ياش شائىر ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف: «پوئېزىيە مېنى تاللىدىمىكىن، دەپ ئويلايمەن»
2021.01.22
مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 70-90-يىللىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوققىسىغا يەتكەن دەۋرى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كارۋان بېشى بولۇپ قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى، ئاتاقلىق دراماتورگ زىيا سەمەدى باشلىق بىر تۈركۈم تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچىلار ئىجاد قىلىۋاتاتتى. ھېزىمەت ئابدۇللىن، جامالدىن بوساقوف، ھېزىم ئىسكەندەروف، ئىلىيا بەختىيا، ھېزىم بەخنىيازوف، قۇرۋان توختەموف قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئۆلمەس ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مەيدانىدا يېڭى تالانتلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زېمىن ياراتقان ئىدى. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كۆپلىگەن ئەنە شۇنداق يازغۇچىلار ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى يېڭى دەۋر ۋەكىللىرى، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىلەرنى داۋام قىلىش بىلەن بىللە يېڭىچە ئۇسلۇبتا ئىجاد قىلىدىغان، دۇنيانى باشقىچە تەسەۋۋۇر قىلىدىغان ياشلار بېسىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ سانى ئىلگىرىكىدەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە. شۇلارنىڭ بىرى ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ غەيرەت يېزىسىدا ياشاپ، شۇ يۇرتتىكى ئىسمايىل ساتتاروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە قازاق تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنلىرىنىڭ مۇئەللىمى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئابدۇلجان ئازنىباقىيېفتۇر.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەدەبىياتنىڭ پوئېزىيە ساھەسىنى تاللاپ ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «كۆپىنچە شائىر-يازغۇچىلار شېئىر يېزىشتىن باشلىغان. شۇلار قاتارىدا مەنمۇ شېئىر يېزىشتىن باشلىغان ئىدىم. گۆدەك چېغىمدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشتىم. ئاندىن كېيىن مەكتەپتە چوڭ سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقىنىمدا، شۇنداقلا ئالىي ئوقۇشتا ئوقۇغۇچى بولغان دەۋرىدىن تا مۇشۇ كەمگىچە پوئېزىيە بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. بىردىنلا پوئېزىيەگە ئاشىق بولۇش، پوئېزىيەنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقتىن پوئېزىيە مېنى تاللىدىمىكىن، دەپ ئويلايمەن.»
ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف ئۆزىنىڭ تۇنجى شېئىرىنىڭ يېزىلىش سەۋەبى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، دەسلەپكى شېئىرىمنىڭ تارىخى ئېسىمدە يوق. بىراق باشقا شائىرلار قاتارىدا ئانا يۇرت، ئاتا-ئانا، مەكتەپ ھاياتى ھەققىدە يازغان شېئىرلىرىم مېنىڭ شۇ دەسلەپكى شېئىرلىرىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 7-سىنىپتىن تا 11-سىنىپقىچە يازغان شېئىرلىرىمنى كىتابچە قىلىپ، دەپتەرگە يېزىپ ماڭاتتىم. ئەپسۇس، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن شۇ دەپتىرىم يۈتۈپ كەتتى.»
ئۇ ئۆز ئىجادىدا ئاساسەن ئانا يۇرت، ۋەتەن، مۇھەببەت، ھايات، ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە باشقىمۇ مۇۋزۇلارغا مۇراجىئەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ھايات ماۋزۇسىنىڭ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇلجان ئازنىباقىيېفنىڭ يازغان شېئىرلىرى ماۋزۇ-مەزمۇن جەھەتتىن قانچە خىلمۇ-خىل بولسا، شەكلى جەھەتتىنمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، بىر نەچچە تەتقىقاتلاردا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇناسىپ باھا بېرىلگەن ئىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى قەدەملىرىمدە قوشاق شەكلىدىكى، ئارۇز شەكلىدىكى شېئىرلارنى يازغان بولسام، كېيىن يېڭىچە كۆز قاراش، يېڭى ئىستىللارنىڭ قېلىپلىشىشى دەۋرىدە مودېرنىستىك شېئىر ئۈلگىلىرى رېتىدە شېئىرلارنى يېزىپ كېلىۋاتىمەن. بىر چەتتىن ئوقۇپ ئۆگىنىۋاتمەن. ئانا ۋەتەندە گۇڭگا شېئىرلار دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا چاشما شەكىلدىكى شېئىرلارنى مودېرنىستىك ئۈلگىلەرگە لايىقلاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە بىر يېڭى كۆز قاراشلار بىلەن يېزىشقا تىرىشىۋاتىمەن.»
ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف يەنە ئۆزىنىڭ كۆلەملىك جانرلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئويىنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئەدەبىيات مەيدانىغا كىرىپ كېلىشىگە سەۋەپچى بولغان ئامىللار ۋە ئۇستازلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى، كىتاب ئوقۇش. ئىككىنچىدىن، ئەدەبىياتقا مۇھەببىتىمنى ئويغاتقان مەكتەپتىكى ئۇستازىم مۇھەببەت ھەدە مايدىنوۋا بولغان بولسا، ئالمۇتا شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن ئاكىلىق غەمخورلۇقىنى كۆرسەتكەن، ئۇستازلىق قىلغان ئەخمەتجان ئاكا ئىسراپىلوفنى ئۇستازىم رېتىدە كۆرىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قاچان ئىجادىمغا باھا بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تايانچىسى جەمشىت ئاكا روزاخۇنوفنى ئۇستازىم دەپ تونۇيمەن.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف كېلەچىكىدىن زور ئۈمىدلەر كۈتكۈزۈۋاتقان ياش ئىجادكارلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر يىللىرى يورۇق كۆرگەن «قەلبىم باھارى»، «ياشلىق لىرىكىلىرى»، «يۈرەك ئالبومى» قاتارلىق نەزمىي ۋە نەسرىي كىتابلىرى، شۇنداقلا ئايرىم پۇبلىستىكىلىق ئەسەرلىرى كىتابخانلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانكەن. ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرىغا مۇزىكا يېزىلىپ، ناخشىلىرى سەنئەت ھەۋەسكالىرى ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشمەكتىكەن.