سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان پروگراممىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئالدى بىلەن «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان مەخسۇس سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلايسىلەر. ئاندىن بىر قىسىم نادىر شېئىرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. ئاخىرىدا: «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىنىڭ داۋامى ئاڭلىتىلىدۇ. قېنى ئەمىسە، بۈگۈنلۈك پروگراممىمىزغا مەرھەمەت قىلغايسىلەر!
چوققىلار سىيرىلىپ چۈشمەكتە پەسكە
شورلۇق
سىلكىنىپ-سىلكىنىپ يىغلايدۇ قۇملۇق،
بۇقۇلداپ-بۇقۇلداپ ئوت چاچار تارىم.
مەڭگۈلۈك ئارماننىڭ ئاشماقتا كۈچى،
زۇلۇمدىن سۇنماقتا تىلىم، ئاۋازىم.
كەلگۈندى تىرنىقى بوغقان گاللاردىن،
بۆرە كۆز ئۈمىدلەر تاڭغا چېتىشلىق.
مۇقەددەس تىنچلىق زەيتۇن شېخىدا،
كۆك كەپتەر بۇقۇلدار مۇڭلۇق، يېقىشلىق.
سادىرنىڭ ئۆڭكۈرى يىغلار ئېسەدەپ،
چوققىلار سىيرىلىپ چۈشمەكتە پەسكە.
قەلبىمدە ئارمان سەن قۇرىغان دەريا،
ھەر كۈنۈم بەك ئۇزۇن، ئۆتەر مىڭ تەستە.
ئازابسىز ياشاشقا ئۇيغۇرۇم بەك زار،
ئەركىمىز ئېچىرقاپ كەتكەن شۇقەدەر.
ئارمانلار قۇملارنى قۇچاقلاپ مەھكەم،
ئاقىدۇ ئۆركەشلەپ چۆللەردە غەملەر.
دەريانىڭ شاۋقۇنى ئاڭلىنار مۇڭلۇق،
باھارنىڭ ھىدىنى سېغىنغان جاڭگال.
قۇملۇقنىڭ باغرىغا چۆكىدۇ يوللار،
توغراقلىق قوينىدا تۈمەنمىڭ سوئال.
لېۋى قان دىللاردا تۈمەنمىڭ ھەسرەت،
سېرىق تال كۈنلەردە يۈرەكنىڭ دېغى.
يېشىمغا قوشۇلۇپ كەتتى تارىممۇ،
قايرىلدى، سۇندىغۇ بەختىمنىڭ شېخى.
يارامنى قانىتار دەردلىك ئەسلىمە،
ھۆرلۈك دەپ ئارماندا ياشاۋاتىمەن.
چۈشۈمدە بىر بوۋاي قاچتى تاغلارغا،
باغرىدا گۈرۈلدەپ كۆيەر بىر ۋەتەن...!
خەلقىمنىڭ قەلبىدە ئۇلۇغ ئارمانلار،
ياۋنى كۈل قىلىدۇ يۈرەكتىكى ئوت.
سەھەرنى كۈتمەكتە ئۇزۇن بىر كارۋان،
ئوغۇزخان، بۇغراخان، قېنى دەدەقۇت...!