ياش شائىر ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف ۋە ئۇنىڭ «تۈن لىرىكىسى»

مۇخبىرىمىز جۈمە
2021.01.22
ياش شائىر ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف ۋە ئۇنىڭ «تۈن لىرىكىسى» ياش شائىر ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف ئەپەندى.
RFA/Oyghan

ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف 1986-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ غەيرەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. شۇ يېزىدىكى ئىسمايىل ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالمۇتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.

ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا شېئىر يېزىشقا قىزىقىپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دەسلەپتە مەكتەپ تام گېزىتىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇر بالىلىرىغا بېغىشلانغان «ياش ئەۋلاد» گېزىتىدە يورۇق كۆرۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ جايلاشقان ئالمۇتا شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىشى ياش شائىرنىڭ ئىجادىي ھاياتىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان. بۇ ۋاقىتتا ھەۋەسكار شائىرغا دەسلەپ تالانتلىق شائىر ھەم يازغۇچى ئەخمەتجان ئىسراپىلوف ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەبچى بولغان.

ياش شائىر ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف(2-قاتاردا ئوڭدىن بىرىنچى) ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بىلەن. 2018-يىل، ئالمۇتا.

ئۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئابدۇلجان ئازنىباقىيېفنىڭ «قەلبىم باھارى» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى 2008-يىلى يورۇق كۆرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ «مەڭگۈلۈك ئەڭگۈشتەر»، «ياشلىق لىرىكىلىرى»، «يۈرەك ئالبومى» نەزمىي ۋە نەسرىي ئەسەرلەردىن ئىبارەت كىتاب ۋە شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنىدۇ.

ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ ئىختىيارىي مۇخبىرى، «ئاسىيا بۈگۈن» گېزىتىنىڭ سابىق تىلچىسى سۈپىتىدە مۇھىم مەسىلىلەرگە بېغىشلانغان بىر قاتار ماقالە-ئوچېركلارنى ئېلان قىلىدۇ. ھازىر ئۇ بالىلارغا بېغىشلانغان «غۇنچە» ژۇرنالىنىڭ مۇھەررىرى، «ۋارىس» ئەدەبىي-ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ، قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە تەنھەرىكەت مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى ياش شائىر-يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى.

ئۇنىڭ ئىجادىيىتى مۇناسىپ باھالىنىپ، جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلغان «ئىلىيا بەختىيا» نامىدىكى مېدالغا سازاۋەر بولغان. شۇنداقلا شائىرنىڭ «يۈرەك ئالبومى» كىتابى ئالمۇتا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» نامىدىكى باش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف «تىنچلىق دۇنياسى» قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسى، «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىلەرنىڭ، ئالمۇتا ۋىلايەتلىك ئاسسامبلېيە ئۇيۇشتۇرغان مۇقاغالى ماقاتايېف نامىدىكى مۇشائىرەنىڭ ساھىبى.

ئۇ يەنە «پەرۋاز» ئۇيغۇر ئىجراچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە بىر تۈركۈم ئاممىباب ناخشا تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورىدۇر.

ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف تەرجىمە ئىجادىيىتى بىلەن جىددىي شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى. ئۇ بىر قىسىم داڭلىق قازاق شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ۋە ئېلان قىلغان. ئۆز نۆۋىتىدە ئابدۇلجان ئازنىباقىيېفنىڭ شېئىرلىرى قازاق، رۇس، تاتار، تۈرك، ئۇكرائىن، قىرغىز، ئۆزبەك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ كەلمەكتە.

تۈن لىرىكىسى

يەر-كۆك تۈننى سۈمۈرۈۋېلىپ،

ئاينى قويدى دېرىزە تەكچىسىگە.

كۈندۈزى تۈگىمىگەن تىرىكچىلىك

ئەمدى چۈش-خىيالنىڭ ئەنچىسىدە.

تۈندە كېلىدۇ نە بىر ئوي گادىرماش،

ۋاقىت-رىقابەت، تەقدىر-پېشانەم.

ۋاقىت مېنىڭ گېزىكىم، ئالدىراش،

تەقدىرنى كىم بار تولۇق چۈشەنگەن!

ئۈمىد-مەقسەتلەر ئويدا ئايان،

جاھاننى ئارىلاپ كېزىۋېتىپتۇ.

قانچە ئارمان قىلىپ، شېئىر يازماي،

ئۇنى تەقدىر پېشانەمگە ئاللىقاچان يېزىۋېتىپتۇ.

. . . يالغۇز ئەمەس، تۈن بار يېنىمدا،

سېغىنىش بىلەن ئۆكۈنۈشنى

ئەسىر قىلغان ئويۇمغا.

بەزىدە ئۇنىڭغا

ئۆتكۈزگەن بىر كۈننىڭ

ھېساباتىنى بېرىمىز

بۇرچۇم باردەك بويىمدا.

. . . تۈن قاراقچىسى

قارغۇياپىلاق ئەمەسمەن.

ئارام بەر ماڭا، قاراڭغۇ.

كۈندۈزى قولىدىن كەلمىگەن-ئوسالغۇ،

كېچىدىكى شۇنىڭ ھارام ئىشىغا بول توسالغۇ.

خىياللار دېڭىزىغا چۆكتۈرۈپ ئەتەي،

ئاندىن قىچقىرىسەن تالادا.

ئاي شولىسى چۈشكەن يورۇقتا

گېزىكىمنى كۆرىمەن شۇئان مۇبادا.

ئۇمۇ ھارغىن، قىيسايغان،

ئىككىمىز ئامالسىز، سەن ئازادە.

يۇلتۇزلارلا ساڭا ئامراق پەزادا.

بىر چاغدا، ئاۋۇ قوشنامنىڭ تاماكىسى

ئەتراپنى سېسىتتى.

ئىسى ھەجەپ قۇترايدۇ،

يوق ئىسسىقى، بىراق پۇرايدۇ.

ئېھتىمال كۆمۈرى ناچار.

مۇزلىدىم، كىرەي ئۆيگە،

يوق بولغاچقا ھېچ نېمە

كۆڭۈل ئاچار.

تۈن،

مېنى ئويغا سالما،

كۆزۈمنى خىيال كىنوسىدىن ئايرىۋەت.

مېنى كۈتۈپ تۇرار،

ئانام سالغان ئورۇن، كارىۋەت.

ئوينىما، قىينىما،

چىدامىم چېقىلسا، مۇشت ئاتارمەن.

يورۇق مېنىڭ ھەمراھىم،

يورۇققا-ھۆرلۈككە خۇشتارمەن.

مەۋجۇداتتا يوق جان سۆزلەيدۇ

خۇشاللىق دېگەن قايغۇمۇ،

قايغۇ دېگەن خۇشاللىقمۇ؟

مەن بۇ دۇنيادا يوق-

تۇغۇلمىغانمىش،

ئۆلمىگەنمىش ھەم،

تەلەيسىزمىش:

مېنى ياراتمىغان،

مەن ياراتمىغان،

ئەۋلاتسىزمىش، ئەللەيسىزمىش.

ئارماندا،

ھەم ئارمانسىز ئۆتىمەن.

. . . بىر تەۋلۈك بۇيرىغان چىۋىننىڭ

ئۆمرىنى زەپ كۈتمەيمەن.

ئۈمىدلىك ياش

ئانا يۈرىكى سۇسىز چۆلدەرەپ،

كۆزىدىن كەتتى ئارمان تەشنالىق.

تەندە گۆش يوق، ئوچۇق تۆرت تەرەپ،

يۈتكەن كۆڭلىدە ھەۋەس-ئەشنالىق.

قەلبىنى باسقان قۇملار ھەيۋەتلىك،

ئۆتمۈشى قامقاق، ھەريان ئۇچىدۇ.

بىر تامچا سۇجانغا لەززەتلىك،

ئۆلمەسنىڭ كۈنى-كۆڭۈل خۇشىدۇر.

يۈرەك نەپەسى تېنىدىن چىقىپ،

تۆمۈر پەچلەردە كۈلدەك سولانغان.

كۆزدىن ئاداققى بىر تامچا ئېقىپ،

پۈتكەندەك ئاڭا بۇ ئۆمۈر-يالغان.

ئەشۇ تامچا ياش مۇزدەك شۇ قەدەر،

ئوتقا پۈركەنگەن پەچنى ئۆچىرەر.

قۇياش خىجالەت شۇ بىر سەھەر،

يېرىپ چىققاندا يەردىن ئۈنچىلەر. . .

ياشايدۇ ئادەم. . .

ياشايدۇ ئادەم:

بىردە ئوڭدا-

شادلىق بىلەن قايغۇسى تەڭ يۈرىدىغان،

بىردە ئويدا-

باش-ئۇچى يوق خام خىيالنى سۈرىدىغان.

ياشايدۇ ئادەم:

ئۆز چۈشىدە-

ئۆز-ئۆزىنى بېقىندۇرۇپ قويىدىغان،

ئۆكۈنۈشتە-

پۇشمان بىلەن ئۆز گۆشىن يەپ تويىدىغان.

ياشايدۇ ئادەم:

بۇ دۇنيادا-

ھالال-ھارام مەنسەپ-بايلىق ئۇيىدىغان.

ئۇ دۇنيادا-

گۇنالىرىن مەڭگۈلۈككە يۇيىدىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.