۇربانجان مۇداشنىڭ ھايات ھېكايىسىگە بېغىشلاندى.
0:00 / 0:00