يانچۇققا يېزىلغان خەت
2018.03.06
كۆكتاغ قاماقخانىسىغا يۆتكىلىپ، تىكقۇدۇق(لىيۇداۋان) قاماقخانىسىدا باشلىغان كۈندە بەش مىڭ قەدەم مېڭىش پىلانىم توختاپ قالدى. ھاۋالانما تاقاق، كامېردا ماڭغۇدەك بوشلۇق كىچىك بولغاچ ھەرىكەتسىزلىكتە بەدەنلىرىم بوشاپ قەدەملىرىم ئېغىر كېلىشكە باشلىدى. سېمونت پولنى سۈرتسەممۇ تەرلەپ كېتەتتىم. ھەرىكەت قىلاي دەپ بەش ئالتە مېتىر كېلىدىغان پەگاھتا مېڭىشقا باشلىسام باشقا ئۇيغۇر مەھبۇسلارمۇ كەينىمدىن ئەگىشەتتى. ئادەتتە بىر يەرگە كېلىپ ئۇزاقراق پاراڭ قىلغىلى بولمايدىغان بولغاچقا مۇشۇنداق مېڭىپ ئۇيغۇرچە سۆزلەپ خۇمارىمىزنى باساتتۇق. يامان يېرى شۇنچە ئاۋايلىسىمۇ ئۇلارنىڭ پۇتىدىكى كىشەنلەر شاراقلاپ تاختا كارىۋاتتىكى خىتاي ۋە تۇڭگان مەھبۇسلارنىڭ چىرايلىرىغا بىزارلىق يامرايتتى.
كامېرغا كىرگىنىمگە بىر ئايدىن ئاشقان بولغاچقا ھەممە مەھبۇسلارنىڭ خۇي-پەيلى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. دەسلەپ ماڭا گۇمان بىلەن قارىغان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئەمدى ئىچىنى ئېچىپ پاراڭ سېلىشقا باشلىدى. كىرگەن كۈنۈم ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەن ئىككى بوۋايغا قاراپ ئىچىم سىيرىلغان ئىدى. پاراڭلىشىپ قارىسام، ئۇلار تېخى ئەمدى ئەللىكتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش كىشىلەر ئىكەن. ئۇلار ئاياللىرى يۈزىنى نىقابلاپ ئۆزى ساقال قويغانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇلۇپتۇ. بوۋايلاردىن بىرىنىڭ ئىككى ئوغلى مىسىردا ئوقۇيدىكەن.
تىكقۇدۇق قاماقخانىسىدا بىر پاكىستانلىق مەھبۇسقا تەرجىمانلىق قىلغىنىم ئارخىپىمدا بىللە كەلگەنمۇ قانداق بىزگە مەسئۇل قازاق گۇندىپاي بىر كۈنى بىر رەسىمدىكى خەتنى تەرجىمە قىلدۇرماق بولۇپ كېلىپتۇ. رەسىمدە ئەرەبچە «خالىد، سىلاھ، سەيف» دېگەن ئۈچ سۆز تۇراتتى.
بۇ سىياسىي گۇمان بىلەن تۇتۇلغان بىر مەھبۇسنىڭ بىلىكىگە چېكىلگەن خەت بولغاچ سوراقچىلار بەكرەك قىزىقماقتا ئىدى. «خالىد» دېگەن سۆزدىن ئەقلىمگە ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ساھابە، قابىل قوماندان خالىد ئىبنى ۋەلىد كەلدى. كەينىگە كەلگەنلىرى قورال، قىلىچ دېگەن مەنىدە ئىدى. ئەگەر بۇ مەنىلەرنى دەپ بەرسەم بىچارە بالىنى «ئىسلام ئۈچۈن كۆرەشكەن خالىد ئىبنى ۋەلىدكە ئوخشاش قوراللىق ئۇرۇشنى تەرغىب قىلماقچى» دېيىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا چاندۇرماي «ئۈچىلىسى ئادەم ئىسمى، قىزلارنىڭ ئىسمىدەك قىلىپ تۇرىدۇ، بىزدە سەفىيە، خالىدە دېگەن ئىسىملار بارغۇ، شۇنىڭدەك قىز دوستىنىڭ ئىسمىمۇ تېخى!» دەپ قويدۇم. گۇندىپاي مەندىن بۇ ئىسىملارنى «ئىسلامدىكى بىرەر قەھرىمان ياكى دىنى داھىيلارنىڭ ئىسمىمۇ،» دەپ سورىدى. مەن ئۇلار بىلەن ھېچ ئالاقىسىزلىقىنى، ئەرەبلەردىكى خرىستىئان ۋە يەزىدىلەردىمۇ بۇنداق ئىسىملارنىڭ بارلىقىنى دېدىم.
قازاق گۇندىپاي ئەرەبلەرنىڭ ئىچىدە ئىسلامدىن باشقا دىندىكى كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. بىردەم پاراڭلاشتۇق. مېنىڭ خىزمىتىمنى، ئوقۇش تارىخىمنى ئاڭلاپ، دېلويۇمنى سوراپ بولۇپ كېتىپ قالدى. بىر چاغدا قارىسام مائارىپ، پسىخولوگىيە ۋە جەمئىيەتشۇناسلىققا دائىر كىتابلارنى كىرگۈزۈپتۇ. ئادەتتە چىرايى سوغۇق كۆرۈنىدىغان بۇ قازاق يىگىت ماڭا شۇ كۈنى بەكلا ئىللىق كۆرۈندى.
گۇندىپاينىڭ تۆمۈر ئىشىك سىرتىدىن بىرنى كۈلۈمسىرىشى ۋە كىتاب كىرگۈزۈشى كامېر ئىچىنى كۈلكىگە كۆمۈۋەتتى. ئادەتتە سەن دەپ گەپ قىلىدىغان غېنى تەلەپپۇزىنى سىزگە ئۆزگەرتتى. ئەزەلدىن ماڭا بۇيرۇق قىلىپ كۆنگەن ھاكاۋۇر خىتاي، تۇڭگانلار ئېغىزى-ئېغزىغا تەگمەي خۇشامەت قىلىشقا باشلىدى. دېسەم دېمىسەم يەنە شۇ تاماكىنىڭ تەمەسىدە ماڭا ياخشىچاق بولۇشماقتا ئىدى. چۈنكى ئۇلار كىتاب كىرگەن كاماردىن تاماكىنىڭمۇ كىرىشىنى مۇقەررەر دەپ بىلىشەتتى.
كامېردىكى پارىخورلۇق بىلەن كىرگەن خىتاي مەھبۇسلار ۋە ئاقچى تۇڭگانلار تۇتۇلۇشۇمغا سەۋەب بولغان پائالىيەتلىرىمنى ئاڭلىغانلىرىدا ئىشىنەلمىدى. ئۇلارچە مەندەك بىر ئادەمنىڭ جىنايەتچى ئاتىلىپ تۈرمىگە كىرىشى بىر تاسادىپىيلىق بولمىسا بىر سۇيىقەست بولۇشى كېرەكمىش. بىرەيلەن: «سەن ئەسلى خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولىدىغان ئادەم ئىكەنسەن» دېگەن ئىدى. مەن جاۋابەن «توغرا دەيسەن، مەن زادى ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىلى، ئەمما كومپارتىيە بىردىن-بىر ۋەكىل بىز، سەن دۈشمەن دەيدۇ. بىز كومپارتىيە بىلەن سالاھىيەت تالىشىپ قالدۇق» دېگىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە.
ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا، بولۇپمۇ بەشكېرەملىك تۇرغۇن ئاكىغا مېنىڭ ئەرەبچە خەتلەرنى ئوقۇيالىغىنىم ۋە گۇندىپايغا بەرگەن جاۋابىم بەك ياراپ كېتىپتۇ. تۇرغۇن ئاكا شۇ خۇشاللىقىدا ئۆيىدىن كىرگەن، تېخى كىيىشكە ئۈلگۈرمىگەن بىر يۈرۈش تەنھەرىكەت كىيىمىنى ھەدىيە قىلىۋەتتى. ساپ پاختىدىن تىكىلگەن داڭلىق ماركىلىق سۈپەتلىك ئىسپورت كىيىمى ھەپتە ئاخىرىدا ئۇچامغا چىققۇچە ياستۇقۇم بولدى، چۈنكى كامېردا ياستۇق بېرىلمەيتتى.
كۆكتاغ قاماقخانىسىدا ياخشى يېرى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام كۈنلىرىدە خالىغان كىيىملەرنى كىيىشكە ئىجازەت بار ئىكەن. بۇرۇنقى قاماقلاردا مەھبۇس كىيىمى ئۇچىمىزدا بولمىغان ھامان گۇناھكار بولاتتۇق، شۇڭا ھەر دائىم شۇ لەنەتلىك كىيىم كىيىكلىك بولاتتى. سىياسىي مەھبۇس بولغان چاغلىرىمدا ھەتتا ئۇخلىغان ۋاقىتتىمۇ قىزىل جىلىتكىنى كىيىشكە مەجبۇرلايتتى. پۈتۈنلەي نىلوندىن تىكىلگەن كىيىم كېچىدە قىزدۇرۇپ ئادەمنى راھەتسىز قىلاتتى. ھەدىيە ئالغان شۇ ھەپتە ئاخىرىدا تۇتقۇن ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم لەنەتلىك كۈلرەڭ مەھبۇس كىيىمىنىڭ ئورنىغا ئاقۇچ رەڭلىك ئىسپروت كىيىمى كىيىپ ھاياجاندىن ئولتۇرالماي قالغان ئىدىم.
قاماقتا بۇ ھۆرلۈك لىباسىمنى پۇرسەتلا چىقسا كىيىپ يۈرگەن بىلەن ئىچ تېشىغا تەپسىلىي قاراپ باقمىغان ئىكەنمەن. قاماقتىن چىققان ھەپتىسى ئايالىم كىر يۇيۇشقا تۇتۇنۇپ ئىسپورت كىيىمنىڭ ئىشتان-يانچۇقىغا يېزىلغان بىر خەتنى بايقاپتۇ. ئىشتاننى قولۇمغا ئېلىپ ئالدىراپ ئوقۇشقا باشلىدىم: «قەدىرلىك دادا، سېنى كۆرمىگىلى بۈگۈن 187 كۈن بولدى. ئانام ۋە ئىنى-سىڭىللىرىم تىنچ ئامان تۇردۇق. بىزدىن ئەنسىرىمە. دەسلەپتە بۇ مۇسىبەتكە ئىشىنەلمەي، قويغان-تۇتقۇنىمنى بىلەلمەي يۈردۈم. ئاخىرى ھەر ئىشتا بىر ھېكمەت بار دەپ سەۋر قىلدىم. سېنىڭ بارىڭدا ئەتىگەندە بامداتقا ئويغىتىپ قويۇپ چىقىپ كەتسەڭ، خۇددى ھاشارغا ھەيدىگەندەك تەستە قوپۇپ نامازدىن كېيىن ئانامغا كۆرسىتىش ئۈچۈن بىرەر ئىككى بەت قۇرئان ئوقۇپ ئۇخلاپ قالاتتىم. ھازىر ئەزاندىن بۇرۇن ئويغىنىپلا نامازنى ئوقۇپ مالغا چىقىپ كېتىمەن. ئۆينىڭ غېمى، ئانامنىڭ كۆز يېشى، ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ قۇرۇق توڭلاتقۇنى توختىماي ئېچىپ-يېپىشلىرى مېنى ئۇخلاتمايدۇ. سەن ئۆي ئىجارە ئېلىپ بەرگەن ئۇستازنىڭ قېشىغا بېرىشتىن ئۈمىد ئۈزۈلدى. ئەمما ئۇستاز بولمىسىمۇ ئارزۇيۇڭدىكىدەك قارى بولۇش ئىرادەم كۈچەيدى. سېنى تۇتقاندا پىراۋىنىمۇ ئېلىپ كەتكەن، قايتۇرۇپ بەرمىدى. ھازىر مالغا ئاپتوبۇس بىلەن بارىمەن. دەسلەپتە سېسىق پۇرايدىغان ئاپتوبۇستا قىستىشىپ ئۆرە تۇرۇش بەكمۇ ئېغىر كەلدى. لېكىن ھازىر ئاپتوبۇس ماڭا دەرسخانا. ھەر كۈنى توپ بازارغا بارغىچە ۋە مال ئېلىپ يانغىچە تېلىفوندىن قۇرئان يادلايمەن. مېنىڭ قارى بولغىنىمنى كۆرگۈڭ بار ئىدى، بۈگۈن مەن قارى بولدۇم دادا، شۇ ئارمانلىرىڭ قۇلاق تۈۋۈمدە بولغاچ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بۇ خۇشخەۋەر يەتكۈزدۈم. . .» ئاخىرقى قۇرلار سۇۋۇشۇپ كەتكەن بولۇپ كۆز ياشلىرىدا ھۆللىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ھەر قانچە سىنچىلاپمۇ ئوقۇغىلى بولمىدى.
خۇددى ئىسپورت كىيىمىنىڭ باشقا يەرلىرىدىنمۇ بىرەر ھەرپ چىقىپ قالىدىغاندەك ئۆرۈپ-چۆرۈپ قاراپ كەتتىم. ئىشتاننىڭ سول يانچۇقىغا ئىمىر-چىمىر ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان خەتلەردىن باشقا بىر نەرسە بايقالمىدى. ئىچىمدىن بىر ئۇھ چىقتى، يىل بويى باغقا ئىشلەپ، سېۋەتنى قۇچاقلاپ ھۆل، قۇرۇق يەل-يېمىشلەر بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆمرى ئۆتكەن تۇرغۇن ئاكا بۇ غەلىبىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلمەيتتى. نەچچە ئون يىل جاپا تارتىپ ئەمدى بېلى تۈزلەنگەندە بېشىغا توقماق تەگكەن 50 ياشلىق بوۋاي بۇ خۇشخەۋەنى ئاڭلاشتىن مەھرۇم ئىدى.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.