ناتونۇش شەھەردىكى يېگانە تۇيغۇلار: شائىرە فاتىمە سەيياھ

0:00 / 0:00

«مەن ناتونۇش شەھەردىكى كۆرۈنمەس ئادەم، ئىچكى تۇيغۇلىرىمغا خەلقىم بېشىدىكى پاجىئەدىن تۇغۇلغان ئازاب-ئوقۇبەت سىڭىپ كەتكەن» دەيدۇ، شائىرە فاتىمە سەيياھ ئۆز شېئىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يېقىدا قەلەمگە ئالغان «قەتلىئام»، «مەن ياشايمەن» قاتارلىق شېئىرلىرىدا بۇ خىل تۇيغۇلىرىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەشكە تىرىشقان.

شائىرە فاتىمە سەيياھ 1980-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەسلى كەسپىي گېئوخىمىيە بولۇپ، ئۇ 2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە دوكتور كاندىداتى بولىدۇ.

شائىرەنىڭ ئىجادىي ھاياتى گەرچە قەشقەردە باشلانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ رەسمىي ئەسەر ئېلان قىلىشى 2018-يىلى 10-ئايدا ئامېرىكادا نەشر قىلىنغان «ناتونۇش شەھەر» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن باشلىنىدۇ. شائىرەنىڭ «ئەركىنلىك» ناملىق شېئىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، 2019-يىلى تۈركىيەنىڭ «ئاي ۋاقتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ.

شائىرە فاتىمە سەيياھ ھازىر ئاۋسترالىيەدە ياشىماقتا.


مەن ياشايمەن

مەن ياشايمەن

پارچىلانغان روھۇم

رەزىللىكلەر بۇلغىماقچى بولغان يۈرىكىم

مىڭلىغان شەھىدلارنىڭ قانلىق ھېكايىسى

مىليونلىغان قارا بۇلۇتنىڭ ئېغىرى بىلەن


مەن ياشايمەن

سوغۇق كۆزلەردىن تامغان پەرۋاسىزلىق

قېتىپ كەتكەن ئالتۇنلارنىڭ مەسخىرىسى

بېشىمغا ئېقىپ كۆممەكچى بولغان نېفىتلەر

ئازابىمغا ئوت چاچىدىغان ئەجدىھا بىلەن

مەن ياشايمەن


ياشايمەن

كۆك تىلىمنى قىزىلغا بويىماقچى بولغان نائۇستا بىلەن

ۋولقانلىق ئەينەكلەرنى چاقماقچى بولغان

يەر يۇتقۇرلار بىلەن ياشايمەن!


مەن ياشىمايمەن

ياشنايمەن!

مېنى بىر ئۆلتۈرسەڭ

مىڭ تىرىلىپ

ئەڭ قاباھەتلىك رېئاللىقىڭغا ئايلىنىپ


قەتلىئام

ھەتتا ئاچچىقلىنىشلىرىمىزمۇ شۇ قەدەر كۈچسىز،

نەپرەتلىرىمىزگە ئۆزىمىزمۇ ئىشىنەلمەيمىز.

مانا بۇ بىزنىڭ پاجىئەيىمىزدۇر،

بىز ئۆزىمىزنىڭ يالغانلىقىغا ئىشەندۈرۈلگەن كىشىلەرمىز.

قەتلىئامدىكى بىز

ئېچىلمايدىغان ئىشىكلەر

تۈزلەنگەن يەر

قۇلۇپ سېلىنغان ئوكيان

چېقىۋېتىلگەن تاغ. . .