«يورۇق ساھىللار» ۋە «كەچمىش ۋە ئەسلىمە»

0:00 / 0:00

سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن بىر قىسىم نادىر شېئىرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!

بۇ پروگراممىدىكى شېئىر تېكىستى:


قارا كېچە، ئۈمىدلەردە قورقۇنچ،
چىرىلداشتىن تېخى ئەلگە ئۇيقۇ يوق.
سۈرۈلۈپ كەلدى قارا بۇلۇت چاڭ سېلىپ،
قەلبلەرنى يورۇتقۇدەك ئىزگۈ يوق.


شەپەق نۇرىنى كۆرەرىمگە دەرگۇمان،
ئاتامدۇ يوق باشلىرىمدا سەھەر تاڭ.
ياتسام يەنە نەدىن بىلەي سەھەرنى،
ئۇيقۇلۇقتا قانچە نۆۋەت ئاتتى تاڭ.


باشلىرىمدا ئەگىپ يۈرەر قارا بۇلۇت،
ھەيۋەت ئۇندا ۋەھىمىنىڭ قاتلىمى.
ئىسكەنجىگە چۈشۈپ قالدىم كېچىنىڭ،
يۇتۇۋەتتى قايغۇلارنىڭ قاينىمى.


ھېسسىياتىم ئەقلىمگە ئوقار مۇناجات،
ئېيت ئەقىل قۇياشىڭ نېمىشقا قارا.
باشقىغا كەلگەن شۇ باھارنىڭ ھىدى،
كەلمەيدۇ نېمىشقا باغلىرىڭ ئارا.


نەزەر سال، ئەتراپقا ئۇلۇغ كۆككە باق،
ھېسسىياتقا چىرمىشىپ كېتىدۇ ۋەتەن.
قىرونىڭ ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتسا،
تىترەككە يەم بولۇپ كېتىدۇ بۇ تەن.


خوش ئەمدى تېڭىلدۇق يورۇماس تاڭغا،
يەنە شۇ تارىخقا ئىمكان بارمىدۇ.
يول ئىزدەپ يۈرىمەن چۆللەرنى كېزىپ،
بەزىدە ئۈمىدكە بولسام ھەمدەمدە.


نە ئامال ئېيتقىنا قوڭۇررەڭ تۇپراق،
قوينۇڭدا ھاياتلىق يەنە كۆكلەمدۇ.
قوشنامنى يورۇتقان قۇياش ئاپتىپى،
بىزنىمۇ بىر كۈنى نۇرغا چۈمكەمدۇ.


چاقماقلار چاققاندەك بولدى ئاسماندا،
خۇددى چوڭ كارىۋاتتەك تىترىدى زېمىن.
گۈلدۈرلەپ تۇپراقتىن چىققاندا تاۋۇش،
سۆزلىدى كائىنات ئىنتايىن قىزغىن.


قاراپباق ئەتراپقا دىل كۆزدە قارا،
دىيارىڭ ئۇز دىيار ئىنتايىن زىبا.
چەيلەنسە جۇدۇننىڭ ئاستىدا باھار،
چۈشمەيدۇ چېھرىڭگە ئىماندىن زىيا.


غەم يېمە تاڭ قانداق ئاتاركىن دەپ،
ئۇيۇشساڭ قۇرامتاش بەستىدەك بەردەم.
قۇياش شۇ قۇرامتاش كەينىدە ساقلاپ،
چىللايدۇ باغرىغا تىرىشساڭ ھەردەم.


شەرتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچىپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.


تىترىگەن ياپراقتەك سۆزلەيدۇ تارىخ،
ئەرككە ئىنتىلىش ئىنسانغا ئەنزار.
تاڭ ئۈچۈن غۇنچىنى كۆمگەن قەبرىلەر،
گۆرىستان بولمىغاي بولغاي لالىزار.