1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان يۈسۈپبەگ مۇخلىسى شۇ يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان تاشقىي سىياسىتىنىڭ رامكىسى ئىچىدە تۇرۇپ، مۇنقەرز ۋەتىنى ۋەتىنى ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەش ئۈمىدىدە بولىدۇ. شۇ يىللاردا يەنە زىيا سەمەدى، زۇنۇن تىيىپوف قاتارلىق سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى بىلەن گېنېراللىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن سوۋېت ئىتتىپقىغا قېچىپ چىقىدۇ. خىتاي بىلەن سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرەكلەشكەن 1960-ۋە 1970-يىللاردا ئالمۇتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەت مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.
مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئاشۇ يىللاردىكى كۈرەش يوللىرىنى ئەسلىگىنىدە خرۇشېف دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا ھالقىغان بىر گېو-ئىستېراتېگىيەلىك مىللەت سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى سىياسىتىدە كارتا قىلىپ ئوينالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ ھالەت گەرچە خرۇشېفتىن كېيىن تەختكە چىققان برېژنېف دەۋرىدە قىسمەن ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ خىتايغا قارشى ئىستېراتېگىيەسىدە يەنىلا «ئۇيغۇر كارتىسى» نى داۋاملىق ئويناش مەجبۇرىيىتىدە قالىدۇ.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى خىتاي بىلەن بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىلىقىدا داۋاملاشقان «سوغۇق ئۇرۇش» ئويۇنلىرىدا موسكۋا تەرىپىدىن ئىستانبۇلغا ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن مەخپىي كۆرۈشكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
ھالبۇكى، مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى كېيىنكى ھاياتى داۋامىدا ئاشۇ قېتىملىق ئىستانبۇل سەپىرىنىڭ تەپسىلاتى، موسكۋانىڭ ھاۋالىسى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن نېمىلەر دېيىشكەنلىكى ھەققىدە ئېغىز ئاچمايدۇ. يۈسۈپبەگ مۇخلىسىدىن ئاۋۋال موسكۋا تەرىپىدىن ئىستانبۇلغا ئىككى نۆۋەت ئەۋەتىلگەن ۋە ئەيسا ئەپەندى بىلەن مەخپىي سۆزلەشكەن مەرھۇم زىيا سەمەدىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرمايدۇ. قەھرىمان غوجامبەردى بۇ كۆرۈشۈشلەرنىڭ تاكى ھازىرغىچە تۈرلۈك پەرەزلەرگە سەۋەب بولۇپ كەلگەنلىكىنى، شاھىتلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن كېيىنمۇ سۈكۈت قىلغانلىقىنى، بۇ سىرلىق تۈگۈننىڭ يېشىلمەي قالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئامېرىكىغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ بىر ھەپتە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلىقىنى، ئاشۇ قېتىملىق سۆھبەتلىرىدە يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ 1981-يىلىدىكى ئىستانبۇل سەپىرى ھەققىدە بەزى يىپ ئۇچلىرىنى ئاشكارا قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. غۇلامىدىن ئەپەندى ئۆز دەۋرىدە ئىستانبۇلدىكى بۇ مەخپىي ئۇچرىشىشلار ھەققىدە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ ئۆزىدىنمۇ سوراپ كۆرگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۆمەر قانات ئەپەندى يۇسۈپبەگ مۇخلىسى بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنىڭ 1981-يىلى ئىستانبۇلدىكى مەخپىي ئۇچرىشىشى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ چاغدا ئىستانبۇلدا ئەيسا ئەپەندىنىڭ قېشىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئومەر قاناتنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان. ئەيسا ئەپەندى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئارقىلىق ئەۋەتكەن تەكلىپىنى رەت قىلغان. يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئىستانبۇلدىن قايتقاندىن كېيىن، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى ھەتتا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم گېزىتلەرگە بېسىلغان.
1980-يىللاردا ئىستانبۇلدا، يەنى مەرھۇم ئەيسا ئەپەندىنىڭ قېشىدا خىزمەت قىلغان ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندى شۇ يىللاردىكى ۋەقەلەرنى ئەسلەپ، يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ 1981-يىلى 6-ئايدا ئىستانبۇلغا كەلگەنلىكىنى تەستىقلايدۇ. ئۇ، شۇ قېتىم ئۆزىنىڭ يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئىماكانىيىتىنىڭ بولمىغانلىقىنى، ئەمما ئەيسا ئەپەندىدىن بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرىدىن خەۋەردار بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھامىدخان گۆكتۈرك ئەپەندى، 1981-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرى يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئىستانبۇلدىن قايتقاندىن كېيىن، ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ھەققىدىكى باياناتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئوڭچىلارنىڭ «سون ھاۋادىس» ناملىق گېزىتى بىلەن مىلليەتچىلەرنىڭ «يېڭى دۈچۈنجە» ناملىق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
(داۋامى بار)