ئالدىنقى ھەپتىلىك «يورۇق ساھىللار» پروگراممىمىزدا، 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، مەنىۋى يېتەكچىسى، شۇنداقلا باش مىنىستىرى، ئالىم، سىياسىيون سابىت داموللامنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا بولسا، سابىت داموللامنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، ھەربىي قوماندان ۋە سىياسىي ئەرباب مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
بولۇپمۇ ۋەتەن سىرتىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز: «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەننى تاشلاپ چىقىشقا مەجبۇر بولدۇق» دېگەن جۈملىنى ئاڭلىغان بولۇشى ۋە بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىشى مۇمكىن. ۋەتەندىن ئۇزاق مۇددەتلىك ياكى ئۆمۈرۋايەت ئايرىلىپ چىقىش ھەر بىر ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ئاجايىپ مۈشكۈل ئىش. شۇنداقتىمۇ تارىخىمىزدا ئۆتكەن ياكى ھېلىمۇھەم ياشاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ۋەتىنى ئۈچۈن ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى ھەم بولماقتا.
مانا بۈگۈن سىلەرگە، ئەنە شۇنداق كىشىلىرىمىزنىڭ يولباشچىسى ھەم يېتەكچىسى، 65 يىللىق سىياسىي ھاياتىدا ۋەتەن ئازادلىقى، خەلق ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھەم قان كېچىپ كۈرەش قىلغان، ھەم قولىغا قەلەم ئېلىپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي بىلىمى، سىياسىي چۈشەنچىسى، يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ۋە نۇتۇق قابىلىيىتى ئارقىلىق دۈشمەنلىرىنىمۇ قايىل قىلغان، جاللات شېڭ شىسەينىڭ رەزىل قىلمىشلىرىنى دۆلەتلىك قۇرۇلتاي زالىدا دادىللىق بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا پاش قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەتەن ۋە خەلقىمىز ئۈستىدىكى دەھشەتلىك ئىستىبداتىغا خاتىمە بەرگەن، شۇنداقلا گومىنداڭنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۇنجى قېتىم «تۈركىستان»، «تۈرك» دېگەن سۆز-ئىبارىلەرنى كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەن، ۋەتەندە مىللەتچىلىك ئېڭى، مىللىي دۆلەت چۈشەنچىسى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق، ئەڭ بولمىغاندا مىللىي مۇختارىيەت ئىدىيىسى ۋە سىستېمىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى ئۈچۈن جاپالىق ئىزدەنگەن. بىر تەرەپتىن رۇس، بىر تەرەپتىن خىتاي، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك شوۋىنىزمنىڭ تەرەپ-تەرەپلەپ قىلغان ھۇجۇملىرىغا ھوشيارلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاخىرى رەزىل كوممۇنىستلارنىڭ ۋەتىنىمىز تۇپرىقىغا ئاياغ بېسىشى بىلەن، يا ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش ياكى جاننى ساقلاپ، ۋەتەن ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن ۋە ئۆزى پەقەت خالىمىسىمۇ، ئىككىنچى يولنى تاللاشتىن باشقا چارىسى قالماي، ئەنە شۇ مەشھۇر: «ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەننى تەرك ئېتىش» سەپىرىگە ئاتلانغان، شۇ چىقىپ كەتكەن پېتى مۇھاجىرەتتە ئۆتكۈزگەن 15 يىلىدىمۇ تىنىم تاپماي ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ھەرخىل پائالىيەت يۈرگۈزۈپ، 65 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈ خوشلاشقان، لېكىن ئۆزىنىڭ ئېلىپ بارغان ھەربىي كۈرەشلىرى، سىياسىي پائالىيەتلىرى، يازغان ماقالە-ئەسەرلىرى، بولۇپمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى ھەققىدە تۇنجى قېتىم ۋە ئەڭ مۇپەسسەل يېزىلغان: «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ھېلىمۇ ھەم قەلب تۆرىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر ئۇستاز مۇھەممەدئىمىن بۇغرانى ئەسلەپ ئۆتىمىز.