زۇنۇن قادىرى ۋاپاتىنىڭ 30 يىللىقىدا (1): يازغۇچىنىڭ تەرجىمىھالىغا يېزىلمىغان بەزى ۋەقەلەر

0:00 / 0:00

1962-يىلىدىكى سوۋېتقا قېچىش دولقۇنىدا يازغۇچى زۇنۇن قادىرى

بۇ يىل 24-سېنتەبىر 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە دراماتورگ زۇنۇن قادىرىنىڭ ۋاپاتىغا 30 يىل تولغان خاتىرە كۈندۇر.

زۇنۇن قادىرى زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھېكايىچىلىق ۋە درامىچىلىقنىڭ شەكىللىنىشى شۇنداقلا تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان يازغۇچىدۇر.

يازغۇچى زۇنۇن قادىرى 1912-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا شېڭ شىسەي دەۋرى، گومىنداڭ دەۋرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرى ۋە 1949-يىلىدىن كېيىنكى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىللىرىدىكى بوران-چاپقۇنلۇق يىللارغا شاھىت بولغان.

يازغۇچى زۇنۇن قادىرى ياشىغان مۇرەككەپ تارىخىي دەۋرلەر ئۇنىڭ ھاياتىغا، ئىدىيەسىگە ۋە ئىجادىيەت جەريانلىرىغا چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بەزى تەتقىقاتچىلار زۇنۇن قادىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت يولىنى «قىيىن تاللاش» ئىچىدە ئارىسالدىچىلىققا تولغان دەپ باھا بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە يازغۇچى زۇنۇن قادىرىلا ئەمەس، بەلكى 20-ئەسىردىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەت مۇساپىلىرىمۇ ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ جەريانلار بىلەن خاراكتېرلەنگەن.

يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەگرى-توقاي ھايات مۇساپىسىدىكى بەزى مۇھىم تارىخى ۋەقەلەر ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرى ۋە باشقا كىتابلاردا تىلغا ئېلىنمىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ 1962-يىلىدىكى ئىلى ۋە چۆچەك خەلقىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىش دولقۇنىدا چەتئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغانلىقى ھازىرغىچە ئېيتىلمىغان ھېكايە سۈپىتىدە مەتبۇئاتلاردا كۆپ تىلغا ئېلىنماي كەلدى.

زۇنۇن قادىرى ۋاپات بولۇپ 30 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئەدىب ئەخمەت ئىگەمبەردى نىجادى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى 1962-يىلى يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كەتمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرى بىلىدىغان ۋە شاھىت بولغان ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئەخمەت ئىگەمبەردى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «1962-يىلى 29-ماي كۈنى زۇنۇن قادىرى يالغان ساقال-بۇرۇت ۋە شىلەپىلەر بىلەن نىقابلىنىپ سوۋېت چېگراسىغا يېتىپ بارىدۇ. ئەپسۇسكى، ئۇ چاغدا سوۋېت چېگراسى ئاللىقاچان تاقىلىپ بولىدۇ. چېگرادىن ئۆتەلمىگەن زۇنۇن قادىرى ئامالسىز ئارقىغا قايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇندىن كېيىن زۇنۇن قادىرى غۇلجىدىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىدۇ. كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ مەسىلىسىنى تاپشۇرۇشقا قىستىلىدۇ».

ئەخمەت ئىگەمبەردى يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى ۋاقىتتا زۇنۇن قادىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىنى ئالمۇتادىكى زىيا سەمەدى قاتارلىق سەپداشلىرى ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان بولۇپ، زىيا سەمەدى باشلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى چېگرانىڭ ئۇ تەرىپىدە زۇنۇن قادىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. ئەپسۇسكى، زۇنۇن قادىرى چېگرادىن ئۆتەلمەيدۇ.»

بۇ ھەقتە ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلىمۇ ئۆز ئەسلىمىلىرىنى تەقدىم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئەينى ۋاقىتتا زۇنۇن قادىرىغا ئۇنىڭ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى بەزى دوستلىرى خەت يازغان ئىكەن. ئاڭلىشىمچە، بۇرۇن چۆچەكتە خىزمەت قىلغان ئابدۇقادىر زۇنۇنى دېگەن ئادەم زۇنۇن قادىرغا خەت يېزىپ ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىكەن. كېيىن زۇنۇن قادىرى مەسىلىسىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىنغىنىدا ئۆزىنىڭ قېچىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رومان يېزىشقا ماتېرىيال ئىزدەپ بارغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ئۇ يەنە تۈگىمەس سىياسىي ھەرىكەت ۋە كۈرەشلەردىن زېرىككەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىش خىيالىدا بولغانلىقىنى كېيىنكى قىيىن-قىستاقلار جەريانىدا ئېتىراپ قىلغان ئىكەن.»

بۇ ۋاقىتلار زۇنۇن قادىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان ۋاقىتلىرى بولۇپ، بۇنداق يۇقىرى ئەمەل تۇتقان، ئىمتىيازغا ئېرىشكەن زۇنۇن قادىرىنىڭ چەتئەلگە قېچىشىنىڭ، تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دوكتور مەمتىمىن ئەلا زۇنۇن قادىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ خۇددى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئوخشاشلا ئەركىن پىكىر قىلالماسلىق، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلمەسلىك شۇنداقلا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئالدىن ھېس قىلغانلىق سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بولۇپمۇ 50-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان «يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى جەريانىدا ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ھەر خىل تۆھمەتلەرگە ۋە پاجىئەلىك تەقدىرگە ئۇچرىغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن زۇنۇن قادىرىنىڭ مۇشۇنداق قىيىن تاللاشنى تاللىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ.

ئۇ يەنە زۇنۇن قادىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قورقۇنچلۇق ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرگەندىن كېيىنكى، بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىستلىرى بازارغا سېلىۋاتقان خىتايچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى چۈشەنگەندىن كېيىنكى تاللاش ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئاتاقلىق يازغۇچى زۇنۇن قادىرىنىڭ 1962-يىلدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىشىغا مۇناسىۋەتلىك پروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. ئاۋسترالىيەدىن ئۇچقۇن تەييارلىدى.