يورۇق ساھىللار(8-سان)

ئالدىنقى ھەپتىلىك «يورۇق ساھىللار» سەھىپىمىزدە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان مەشھۇر شائىر، خەلق ئازادلىقى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى ۋە ئەمەلىي ئىش – ئىزلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان پىداكار جەڭچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنىدۇق.

0:00 / 0:00

لېكىن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن شائىرنىڭ ھەممىمىزگە ياد بولۇپ كەتكەن ئەڭ جەڭگىۋار، ئەڭ مۇنەۋۋەر شېئىرىنى بىلەلمىگەنىدۇق. مانا بۈگۈنكى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شائىرنىڭ ئۆز خەلقىنى ئويغىنىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا ئۈندەپ قەلەمگە ئالغان شۇ يالقۇنلۇق مىسرالىرىنى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق. ئۇنداقتا ئالدى بىلەن، شائىرنىڭ: ناملىق شېئىرىدىن بەھر ئالغايسىلەر.

ئويغان ئۇيغۇر

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ئەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان. ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزمىساڭ،
ئاھ... سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتۈر ئۇيقۇڭنى ئاچ!
رەقىبنىڭ بېشىنى كەس، قېنىنى چاچ!
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ
ئۆلىسەن ئارماندا بىر كۈن نائىلاج.

ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭىمۇ يوقتۇر ئۆلۈمدىن ئانچە غېمىڭ.
قىچقارسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ.

كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق.
ئۆز ئىستىقبالىڭ ھەققىدە ئويلا ئۇزاق.
كەتسە قولدىن بۇ غەنىيمەت پۇرسىتى
كېلەچەك ئېشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.

ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا ئەي ئۇيغۇرۇم،
سەپدىشىم، قېرىندىشىم، بىر تۇغقىنىم.
كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى،
ئاڭلىمايسەن زادى نېمە بۇلغۇنۇڭ؟

كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن.
تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.
"خەپ!.." دېسەڭ ئۇ چاغ ئۈلگۈرمەي قالار
شۇنىلا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن.

تۇرپان، 1921

مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق)

ئەمدى بۈگۈنكى پروگراممىمىزنىڭ: «مەشھۇر كىشىلىرىمىز» بۆلۈمىدە يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ يولباشچىسى، شائىر، كومپوزىتور، ھەممىدىن مۇھىمى ھىدايەت يولىدىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇستاز مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

شۇنداق مەمتىلى ئەپەندى شائىر ئىدى. تېخى 20 ياشنىڭ قارىسىنى ئالماي تۇرۇپلا، بۇ قابىلىيىتى بىلەن ئىلى، چۆچەك تەرەپلەردە خېلىلا داڭق چىقارغانىدى. 1924 – يىلى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان: «ئوقۇدى ئاشتى» ناملىق قەسىدىسى مانا بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

ئۇ بىر كومپوزىتور بولۇپ، چۈنكى ئۇ ئۆزى ئىجاد قىلغان نۇرغۇن شېئىرنى ئۆزى ئاھاڭغا سېلىپ، پەقەت ئاتۇش، قەشقەر ئاسمىنىدا كۆككە ياڭرىتىپلا قالماي، ئىستانبۇلدا قاتناشقان ئىلمىي سورۇنلاردا تەمبۈر ماھارىتى بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ قەلب تارىنى تىترەتكەن ئىكەن.

ئۇنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكى بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى. چۈنكى ئۇ بولشېۋىكلار ھەدەپ تەرغىب قىلىۋاتقان كوممۇنىزم ئىدىيىسىنىڭ ئۆز ئەقىدىسى ۋە خەلقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە پەقەتلا ماس كەلمەيدىغان قۇرۇق سەپسەتە ئىكەنلىكىنى ناھايىتى تېزلا چۈشىنىپ يەتكەن ۋە بۇ بالاغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، دەرھال تۈركىيىگە قېچىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن. ئۇنىڭ مەرىپەتپەرۋەر ئۇستاز ۋە ھۆرلۈك جەڭچىسى ئىكەنلىكى، بۇ يولدا ئېلىپ بارغان ئىش – ئىزلىرى ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايان.

ھۆرمەتلىك دوستلار! يۇقىرىدا بىز مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شائىر ۋە كومپوزىتور ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان جەڭگىۋار شېئىرلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزى ئاھاڭغا سېلىپ، ئوقۇغۇچى –ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆزى ئۆگەتكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتۇق. بىزچە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شېئىرى قابىلىيىتى ۋە مۇزىكا تالانتىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ھازىر بىز: «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» دەپ ئوقۇۋاتقان: «قۇتۇلۇش يولىدا» ناملىق ئۆلمەس ئەسىرى بولسا كېرەك.

قۇتۇلۇش يولىدا
(شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى)

مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق)

قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قېنىمىز،
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز پىدا بولسۇن جېنىمىز.
قان كېچىپ ھەم جان بېرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سېنى،
قۇتۇلۇشقا قەلبىمىزدە بار ئىدى ئىمانىمىز.

يۇرتىمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،
ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بىزنىڭ نامىمىز.
يارۇ-ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن،
شانۇ-شەۋكەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.

ئاتىلارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بېتىدىن،
نەسلى قالدى جەڭگىۋار بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.
چىقتى جان ھەم ئاقتى قان، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان،
ياشىسۇن! مىڭ ياشىسۇن!! گۈزەل ئىستىقبالىمىز.