ئۇيغۇر موللا-ئۆلىمالىرى قۇرغان جۇمھۇرىيەت
2020.11.13
بۈگۈن 12-نويابىر، ئۇيغۇرلارنىڭ موللا-ئۆلىما داھىيسى سابىت داموللام قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىكىدە 1933-يىلى بىرىنچى جۇمھۇرىيەت، يەنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان كۈن. بۇ جۇمھۇرىيەت دۇنيا تارىخىدا موللا-ئۆلىمالار قۇرغان تۇنجى دېموكراتىك دۆلەت بولۇپ، پادىشاھلىق ئومۇملاشقان مۇسۇلمان دۇنياسىدا پرېزىدېنت دۆلەتكە سىمۋوللۇق قىلىدىغان، باش مىنىستىر ھۆكۈمەتنى سايلىغۇچى خەلققە ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان تۈزۈم قوللانغان. سابىت داموللام باش ۋەكىل، خوجانىياز ھاجى جۇمھۇر رەئىس دېيىلگەن. جۇمھۇر رەئىس دېگەنلىك خەلقنىڭ بېشى دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ 30 ماددىلىق ئاساسى قانۇنى تۈزۈپ چىقىلغان.
بىرىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان قەشقەردە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيەنىڭ كونسۇلخانىلىرى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ۋاكالەتچى ئورگانلىرى بار ئىدى. دۆلەت رەھبەرلىرىمىز ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت ئېلان قىلغان، ئۇلار بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشقان. مەسىلەن، خوجانىياز ھاجى ئەنگلىيە پادىشاھىغا مەكتۇپ يوللىغان، شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ باسمىخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ گېزىت-ژۇرنال نەشر قىلدۇرغان، ھۆكۈمەتنىڭ ئارخىپ-ماتېرىياللىرىنى تۈپلەتكەن، ھۆججەت ۋە پەرمانلىرىنى باستۇرغان.
بىرىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا ئاساسى قانۇندا كىشىلەرنىڭ پىكىر، ئېتىقاد، يىغىلىش، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. دۆلەت پۇلى باستۇرۇلغان ۋە پاسپورت تارقىتىلغان. شۇ دەۋردە شىۋېتسىيەنىڭ قەشقەر، ياركەنت، يېڭىساردا ۋە كۇچادا تۇرۇشلۇق خرىستىئان دىن تارقاتقۇچىلىرى ئەركىن پائالىيەت قىلغان. ئۇلارنىڭ مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە چېركاۋلىرى نورمال پائالىيەتنى داۋام قىلغان. شىۋېتسىيەلىك دىن تارقاتقۇچىلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانى ۋە مىللىي مۇداپىئە مىنىستىرى مەھمۇت مۇھىتى ھاياتى خەۋپتە قېلىپ ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانغاندىن كېيىن قوغداشسىز قېلىپ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان.
بىرىنچى جۇمھۇرىيەت دۆلەتنىڭ ئىدېئولوگىيە ئاساسىنى ئىسلامىيەت، ئازادىيەت (ئەركىنلىك)، ئادالەت ۋە ئۇخۇۋەت (قېرىنداشلىق) دېگەن تۆت سۆزگە يىغىنچاقلىغان. بۇ تۆت سۆزگە مۇجەسسەم بولغان ئىدىيە دۇنيادىكى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىمىغان شەكىلدە مەۋجۇت. مەسىلەن، بۈگۈنكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى بارلىققا كەلگەن فىرانسىيەدە نەچچە قېتىم قان تۆكۈلۈپ، خەلق قايتا-قايتا قوزغىلىپ قۇرغان جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسى ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق بولغانىدى.
بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ پىكرىي ئاساسى بولغان ئىسلامىيەت شەرقىي تۈركىستاندىكى غوللۇق خەلقنىڭ ئاللا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتكۈزسە، ئازادىيەت، ئادالەت، قېرىنداشلىق دېگىنىمىز پۇقرا بىلەن دۆلەتنىڭ، پۇقرا بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ۋە پۇقرا بىلەن پۇقرانىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىزاھلايدۇ. پۇقرالارنىڭ ئازادىيىتى، يەنى ھۆرلۈكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. پۇقرانىڭ ئازادىيىتى ھەرقانداق باھانە بىلەن دەخلىگە ئۇچرىسا ياكى ھۆكۈمەت پەرقلىق جىنس، قوۋم ۋە پىكىردىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرلۈكىنى ھىمايە قىلىشتا پەرقلىق يول تۇتسا، ئادىل ھەرىكەت قىلمىسا، خەلق ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل ئىشلەيدىغان سوتقا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
بىرىنچى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا بەلگىلەنگەن ئىسلامىيەت، ئازادىيەت، ئادالەت ۋە قېرىنداشلىق دېگەن بۇ تۆت پرىنسىپ تېخىمۇ كەسكىن، مۇرەسسە قىلغۇسىز ۋە ئىختىلاپسىز شەكىلدە ئايەتلەر ئارقىلىق دەلىللەنگەن. بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان ئۆلىمالار دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئايەتلەر بىلەن ھەقلىقلەشتۈرگەن. جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى كوللېكتىپ چۈشكەن رەسىمنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئايەتلەر سۈرە نىسادىن ئېلىنغان بولۇپ:
«شۈبھىسىزكى، ئاللا سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادالەتلىك بولۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئاللا سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى! ئاللا ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. (سۈرە نىسا 58-ئايەت)» دېگەن ئايەت نەقىل قىلىنغان. بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيەت پىرىنسىپىنىڭ ئادالەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇنىڭدىن دۆلەتنىڭ دىنى بارلىق دىنلارنى قوغدايدىغان تەرەپسىز ئادالەت دېگەن چۈشەنچىنى خۇلاسىلەش مۇمكىن.
بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسى قانۇنىدا ئۈچ ھوقۇق ئايرىلغان بولۇپ، مىللەت مەجلىسى قانۇنلارنى تۈزۈشكە، مىنىستىرلارنى تەستىقلاشقا، قارارلارنى كېڭەش قىلىشقا مەسئۇل. مىنىستىرلاردىن تۈزۈلگەن ھۆكۈمەت قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا، دۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇشىغا، خەلقنىڭ تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆتەپ، ھەر خىل ھەق ۋە ئەركىنلىكلەردىن بەھرىمەن بولۇشىنى قوغداشقا مەسئۇل. سوت بولسا پۇقرا بىلەن پۇقرا، پۇقرا بىلەن ھۆكۈمەت ۋە پەرقلىق مەمۇرىي بىرلىكلەر ئارىسىدا كۆرۈلگەن قانۇنسىزلىقلارغا ھۆكۈم قىلىشقا مەسئۇل. قانۇن چىقىرىش، قانۇننى ئىجرا قىلىش ۋە قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ھوقۇقنىڭ بىر-بىرىنى تىزگىنلەش پىرىنسىپىنىڭ ئاساسى ئادالەت بولۇپ، بۇ قۇرئانى كەرىمىنىڭ سۈرە نەھىلدىن ئېلىنغان، دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىغا يېزىلغان مۇنۇ ئايەت بىلەن دەلىللەنگەن: «ئاللا ھەقىقەتەن (كىشىلەر ئارىسىدا) ئادىل بولۇشقا (بارلىق خەلققە)، ياخشىلىق قىلىشقا، خىش-ئەقرىبالارغا سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. قەبىھ (سۆز-ھەرىكەتلەر) دىن يامان ئىشلاردىن ۋە زۇلۇم قىلىشتىن توسىدۇ، نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن دەپ ئاللا سىلەرگە پەند-نەسىھەت قىلىدۇ. (سۈرە نەھل 90-ئايەت)»
1933-يىلى 12-نويابىر ئۇيغۇرلارنىڭ جاھان كۆرگەن ئۆلىماسى، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ياراملىق ئىزباسارى سابىت داموللام ۋە ئۇنىڭ پىكىرداش، قۇرداشلىرى قۇرۇپ چىققان جۇمھۇرىيەت شۇ دەۋردىكى مۇسۇلمان دۇنياسى ئەمدىلا ئاڭلاشقا باشلىغان بىر يېڭى تۈزۈم ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئېلان قىلغان ئاساسى قانۇنى، يولغا قويغان دىپلوماتىيەسى، ئەمەلگە ئاشۇرغان دېموكراتىك پرىنسىپلىرى، ۋە بەش ئايلىق مەۋجۇتلۇق جەريانىدىكى سىياسەتلىرىگە قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرغا يېڭى بىر دۆلەتچىلىك تەپەككۇرى ئاتا قىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. شۇڭا 1944-يىلى ئىككىنچى قېتىم قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتمۇ ئەجداد ئىزىدىن مېڭىپ بىرىنچىسىدىن تېخىمۇ مۇكەممەل بىر جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ چىققان. تۇنجى قېتىملىق تەجرىبىنىڭ شاراپىتى بىلەن ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت كېيىنكىلەرگە دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇلىنى ھازىرلاپ، مىڭلىغان كىشىلەرنى دېموكراتىك ئاڭ، زامانىۋى تەپەككۇر ۋە يېڭىچە بىلىم بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىققان. شۇڭا ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتتە شەرقى تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى، ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى ۋە خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسىگە ئوخشاش پارتىيە-گۇرۇھلار قۇرۇلۇپ سىياسىي كۈچلەر كۆپ قۇتۇپلاشقان.
سېلىشتۇرىدىغان بولساق ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەردە موللىلارنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇشى 1979-يىلى بولدى. موللىلاردىكى جۇمھۇرىيەتچىلىك پىكىرى پادىشاھلىق تۈزۈمىدە ياشاۋاتقان ئىراندا ئەمەلگە ئاشتى. ئۇيغۇر موللا-ئۆلىملار جۇمھۇرىيەت قۇرغاندىن 56 يىل كېيىن ئىراندا موللىلار دېموكراتىك دۆلەت قۇردى. ئىراندا قۇرۇلغان بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمىمۇ ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دېيىلدى. ئەمما دۆلەتنىڭ ئىسمى ئىسلام بولغان بولسىمۇ بۈگۈن بۇ دۆلەت ئىسلامنىڭ روھىغا ئەمەس تەلۋىلىكنىڭ ئەرۋاھىغا سىمۋول بولۇپ قالدى. ھازىرقى ئىران دۇنيادا ئىنساننى دارغا ئېسىش، تىرىك كۆمۈش قاتارلىق ئىنسانلىققا زىت جازالارنى يولغا قويۇپ ئىسلامغا قارا سۈركەشتە ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ قالدى. ئىراقنىڭ موللا-ئۆلىمالىرى 2014-يىلى خەلىپىلىك قۇرۇپ جاھالەتلىك زاماندىن قالغان قۇل بازىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، قارشى پىكىرلىكلەرنى دارغا ئاستى، ھەتتا ئەسىرلەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ جازالىدى. مۇشۇلارنى ئويلىغاندا ئۇيغۇر ئۆلىمالار 87 يىل بۇرۇن يەتكەن تەپەككۇر پەللىسىنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلاردەك جۇمھۇرىيەت قۇرغان موللا ئەجدادلىرى بولمىغان قوشنا مىللەتلەرگە قارىساق، ئۇلارنىڭ دېموكراتىيەنى ھەزىم قىلىشتا قانچىلىك قىينىلىۋاتقانلىقى، قانداق قانلىق بەدەللەرنى تۆلەۋاتقانلىقى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. قوشنىمىز ئافغانىستان ۋە ئىراققا ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىنغان دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى، ئەركىن سايلام ئۇلارنى مەمنۇن قىلماقتا يوق، تېخىمۇ ئېغىر ۋەيرانلىق ۋە پەرىشانلىققا سۆرەپ كىرمەكتە، چۈنكى ئۇلاردا بىزدەك موللا-ئۆلىمالىرى ئۆزى چۈشىنىپ، ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرغان دېموكراتىك تۈزۈم بولۇپ باققان ئەمەس.
بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان ئۇيغۇر موللا-ئۆلىمالار ئاچقان يول ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى 13-ئۆكتەبىر ئىستىلا قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئۆلىمالار قوراللىق قارشىلىق، پىكىرى تاقابىللىق ۋە دىندىكى ئىلغارلىقنىڭ بايراقدارلىرى بولدى. مەسىلەن، خىتاي ئىسلاھاتقا يول ئاچقاندا قەشقەردە تىل-تېخنىكوم مەكتىپى قۇرغانلار ئابلىمىت داموللام باشچىلىقىدىكى قەشقەر ئۆلىمالىرى بولدى. 2012-يىلدىن كېيىنكى ئانا تىلنى قوغداش دولقۇنىدا ئارتۇچ، خوتەن، غۇلجا، ئاقسۇ ۋە كورلا ئۆلىمالىرى ئەڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قۇرۇلتاي ئەنئەنىسىنى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ ئىپتىدائىي شەكلى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىسلامغا مۇيەسسەر بولغاندىن كېيىن كېڭەش تۈزۈمىنىڭ بولغانلىقىنى «قۇتادغۇبىلىك» تىن بايقايمىز. قۇرۇلتاي ۋە كېڭەش بۈگۈن دېيىلىۋاتقان پارلامېنتنىڭ بىخلىرى دېيىشكە بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۆلەتنىڭ تەختىنى ئۈچ پۇتلۇق قىلىپ تەسۋىرلىشىنى بۈگۈنكى ئۈچ ھوقۇقنىڭ ئايرىلىش پىرىنسىپىغا تەققاسلاش مۇمكىن. ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىدە جۇمھۇرىيەتچىلىكنىڭ بىخلىرى ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولغاچقا ئۇيغۇر موللىلار تارىختا دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئالىدا مېڭىپ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر موللىلار زامانىۋى پەننى مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭمۇ باشلامچىلىرى بولغان. ئۇلار ۋەتىنىمىزدە پەننى مائارىپنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىققان. مەسىلەن، قەشقەردە مەدرىسىلەرنىڭ مەكتەپ قىلىنغانلىقى، قاغىلىقتا داڭلىق تېبابەتچى ۋە مۇدەررىس تەجەللىنىڭ ئۆيىدە خىمىيە تەجرىبىسى ئىشلىگەنلىكى خاتىرىلەنگەن. بۇنداق ئەنئەنىنىڭ سەۋەبلىك، خىتاي ئىسلاھاتقا ماڭغان يىللاردا قەشقەردە ئابلىمىت داموللامنىڭ باشچىلىقىدا دۇنياۋى چوڭ تىللار ۋە زامانىۋى تېخنىكىلارنى ئۆگىتىدىغان مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىمۇ ئەسلا ھەيران قالارلىق ئەمەس.
«يول بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ مەھمۇت قەشقەرى. بۈگۈن بىز موللا بوۋىلار قۇرغان جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلىگىنىمىزدە، ئۇلار بەرپا قىلغان يولدىن پەخىرلىنىمىز. ئۇلار تەشەببۇس قىلغان زامانىۋى مائارىپ، زامانىۋى تۈزۈم ۋە ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان تەرەققىياتقا ئۇيغۇن ئىدېئولوگىيەنى مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ماڭىدىغان يولىمىز ئايدىڭلىشىدۇ. خۇددى بۇندىن 87 يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى موللا ئالىم، ئىلىم ئەھلى ۋە تەپەككۇر ساھىبلىرىنىڭ ماڭغان يولى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا چىراغ ياققاندەك، بۈگۈنكى ئۆلىمالارنىڭ زامانغا ئۇيغۇن، تەرەققىياتقا ماس، دۇنياۋى يۈزلىنىشكە جىپسىلاشقان تەبلىغ ۋەز ۋە تەشەببۇسلىرىمۇ مىللەتنى شۇنداق يورۇقلۇققا باشلايدۇ دەپ ئىشىنىمىز.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.