«ياق!» دەڭلار

0:00 / 0:00


يالماپ ۋەتەننى مەقسەتلىك ئىشىك قاققانغا ياق دەڭلار،
سىزىپ ھالىمنى ھەسرەتلىك كۈلۈپ باققانغا ياق دەڭلار،
چاياندۇر كىم « خىزىر يەڭلىغ» كېلىپ چاققانغا ياق دەڭلار،
سىيىرلاردىن يىراق پەرقىم، سىيرىپ ساغقانغا ياق دەڭلار،
نە ئەپسۇس باغرىنى « دوست» دەپ يېرىپ ياققانغا ياق دەڭلار.


قەدىرلەنسەم يېتەر ئەسلى بىساتىم ۋەزنىگە لايىق،
قازالماي ئۆتتى كۆپ ئۆمرۈم جاۋاھىر خەزىنىگە لايىق،
ئېغىر كۈلپەتتىدۇر جىسمىم ئاراندۇر نەزمىگە لايىق،
كۆڭۈللۈك چاغلىرىم كەتتى، ئەمەسمەن بەزمىگە لايىق،
كېتىپ تۇرسۇن ناۋا ئىزدەپ بەدەر چاپقانغا ياق دەڭلار.


ئېزىلگەن خەستە دىللارغا ئەزەلدىنلا تۇتاشتۇر دىل،
ئۈزۈلمەس ئاڭا رىشتەم ئۇرۇپ -چەيلەپ تېرەمنى شىل،
ئىرادەم سۇلمىقى مۈشكۈل ۋە ياكى يەرگە يەكسان قىل،
يەنە ھەم مەيلى زارلانسام ئۇل تەقلىددە نۇرغۇن يىل،
زۇلۇمدىن زارى- زار قاقشاپ غۇرۇر ساتقانغا ياق دەڭلار.


تالاپەت يەپ قۇرۇق سۈلھى-سالاغا كەتتى كۆپ ۋەسلىم،
شامالدارىپ سۈرەلمەي بىخ باھارسىز ئۆتتى تۆت پەسلىم،
يېنىمدا ئەمدى ھېچكىم يوق يارالغاندەك بۈگۈن ئەسلىم،
دېسەم ھەرگىز كۈلۈشمەڭلار، ياماندۇر بولغۇنۇم تەسلىم،
بولاي دەپ دوست يالاپ يۇندا تالاپ قاچقانغا ياق دەڭلار.


زۇۋان سۈرسەم سېلىپ قوقاق ئارامىمنى بۇزارمىش ھىم،
بېشىمغا ئۇرسىمۇ توقماق تۇرۇپ تۇرماق زۆرۈرمىش جىم،
ئاڭا قانداق كۆنەي ئەمدى كۈرەشچان تۇرسا ئەجدادىم،
مېنى يۇتماق بولغىنىدىن ھەم خەۋەرسىز قالمىسۇن ھېچكىم،
ھودۇقماستىن ئاسارەتكە چاپان ياپقانغا ياق دەڭلار.


دېمەك ھاردىم چېپىپ ھەريان ئەمەلگە ئاشمىدى ھېچ ئىش،
ھەقىقەتكە يۇمۇلدى كۆز، يامانلار ياقلىنىپ ياز - قىش،
نادانلار دەستىدىن ئۈركۈپ، مۆكۈپ تۇرماقچىمەن تىپ -تىنچ،
جاكارلاڭلار يوقالدى دەپ جاھاندا بىر يولى تەشۋىش،
ئىرەن قىلماي كۈتۈپ ھۆرلۈك چۈشەپ ياتقانغا ياق دەڭلار.