1991-يىلى ئاۋغۇستتا سوۋېتلار ئىتتىپاقى بىردىنلا پارچىلاندى. 70 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قىزىل ئىمپېرىيەنىڭ يىقىلىشى سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىڭ، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى.
تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىش ئۇيغۇرلارنى ھەم گاڭگىراتتى ھەم ئالدىراتتى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، مىللىي روھىنى ئۇرغۇتتى. 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىسقىغىنە مۇستەقىللىق دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىر توپ ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئەمدىلىكتە تۆمۈر پەردە ئارقىسىدىكى مۇنقەرز ۋەتىنىدە چوقۇم ئۇپۇق يېرىپ، ھۆرىيەت قۇياشىنىڭ قايتا تۇغۇلىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەندى.
مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئەنە ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ جىيەنى ھادى مۇخلىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن 27 يىل ئىلگىرىكى ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغان، موسكۋا جىددىيچىلىككە چۆمگەن بىر ئالاھىدە مەزگىلدە ئۆزلىرىنىڭ تاغىسى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ باشلامچىلىقىدا موسكۋاغا بېرىپ، قىزىل مەيداندا ۋە موسكۋادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.
شۇ مەزگىللەردە مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىمۇ، يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ئاشۇ داۋالغۇپ تۇرغان بىر پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە موسكۋاغا بېرىپ ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقىنى تەستىقلايدۇ.
مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان نەۋرە كېلىنى دىلدار راشىدىن خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تاغىسى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ شۇ يىللاردا ئالمۇتادا كۆپ قېتىم نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى، ھەتتا بەزى چاغلاردا ئادەم يىغالمىغاندا مۇخلىسىلار جەمەتىنى سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
قەھرىمان غوجامبەردى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر مەھەل ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشلىرىغا يول قويغانلىقىنى، بۇ نامايىشلارغا كۆپ ۋاقىتلاردا مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بىلەن مەرھۇم ھاشىر ۋاھىدىيلارنىڭ باشلامچىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھادى مۇخلىسى تاغىسى يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ھەققىدە گەپ بولغاندا، مەرھۇمنىڭ شۇ يىللاردا پۈتكۈل زېھنى، مال-مۈلكى ۋە قولىدىن كەلگەن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ۋەتەن دەۋاسىغا بېغىشلىغانلىقىنى، ۋەتەن سەۋداسىنىڭ ئۇنى بىر يانماس ئاشىققا، مەنزىلگە يەتمىگۈچە توختىمايدىغان كارۋان بېشىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
دىلدار راشىدىن خانىم، شۇ يىللاردا تاغىسى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ۋەتەن دەۋاسى يولىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە جىيەنى ھادى مۇخلىسىنىڭ كۆپ ياردەملەردە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە تاغىسى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ 1992-يىلىدىكى ئىستانبۇل قۇرۇلتىيىغا بېرىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا زىيارىتىگىمۇ ئىقتىسادىي ياردەمدە بولغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ يەنە بىر جىيەنى مۇھسىن مۇخلىسوفمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 1992-يىلى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ داڭلىق قازاق شائىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىسى ئولجاس سۇلايمانوفنى قايىل قىلىپ، «لوپنور-نېۋادا يادرو سىناقلىرىغا قارشى بىرلەشمە فرونت» قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇھسىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ يىللاردا يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئولجاس سۇلايمانوف بىلەن بىرلىشىپ، رۇسلارنىڭ قازاقىستاندىكى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش بازىلىرىنى تاقاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىكەن.
قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئەسلىشىچە، مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى شۇ يىللاردا موسكۋانىڭ 1930-ۋە 1940-يىللاردىكى ئۇيغۇر دىيارىغا دائىر ئارخىپلارنى ئاشكارىلاش ياكى ئاشكارىلىماسلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان ئىكەن. ھەتتا ئۇ مەخسۇس بۇ ئىش بىلەن موسكۋاغا بېرىپ كېلىش ئويىدىمۇ بولغان ئىكەن.
ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ 1990-يىللاردىكى داۋالغۇپ تۇرغان دەۋردە يۈسۈپبەگ مۇخلىسى، ھاشىر ۋاھىدى قاتارلىق ئوت يۈرەك ئىنقىلابچىلار بىلەن بىللە بوغانلىقىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى يەنە مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ 1979-يىلىدىن تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق گېزىتنى قولدا يېزىپ تارقىتىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
مەرھۇمنىڭ جىيەنلىرىدىن مۇھسىن مۇخلىسوفمۇ تاغىسى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك مۇجادىلە ھاياتىدا «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق گېزىتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
بۇنىڭدىن 20 يىل مۇقەددەم، يەنى 1998-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئۆز ھاياتى ھەققىدە كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان ئاۋازلىق باياناتىدا «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق گېزىتنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. ئۇ، «مېنىڭ ئالدىمدا، خەلقىمنىڭ ئالدىدا ھەل بولۇشقا تېگىشلىك پەقەت بىرلا مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ مىللىي ئازادلىق، ئىستىقلالىيەت!» دەيدۇ.
قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بۈگۈنكى كۈندە مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ئۆمۈر يولىغا باھا بەرگىنىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشى ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە شۇ قەدەر بېرىلگەن بىر ئىنسانكى، ۋەتەن ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرقانداق بىر ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە سىياسىي مەۋقەسىدە مۇرەسسەدىن يىراق ئىدى.»
دىلدار راشىدىن خانىم تاغىسى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ بىر ئۈمىدۋار ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن ھېچقاچان ۋەتەننىڭ تەقدىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىدىغان بىر كەلىمە سۆز ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى، ھەتتا ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىدىمۇ «ماڭا ئىشىنىڭلار، ۋەتىنىمىزدە ھامان مۇستەقىللىق تېڭى ئاتىدۇ،» دېگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
0:00 / 0:00