يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ئۆمۈر يولى (6): مەرھۇمنىڭ تارىخىي ۋە ئەدەبىي مىراسلىرى

0:00 / 0:00

مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كۈرەش مۇساپىسىدە ئۇنىڭ تىنىمسىز تۈردە ئېلىپ بارغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىدىن باشقا، ھارماس قەلىمى ئارقىلىق قالدۇرغان تارىخىي ۋە ئەدەبىي مىراسلىرىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەرھۇمنىڭ زامانداشلىرىدىن بۈگۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان-مۆجىزە گۈلىستان» ناملىق ئەسىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

1990-يىللاردىن كېيىن مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ۋە بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارغان قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىمۇ مەرھۇمنىڭ ھاياتىغا باھا بېرىپ، ئۇنى بىر ھارماس قەلەمكەش، پىشقان ئەدەبىياتچى، ئۆز دەۋرىدە ۋەتەن تۇپراقلىرىنى كەزگەن بىر تارىخچى ۋە ئارخېئولوگ سۈپىتىدە تونۇغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان جىيەنى مۇھسىن مىخلىسوف تاغىسى ھەققىدە توختالغىنىدا ئۇنىڭ 1979-يىلىدىن ئېتىبارەن «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق گېزىت چىقىرىشتىن باشقا يەنە «مەشئەل»، «سادىر پالۋان»، «شەرقىي تۈركىستان-مۆجىزە گۈلىستان» ناملىق تارىخىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

قەھرىمان غوجامبەردى مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ 1990-يىللاردىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە توختالغىنىدا، ئۇنىڭ مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىبقا بېغىشلىغان «قوش يۇلتۇز» ناملىق تارىخىي رومانىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ. بۇ رومان كېيىنچە ئاپتور تەرىپىدىن تارىخىي دراما قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرىدا ئوينالغان ئىكەن. مەرھۇم شۇ يىللاردا يەنە ئالمۇتادا چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى»، «يېڭى ھايات» گېزىتلىرى بىلەن قىرغىزىستاندا چىقىدىغان «ۋىجدان ئاۋازى» گېزىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپلىگەن سىياسىي پۇبلىستىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ئىكەن.

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەردە يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ھاياتىدا سىياسىي پائالىيەتلەر ياكى جامائەتلىك ئىشلارنى قىلماي، پۈتۈن ۋاقتىنى يېزىقچىلىققا قاراتقان بولسا، ئۇ بەلكىم زامانىمىزدىكى ئەڭ تونۇلغان يازغۇچىلاردىن بولۇپ قېلىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى.»

مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئۆزىنىڭ تارىخىي تېمىدىكى ھېكايىچىلىقى ھەققىدە توختالغىنىدا ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە ئىجادىيەت مېتودى ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مېنىڭ ھېكايىچىلىقىمدا بىر تۈركۈم بار، ئۇ بولسىمۇ ‹خاھ ئىشەن، خاھ ئىشەنمە›. مەن مۇشۇ ماۋزۇ ئاستىدا ئۇششاق ھېكايىلەرنى يورۇتۇپ كېلىۋاتىمەن. بۇ ھېكايىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي ۋە كىچىك دېتاللاردىن تۈزىلىدۇ. ئۇنىڭدا بىر ئەدەبىي پەلسەپە، بىر ئىدرەك، بىر ئوي ۋە سېلىشتۇرۇش بار. ئۇلاردا تارىخ بىلەن بۈگۈن گىرەلەشتۈرۈلگەن يارقىن ئوبرازلارنىڭ ھەرىكىتى يورۇتۇلىدۇ.»

مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئۆز دەۋرىدە يورۇق كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى يەنىلا قوليازما ھالەتتە قەپ قالغان. قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ھازىرغىچە يورۇق كۆرگەن ئەسەرلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئاران 300 نۇسخا، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ 100 نۇخسا باستۇرۇلۇپ تارقىتىلغانلىقىنى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەسەرلەرنى تېپىشنىڭمۇ تەس بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى 1998-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى قالدۇرغان ئاۋازلىق ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ تارىخىي تېمىدا يېزىلغان، قويۇق ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپەۋىي قاراشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ھېكايىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەن ئىدى.

تۆۋەندە مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىدىن ئەستىلىك سۈپىتىدە قەپ قالغان، بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى ئالمۇتادا لېنتىغا ئېلىنغان ئاپتورنىڭ ئاخىرقى ھېكايەتلىرىدىن بىر ئۆرنەكنى ئۇنىڭ ئۆز ئاۋازىدىن ئاڭلايسىلەر.

(تۈگىدى)