شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ھەققىدىكى قاراشلار

بىز بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى، 1933 – ۋە 1944 – يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبى، ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە بەزى تارىخىي ۋەقەلەر ھەققىدە پروگرامما تەييارلاپ، ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ كەلدۇق.

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا سىلەرگە ئالدى بىلەن بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش يىللىرىدىكى دۇنيا ۋەزىيىتى، نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالمىغانلىقى، كىملەر تەرىپىدىن، نېمە سەۋەبتىن يىقىتىۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىمىزنى ئاڭلىتىمىز.

ئاندىن جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ئاخىرلاشتىمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىقنىڭ يولى يوقمۇ؟

دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن، مەشھۇر سىياسىيون، تارىخچى، ئەدىب، ئەسكىرىي قوماندان ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرا قەلەمگە ئالغان: «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ئاخىرلاشتىمۇ؟» دېگەن ماقالىنى تەقدىم قىلىمىز.

قېنى ئەمىسە، ئالدى بىلەن، ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە يىقىلىش سەۋەبى ھەققىدە تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تەتقىقاتچى، دوتسېنت. دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت قاتارلىق پروگراممىلىرىمىزغا قۇلار سالغايسىلەر.