ئەزىز قېرىنداشلار! بۇ يىللىق تۇنجى سەھىپىمىزدە سىلەرگە ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىمىز ئۈچۈن تەييارلانغان ھۆرلۈك ئۈچۈن قاچقۇن ھاياتقا مەجبۇر بولغان ئالماسبەگ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «ئەركىنلىككە سوزۇلغان ئۇزاق يول» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى ئاڭلىتىمىز. ئاندىن مۆھتەرەم مائارىپچىلىرىمىزدىن مۇھەممەد ئەمىن يازغان «تەربىيىدىكى قىممەت ۋە قىسمەت» ناملىق ماقالىنىڭ داۋامى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن: «ئۇيغۇر بىز» ناملىق شېئىردىن بەھر ئالىسىلەر. ئاخىرىدا رېئال تارىخ ۋە ئۆز كەچمىشكە ئاساسەن يېزىلغان چىن ھېكايە ۋە بۇ ھېكايىگە ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن جان بېرىپ، سەھىپىمىزنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلىرىمىزنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ كېلىۋاتقان ئايگۈل يۈسۈپ تەييارلىغان: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسەرنىڭ داۋامى بېرىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۇ ھەپتىلىك «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزگە مەرھەمەت!
0:00 / 0:00