سېنكاكۇ ئارىلىدا يۈز بەرگەن كېمە ۋەقەسى تۆت دۆلەتنى تېررىتورىيە تالاش - تارتىشىغا سۆرەپ كىردى

سېنكاكۇ ئارىلىدا يۈز بەرگەن كېمە ۋەقەسى ياپونىيە، خىتاي، ئامېرىكا، تەيۋەندىن ئىبارەت تۆت دۆلەتتە تېررىتورىيە تالاش - تارتىشى پەيدا قىلدى. ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئىپادىلىگەن ئىنكاسلىرى بۈگۈن تېخىمۇ جىددىيلەشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.09.12
Yapon-xitay-aral-talishish-toqunushi-Senkaku-arili-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2006 - ﻳﯩﻠﻰ 27 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ، ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻨﻜﺎﻛﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﺭﺍﻟﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﭼﺎﺭﻻﺵ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يازغۇچىسى سكوت مىكدونىلدنىڭ بېيجىڭدىن 11‏ - سېنتەبىر ئەتىگەندە يوللىغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تېررىتورىيە تالاش - تارتىشى تۈنۈگۈن مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىكلەر ئارىسىدا داۋاملاشقان ئىدى. بۈگۈن ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېررىتورىيە تالاش - تارتىشىنىڭ دەرىجىسى مىنىستىر دەرىجىسىگە ئۆرلىدى.

ياڭ جېچى بۈگۈن 'خىتاي كېمە باشلىقى دەرھال قويۇپ بېرىلىشى لازىم' دەپ جاكارلىدى

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇيچىرىئو نىۋانى چاقىرتىپ كېلىپ، كېمە ۋەقەسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئەچىلىرى تۇتۇۋالغان خىتاي كېمە باشلىقى دەرھال قويۇپ بېرىلىشى لازىم، دەپ جاكارلىدى.

 ناخا رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 'خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانى 19‏ - سېنتەبىرگىچە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ' دەپ بۇيرۇق ئېلان قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بۈگۈن قاتتىق نارازىلىق جاكارلىغاندىن كېيىنلا، ياپونىيىدىكى ناخا رايونلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ياسۇخىدﯤ ياماشىرو 'خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانى 19‏ - سېنتەبىرگىچە تۇتۇپ تۇرىلىدۇ، ئەگەر ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادى رايونىغا بېسىپ كىرگەن جىنايىتىنى ئۈستىگە ئالمىسا ۋە جەرىمانە تۆلىمىسە، رەسمىي ئەيىبلىنىپ سوتلىنىدۇ' دېگەن سوت بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېررىتورىيە تالاش - تارتىشى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىمۇ جېدەلگە سۆرەپ كىرگەن

ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىددىي تېررىتورىيە تالاش - تارتىش پەيدا قىلغان ۋە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىمۇ تېررىتورىيە تالاش - تارتىشىغا سۆرەپ كىرگەن بۇ كېمە ۋەقەسى 7‏ - سېنتەبىر كۈنى، تەيۋەننىڭ شەرق تەرىپىدە 190 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ياپونىيە 'سېنكاكۇ'، خىتاي 'دىياۋيۈداۋ' دەپ ئاتايدىغان ئارالغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئىدى. ۋەقەدە خىتاينىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئەچىلىرىنىڭ چارلاش پاراخوتىغا ئىككى قېتىم سوقۇلغان، ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئەچىلىرى خىتاي كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى قولغا ئالغان، شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ بېلىقچى كېمىسى ۋە كېمىدىكى 14 ئادەم دېڭىزدا تۇرۇپ قالغان ئىدى.

 ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئەچىلىرى 8‏ - سېنتەبىر كۈنى يەنە، ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىي رايونىغا بېسىپ كىردى دېگەن نام بىلەن خىتاينىڭ شىندېيى 186 ۋە فېڭروڭ 106 بەلگىلىك ئىككى بېلىقچى كېمىسىنى توسۇۋېلىپ، جەرىمانە ئېلىپ قويۇپ بەردى.

سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئارالنى تەرەققى قىلدۇرۇش ياپونىيىدە باش مىنىستىر سايلىمىنىڭ رىقابەت شەرتىگە ئايلاندى

كېمە ۋەقەسىگە قارىتا خىتاينىڭ ياپونىيىگە قايتۇرغان ئىنكاسى ناھايىتى جىددىي تۈس ئالدى. ياپونىيىدىمۇ، سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئارالنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەسىلىسى ياپونىيىدىكى باش مىنىستىر سايلىمىنىڭ رىقابەت شەرتىگە ئايلاندى. بۇ ۋەقەگە، گەرچە ئامېرىكا ئوچۇق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىنى تەكىتلەپ قوپمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىلىرى دەل ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى خىتايغا ئەۋەتىلدى. خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋمۇ قائىدە سۈرۈشتۈرمەيلا ئۇلارنى دەرھال قوبۇل قىلىپ سۆزلەشتى. بۇ، كېمە ۋەقەسى پەيدا قىلغان ياپونىيە - خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتنىڭ ئىنكاسى ئىكەنلىكى شۈبھىسىز.

ما يىنجيۇمۇ بۇ مەسىلىدە ھەرگىز مۇجىمەل پوزىتسىيە قوللانمىدى

ئامېرىكا بىلەن تۈزگەن قوغدىنىش كېلىشىمى بار تەيۋەنمۇ، بۇ تالاش - تارتىشتىن مۇستەسنا قالمىدى. خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھازىرقى تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىنجيۇمۇ، بۇ مەسىلىدە ھەرگىز مۇجىمەل پوزىتسىيە قوللانمىدى. ئەمما، تەيۋەن ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇ قېتىم، 'سېنكاكۇ ئارىلى تەيۋەننىڭ زېمىنى' دەپ دەۋا قىلماي، بەلكى پەقەت ھازىرچە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايراق تۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللاندى خالاس.

 بۈگۈن سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىن ئۆتىدىغان خىتاي كېمىلىرى كۆپىيىپ 270كە يەتتى

خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كېمە ۋەقەسى پەيدا قىلغان تېررىتورىيە تالاش - تارتىشى، ھازىر پەقەت ھۆكۈمەتلەر ئارا بىر - بىرىگە ھەرگىز يول قويۇشمايۋاتقان تېررىتورىيە تالاش - تارتىشىلا ئەمەس، بەلكى ياپونلار بىلەن خىتايلارنىڭ مىللىي كەيپىياتىدىمۇ دەرىجە ئۆرلەش بولۇۋاتقان مەسىلە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۈگۈندىن باشلاپ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىن ئۆتىدىغان خىتاي بېلىقچى كېمىلىرى 70 تىن كۆپىيىپ 270كە يەتتى. ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئەچىلىرىمۇ، ياپونىيە قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ھەر قانداق كېمىنى توسۇش ياكى جازالاشقا تەييار تۇرماقتا. خىتايدا ھازىر ياپونىيىگە قارشى نامايىش قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت ئالالمايۋاتقان ئادەم تۈركۈمى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇلا ئەمەس، بەلكى خىتاي، تەيۋەن، خوڭكوڭ، ماكاۋلاردا ئۆزىنى 'ئارال قوغدىغۇچىلار' دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەرمۇ، ھازىر تەيۋەنگە يىغىلىپ، 1‏ - ئۆكتەبىر كۈنى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا كەڭ دائىرىلىك بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.