خرىستىئان ئاشقۇن

0:00 / 0:00

كۆكتاغ قاماقخانىسىغا يۆتكىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي بۇلاقتاغ رايونىدىكى بىر بۇتخانىغا ئوت قويغان بىر خرىستىئان «ئاشقۇن» مەن بار كامېرغا قامالدى. تەلەپپۇزىدىن خېنەننىڭ خىتايلىرىغا ئوخشايدىغان بۇ ياش تۇتقۇنغا خىتاي مەھبۇسلار ساراڭ تاپقاندەك مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. ئۈرۈمچىلىك غېنى بولسا ئۇنىڭ خىتاي بۇددىستلار ئون نەچچە يىلدا ئاران پۈتتۈرگەن بۇتخانىغا ئوت قويۇپ بەخىرامان يۈرگىنىگە ھەيران ئىدى.

ۋاڭ 2013-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ قامالغان بولۇپ ئۆزىنى جىنايەتچى ئەمەس خۇراپاتقا قارشى جەڭچى دەپ ئاقلايتتى. ئۇ كامېردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا ئوخشاش ئاشقۇنلۇقتا ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا قىزىل سىياسىي فورما كىيدۈرۈلمىدى. ئۇنىڭ پۇتىغا ئۇيغۇر «ئاشقۇن» مەھبۇسلاردەك كىشەن تاقىلىپ تولا سوراق قىلىنمىغاچ چىرايىدا غەزەپ، قورقۇنچ ۋە ئازابتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.

ۋاڭغا ئۇيغۇرلاردىن ئەڭ قىزىققىنى سىدىق ئىسىملىك بىر ستۇدېنت بولدى. ئۇ باشقىلارنى چەتئەللەردىن كىرگەن ئۈن-سىنلار ئارقىلىق «ھىجرەتكە قۇتراتقان» دېگەن باھانە بىلەن تۇتۇلغان بولۇپ ئادەتتە ھېچ بىر خىتاي مەھبۇس بىلەن پاراڭلاشمايتتى. مەن كىرگەندىن بېرى ئۇنىڭ ھېچ بىر خىتايغا گەپ قىلغىنى، ياكى بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ باققىنىنى كۆرمىگەن ئىدىم. كامېردىكى دەيدىغانغا گەپ تاپالمايدىغان خىتايلارنى ھەيران قالدۇرغىنى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان بىلەن بىر خىتاي خرىستىئاننىڭ قىزغىن سۆھبەتلىرى ئىدى. ئارامچىلىقلا بولسا ئىككىسىنىڭ گېپى تۈگىمەيتتى، بىللە تاماقلارنى بۇيرۇتۇپ يەيتتى.

خىتايلار ۋاڭنى نېمىشقىدۇر يامان كۆرەتتى. كامېردا ئۇنىڭ ئەيسا ئەلەيھىسسالام دادىسىز تۇغۇلغان دېگەن سۆزلىرى مەسخىرىگە قالاتتى. ھەتتا ئۇنى مەھبۇسلار بۇتخانىغا ئوت قويغان ۋاقىتتا نېرۋىدىن كېتىپ بولغان ياكى خرىستىئان بولدۇم دەپ باشقىلارنىڭ مېڭە يۇيۇشىغا ئۇچراپ كەتكەن دەپ قارايتتى. ۋاڭ باشقىلارنىڭ راست يالغاندىن ئېتىقادى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بەرگەن بىلەن ئەيسا مەسىھكە كىنايە قىلىنسا سەۋرى قىلالمايتتى.
سىدىقنىڭ نوپۇسى قەشقەردە بولۇپ ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۈرۈمچىگە چىققان ئىكەن. ئۇ يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى قەشقەرگە قايتقان ۋاقتى بىرەر ئايغا بارمىغان بولغاچ تىپىك ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتتى، خىتايچىسىمۇ سۇدەك ئىدى. سىدىقنىڭ قەشقەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ئۆزى ئوقۇغان خىتاي شەھىرى ۋۇخەن ھەققىدە بىلىدىغانلىرىدىن ئاز ئىدى. ئىسلام ۋە خرىستىئانلىق ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ئۆزى ئوقۇغان دېڭىزچىلىق ھەققىدە بىلىدىغانلىرىدىن كۆپ ئىدى. ئەمما ئۇ خىتايچىنى شۇنچە راۋان بىلىپمۇ خىتايلاردەك تاختا كارىۋاتتا ياتالمايتتى، ئۈرۈمچىدە چوڭ بولۇپمۇ تېخىچە ئۈرۈمچى نوپۇس ئالالمىغان ئىدى. ۋاڭنىڭ خېنەن تەلەپپۇزى پەقەت ئۆزگەرمىگەن، ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتەلمىگەن، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ تامىقىنى يەپ باقمىغان بىلەن نوپۇسى ئۈرۈمچىدە ئىدى.

سىدىق بىلەن ۋاڭنىڭ كەچلىك ئارام ئېلىش ۋاقتىدا باشقىلارغا ئوخشاش قىزىل فىلىملارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلماي ئىچىكىپ پاراڭ سېلىشلىرى ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى. ئۇيان بۇيان ئۆتكەچ قۇلاق سالسام بۈۋى مەريەم ئانا، ئەيسا ئەلەيھىسسالام، ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانا ھەققىدە مۇڭداشقانلىقىنى ئاڭلاپ قالاتتىم. گېپىگە قوشۇق سالغۇلىرىم كېلىپ كىچىك تىللىرىم لىپىلداپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قۇلاق يېقىشلىرىدىن ماڭا قارارغا كۆزى يوقتەك ئىدى.

سىدىق ۋاڭغا تاماق بۇيرۇتۇپ بېرەتتى، ھەتتا بىر قېتىم خروئىنكەش ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا بەرمىگەن چىرايلىق بىر مايكىسىنى كىيدۈرۈپ قويدى. بىر يىلدىن بېرى ئۆيىدىن نە پۇل نە ئىچ كىيىم كىرمىگەن ۋاڭنىڭ چىرايى سىدىقنىڭ پۇلىغا يەۋاتقان كادىر تاماقلىرى ۋە خۇش مۇئامىلىسى بىلەن ئېچىلىپ باشقىلار ھەر قانچە مەسخىرە قىلسىمۇ ياقا سىقىشمايدىغان بولغان ئىدى.

2014-يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر جۈمە كۈنى تۇيۇقسىز جىددىي ھالەت پۇشتىكى چېلىندى. كامېرنىڭ ئىشىكلىرى جالاقلاپ ئېچىلىپ ئىككى قوراللىق ئەسكەر ئاپتوماتلىرىنى بەتلىشىپ ئىشىكنىڭ قېشىدا تىك تۇردى. ھەممەيلەن بۇيرۇق بويىچە كىيىملىرىمىزنى سېلىپ ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ئادەتتە بويۇنداپ قاراشقىمۇ يول قويۇلمايدىغان ھاۋالانمىدا تامغا قاراپ تۇردۇق. بۇ بەزىدە ھەپتىدە بىر، يەنە بەزىدە ئىككى ھەپتىدە بىر بولىدىغان چوڭ تەكشۈرۈش ئىدى. تەكشۈرۈشتە تاماكا، چاقماق ۋە باشقا تىغلىق بۇيۇملارنىڭ بار يوقلۇقى نۇقتا قىلىناتتى.

ئادەتتە ئىشىكنىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنى بۇنى سوراپ قويۇپلا كېتىپ قالىدىغان قازاق گۇندىپاي ئۇ كۈنى ئالغانلىرىمىزنى ئېچىپ غۇلاچ كېرىشكە بۇيرۇدى. شۇ دەقىقىدە ئالدىمدا تۇرغان ۋاڭنىڭ سىدىققا بىر نەرسە قۇتقۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم. سىدىق ئالىقىنىدىكى نەرسىنى ئېغزىغا سېلىپ تۇرۇشىغا گۇندىپاي كۆرۈپ قالدى ۋە ۋارقىراپ ئۇنى بىر تېپىك بىلەن يەرگە يىقىتتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە سەۋەبلىك سېنتەبىرنىڭ سوغۇقىدا يالىڭاچ جاغىلداپ تىترەپ بىرەر سائەتتەك تۇرۇپ كەتتۇق.

كامېردا تاماكا ساقلىغان، تەكشۈرۈشتە سىگارتنى يۇتۇۋېلىپ ئىزىنى يوقاتقان دېگەن گۇناھ بىلەن سىدىق جازالىنىپ ئايرىم كامېرغا قامالدى. كامېردىكى باشقا مەھبۇسلارغا قائىدىگە خىلاپ قىلمىشنى يوشۇرغان دەپ گۇناھ ئارتىلىپ كەچلىك تاماق بەرمىگەننىڭ ئۈستىگە كېچە سائەت ئۈچكىچە ئۇخلاتماي دىققەتتە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.

مېنىڭ قارىشىمدا كامېردا ۋاڭ بىلەن سىدىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە سىياسىي سالاھىيەتتىكى تەڭسىزلىك، ئاسمان زېمىن پەرق، كۆۋرۈكسىز ھاڭ بولۇپ ھېسابلىناتتى. بۇلار زىددىيەت مەنبەلىرىنىڭ مۇھىملىرى بولۇپ ئارىدا دوستلۇققا ئىمكان يوق ئىدى. ئوخشاش دىنى سەۋەب بىلەن كىرگەن ئىككى مەھبۇسنىڭ بىرىنىڭ يەردە يەنە بىرىنىڭ پەگاھتا يېتىشى، بىرىنىڭ كىشەنلىنىپ يەنە بىرىنىڭ ئازادە يۈرۈشى ئۆچمەنلىككە سەۋەب بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما سىدىق بىلەن ۋاڭنىڭ دوستلۇقى بۇ قاراشلىرىمنىڭ توغرىلىقىغا سايە تاشلىدى. مۇسۇلمان سىدىقنى خرىستىئان ۋاڭ ئۈچۈن پىداكارلىققا ئۈندىگەن نەرسە نېمە؟ ئېتىقادمۇ، ئېتىقادتىن ھالقىغان ئىنسانىي دوستلۇقمۇ؟ بۇنى بىلىشكە ئاجىزمەن. ئەمما ۋاڭنىڭ شۇندىن كېيىن كامېردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا تېخىمۇ ھېسداشلىق قىلىشقا باشلىغانلىقى كىشىنى ئويلاندۇراتتى.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.