خوتەندىن ياۋروپاغىچە (2) سەككىز يىلدىن كېيىن ئۆز سالاھىتىنى تېپىۋېلىش

ئوقۇش ئىستىكى ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد قۇربانجان مۇداشنىڭ ياشلىق ھاياتىنى مەنىگە ئىگە قىلىپ تۇرغان ئىككى مۇھىم ئامىل ئىدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012-12-15
Share
qurbanjan-mudash-305.png قۇربانجان مۇداش ئەپەندى
Qutlan

ئۇ پېشاۋۇردىكى تىل ئىنىستىتۇتىدا ئۈچ يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى تاماملاپ، ئىسلامئابادتىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىشكە تەييارلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىۋېرسىتېت مەمۇرىيىتى ئۇنىڭدىن خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىغا بىۋاسىتە قاراشلىق بولغان مەدەنىيەت باشقارمىسىدىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ پاسپورتىغا ئۆز رەسىمىنى چاپلاپ، پۈتۈنلەي باشقا سالاھىيەت بىلەن پاكىستاندا ئوقۇشقا مەجبۇر بولغان قۇربانجاننىڭ ئالدىغا ئەمدىلىكتە يەنە بىر توسالغۇ پەيدا بولىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟

ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىشتىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسىمۇ دەل ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش ئۈچۈن ئىدى. ئوقۇش ئىستىكى ئۇنى يەنە بىر قېتىم تەۋەككۈل قىلىشقا مەجىبۇر قىلىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن باشقا بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا پاكىستاندا ئوقۇش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئالغان تونۇشتۇرۇش خېتىنى تاپىدۇ. مەزكۇر تونۇشتۇرۇشنىڭ ئىگىسى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەنىدى. قۇربانجان بۇ تونۇشتۇرۇشتىكى ئىسىم - فامىلە بويىچە پاكىستاندىكى ساختا پاسپورت ياسايدىغان ھايانكەشلەرگە پۇل تۆلەپ يېڭى بىر خىتاي پاسپورتى ياسىتىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىسمى «مۇھەممەت روزى» دىن «مەمەت نىياز» غا ئۆزگىرىدۇ. تۇغۇلغان يىلىمۇ «1965 - يىلى» دىن «1972 - يىلى» غا ئالمىشىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە تەۋەككۈل قىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، 1998 - يىلى ئۇ ئىسلامئابادىكى «خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى» غا رەسمىي ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتى ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭىدىن يېڭى مەزمۇنلارنى ئاتا قىلىدۇ. ئەپسۇسكى، 2001 - يىلىغا بارغاندا ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى تىنچ ھاياتى بىردىنلا خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ. «11 - سېنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بېرىپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا «تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش» دولقۇنى قانات يايىدۇ. بۇ ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىدە ئوقۇش ۋە تىجارەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «تېررورىزىم» بىلەن ئەيىپلەپ تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ. قۇربانجان پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان بىرمۇنچىلىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىز - تىزسىز غايىپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. مانا مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار تەرەپ - تەرەپكە قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئامالسىز قالغان قۇربانجان ئاخىرى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسىغا پاناھلىق ئېلتىماسى سۇنىدۇ.

بىر يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ پاناھلىق ئېلتىماسى شىۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن تەستىقلىنىپ ھۆر دۇنياغا سەپەر قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. ئەمما پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ چېگرىدىن چىقىشقا رۇخسەت قىلىش تەستىقنامىسىنى ئالالمىغاچقا سەپەر توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. خەۋپ - خەتەر ھەرۋاقىت قۇربانجان ۋە ئۇنىڭ سەپەرداشلىرىنىڭ باش ئۈستىدە ئەگىپ تۇرىدۇ. پاكىستان ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئۇلارنى تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەۋىپى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئەنە شۇنداق قىيىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار پاكىستاندىكى ب د ت ئىشخانىسىنىڭ مەخپىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئىران تەۋەسىگە ئۆتىدۇ. تېھراندىكى ب د ت ئىشخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاخىرى شىۋېتسىيەگە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا ساق - سالامەت چىقىدۇ.

گويا قورقۇنۇچلۇق چۈشتىن چۆچۈپ ئويغانغاندەك، بىر مەيدان خەۋپ - خەتەردىن ئامان - ئېسەن قۇتۇلغان قۇربانجان ئاخىرى شىۋېتسىيەنىڭ ياپ - يېشىل تۇپرىقىغا قەدەم باسىدۇ. ئۇنى بۇ يېڭى ئەلدە يېڭى بىر ھايات كۈتۈپ ئالىدۇ. بىر تال پاسپورت سەۋەبىدىن سەككىز يىللاپ باشقا ئىسىم ۋە باشقا سالاھىيەتتە ياشاشقا مەجبۇر بولغان قۇربانجان شىۋېتسىيەگە قەدەم باسقان ئاشۇ تۇنجى كۈندە ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمى بىلەن ئەسلى سالاھىتىنى قايتا تېپىۋالىدۇ...

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت