جېررىي شى:«خىتايدىكى ‹تەربىيەلەش مەركەزلىرى› دە زادى نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.05.24
omurbek-eli-yepiq-terbiyelesh-muxbir-yighlash.jpg قازاقىستان پۇقراسى ئۆمۈربەك ئېلى ئۈرۈمچىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» دە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك قىيناشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى مۇخبىرغا سۆزلەۋېتىپ كۆز يېشى قىلماقتا. 2018-يىلى 29-مارت، ئالمۇتا.
AP Photo/Ng Han Guan

«تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان تۈرمە شەكلىدىكى مۇئەسسەسەلەرنىڭ يېقىندىن بۇيان غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتىلىشى ھەمدە گىتلېر گېرمانىيەسى زامانىسىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ئوخشىتىلىشى سەۋەبىدىن بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ تېمىغا قىزىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر مەنبەسىنى قاتتىق قامال قىلىشى ھەمدە بۇ خىل «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىن يېنىپ چىققان كىشىلەرنىڭ تولىمۇ ئاز بولۇشى، يەنە كېلىپ بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇ جايلاردا نېمىلەرنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا سۆز قىلىش ئىمكانىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا دائىر ئۇچۇرلار تولىمۇ چەكلىك بولۇپ كەلگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى جېررىي شى ئىمزاسىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان زور ھەجىملىك ماقالە ئەنە شۇ خىل بوشلۇقنى تولدۇرغان يەنە بىر ئەمگەك بولۇپ قالدى ھەمدە دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆچۈرۈپ بېسىلدى. بولۇپمۇ ئۇ زىيارەت قىلغان قازاقىستان پۇقراسى ئۆمۈربېكنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆتكۈزگەن ھاياتى ھەققىدە ئاخبارات ساھەسىگە ئېيتقانلىرى تۇنجى بولۇپ رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىدە ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن جېررىي شىنىڭ قەلىمىدە يەنە بىر قېتىم مەتبۇئاتقا چىقىپ يېڭىدىن بىر زور غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدىكى ئاڭلىغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ بولغان رادىيولاردىن «دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو» سى مەخسۇس جېررىي شى بىلەن رادىيو سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.
«دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو» سىنىڭ خادىمى ئارى شاپىرونىڭ ساھىبخانلىقىدىكى بۇ سۆھبەتتە ئۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلار رايونىدا، يەنى ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتقان «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى جىددىي ھالدا «مېڭە يۇيۇش» ۋە «ئىدىيە ئۆزگەرتىش» خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

جېررىي شى شۇنىڭدىن كېيىن سۆز ئېلىپ، زېمىن جەھەتتە ھىندىستاننىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىغان ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ خىتاي ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئورۇن ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇ جايدا غايەت زور مىقداردا تەبىئىي بايلىق زاپىسى بارلىقىنى، ئەمما يەرلىك خەلقنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىشى سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تۆمۈر مۇشت» ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ئەسەبىيلىك» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» ئامىللىرىنى تۈگىتىش ئۈچۈن شۇ جايدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ چىقىشنى قارار قىلغان ھەمدە مەكتەپ بىلەن قاماقخانا بىر گەۋدىلەشكەن مۇئەسسەسەلەرنى قۇرۇپ چىققان. نۆۋەتتە بولسا مۇشۇ جايلاردا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ چىقىش جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن.

جېررىي شى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۈرمىدە سەككىز ئاينى ئۆتكۈزگەن ئۆمۈربېكنىڭ سەرگۈزەشتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ بىر ساياھەت شىركىتىدە ئىشلىگەنلىكى ۋە «كىشىلەرنىڭ خىتايدىن قېچىپ، ئوتتۇرا شەرققە بېرىشىغا ياردەملەشكەن» دېگەن گۇمان بىلەن سوئال-سوراققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ قازاقىستان پۇقراسى بولۇشىغا قارىماي «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ جايدا ئۈچ ھەپتە «قايتا تەربىيە» ئالغانلىقىنى بايان قىلدى.

جېررىي شى بۇ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نىڭ ھەم تۈرمە ھەم پسىخىكىلىق بېسىم ئورنى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ھەققىدە سورالغاندا بۇ جايلارغا قامالغان كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە مىللىي كىملىك چۈشەنچىسىنى يوقىتىش، شۇنىڭدەك ئۇلارغا خىتاي دۆلىتىگە بولغان «ۋەتەنپەرۋەرلىك» ۋە «ساداقەت» تۇيغۇسىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن مەجبۇرىي يوسۇندا توختىماستىن قىزىل ناخشا ئوقۇش، شوئار توۋلاش، ئۈزۈندە يادلاش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نەقەدەر «ئۇلۇغ» ئىكەنلىكى، بۇ نامرات رايوندىكى خەلققە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ بولسا قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكى دېگەنلەرنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ھالبۇكى، جېررىي شى ئۆمۈربېكنىڭ كەچۈرمىشى ئاساس قىلىنغان زور ھەجىملىك ئاخبارات ئەسىرىنى يېزىش جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىدىن بۇ خىل «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە سوئال سورىغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ خىلدىكى مۇئەسسەسەلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ باشقا خىتاي پۇقرالىرىغا ئوخشاشلا ئاساسىي قانۇندىكى ھەق ۋە ھوقۇقلاردىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. يەنە بەزىلەر بولسا بۇنىڭ خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشلىرى» ئىكەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر مەزكۇر رايوندا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ئورنىتىش، نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەجىر قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان.

سۆھبەت جەريانىدا جېررىي شى ئۆمۈربېككە ئوخشاش سان جەھەتتە تولىمۇ ئاز بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ دەسلەپ ئۆزلىرىنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى قاباھەتلىك كەچۈرمىشلىرىنى ئاخبارات ساھەسىگە ئاشكارىلاشتىن ئەنسىرىگەنلىكىنى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تامام ئاشۇ خىلدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن ئەمدى تارتىشقۇدەك ھېچنەرسىنىڭ قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بۇ ئىشلارنى تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلاشنى قارار قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ تولىمۇ دانا بىر قارار بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى نۇرى تۈركەل بۇ خىلدىكى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ يېڭى ھادىسە ئەمەسلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ قاباھىتىدىن ئۇيغۇرلار ۋە تاشقى دۇنيانىڭ ئويغىنىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا كۆز-كۆز قىلىۋاتقان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنى ئەمەلىيەتتە «دىنغا، مىللىي تىل-يېزىققا ۋە مىللىي كىملىككە قارشى ئۇرۇش» قا ئايلاندۇرۇشىدىكى بىر مۇھىم ۋاسىتە بولماقتا ئىكەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
rahile-dawut-illustration.jpg
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.