پائاليەتچىلەر: مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى خاتىرىلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ
2022.08.31

ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس-گىرىنفېلد (Linda Thomas-Greenfield) «مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىش» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 2022-يىلى 30-ئاۋغۇست بەرگەن باياناتىدا، مەخسۇس خىتاينى ب د ت نىزامنامىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
باياناتتا ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان لىندا توماس-گىرىنفېلد خانىم «بولۇپمۇ بۇ يىل ب د ت نىڭ شىنجاڭدىكى ئىنسانىي ھوقۇق توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقىنىمىزدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن خاتا قولغا ئېلىنغان ۋە غايىب بولغان سانسىزلىغان ئۇيغۇرلارنى ئويلايمەن» دېگەن.
ئۇ شۇنداقلا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ» دەپ ئېنىق بىلدۈرگەن.
ئامېرىكانىڭ دائىم كىشىلىك ھوقۇقنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن لىندا توماس-گىرىنفېلد خانىم يەنە «بىز دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى مەجبۇرىي غايىب بولۇش دېلولىرىنى ئىشەنچلىك ۋە ئوچۇق-ئاشكارا تەكشۈرۈپ، جىنايەتچىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرىمىز» دېگەن.
بۈگۈنكى «خەلقئارالىق مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىش» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرە كۈنىدە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن باياناتلار ئېلان قىلدى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 30-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىشى ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمى» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس خانىم باياناتىدا: «ھەدەمنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىنىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمنى يوقىتىش ئۈچۈن قوللانغان زۇلۇم، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى. گۈلشەن ئابباس شى جىنپىڭنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ بىگۇناھ قۇربانى. ئىشىنىمەنكى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تېخىمۇ چوڭ دۇنيا ھەدەمگە ئوخشاش بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە مىليونلىغان كىشىلەر ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. بۇ ئېغىر ناھەقچىلىكلەرگە سەل قاراش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ۋەھشىيلىككە قارشى ھەرىكەت قىلىش غايىب بولغانلارنىڭ ھاياتىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى رەت قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ» دېگەن.
رۇشەن ئابباس خانىمنىڭ ھەدىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىم، 2018-يىلىدىن بۇيان خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ غايىب قىلىۋېتىلگەن ۋە ئىككى يىلدىن كېيىن 20 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەنگەنىدى.
خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان چوڭ تۇتقۇنىدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور تاشپولات تېيىپ، پروفېسسور راھىلە داۋۇت، ئاتاقلىق ژۇرنالىست، تەھرىر قۇربان مامۇت، يازغۇچى يالقۇن روزىغا ئوخشاش مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، يەنە مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇددەتلىك ياكى مۇددەتسىز تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ تا بۈگۈنگە قەدەر، ھېچ قانداق ئىز دېرىكى يوق.
8-ئاينىڭ 30-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار كۈنى قىلىپ بېكىتىش ئارقىلىق، ھەر يىلى بۇ خاتىرە كۈندە، بۇ رەزىل جىنايەتكە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا قاراشلىق بولغان «مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىش مەسىلىلىرى» خىزمەت گۇرۇپپىسى، 1980-يىلى قۇرۇلغان. بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى-ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم مېخانىزمى، ئۇلار ھەر كۈنى يېڭى دېلولارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىلگىرى بىر قىسىم غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭمۇ، توختىماي بۇ كومىتېتقا ئەرز يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن غايىب ئائىلە ئەزالىرىنى سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچى رەيھان ئەسئەت، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 6 يىلدىن بۇيان مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنى مۇشۇنداق خاتىرە كۈندىلا ئەمەس، بەلكى ھەر كۈننى ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئاتاپ ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رەيھان ئەسئەت بۈگۈنكىدەك دۇنيادا ئەڭ زور دەرىجىدە غايىب قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ب د ت نىڭ «مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش مەسىلىلىرى» خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئوخشاش ئالاقىدار ئورگانلارغا خىتاب قىلىپ: «ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىز دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا، خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقىدا غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنى جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش كېرەك» دېدى.
بۇ خاتىرە كۈنىدە، خىتاينىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش جىنايىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى قىلالماي كېلىۋاتقان ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى، سۈرەتلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قايتا ئورتاقلاشماقتا. ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان غايىب قىلىۋېتىش جىنايەتلىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە چوڭقۇر يارا پەيدا قىلغانلىقى ئىپادىلىنىپ تۇرماقتا.
تۈركىيەدىكى نۇرسىمانگۈل ئابدۇرېشىت، ئامېرىكادىكى بىر ھەدىسىدىن باشقا، قەشقەر كونىشەھەردىكى بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرى غايىب قىلىۋېتىلگەن ۋە بۇ زۇلۇمنىڭ تەسىرى ھەم ئازابىنى تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگىنىگە 6 يىلدىن ئاشقان نۇرسىمانگۈل 2020-يىلىغا كەلگەندە، تۇتقۇندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىغا 2017-يىلى 13-دېكابىر كۈنى جازا ھۆكۈمى كېسىلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13 يىل، 16 يىل ۋە 19 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانىدى.
نۇرسىمانگۈل «مەجبۇرىي غايىپ قىلىۋېتىش» نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاب قىلىپ: «ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ كۈندە زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ئەسلەپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ خاتىرە كۈنلىرىدىكى ۋەدىلەر ھەرىكەتكە ئايلانمىغان قۇرۇق ۋەدىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇشۇنداق خاتىرە كۈنلىرىنىڭ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش كۈنلىرىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ھەرىكىتىدە، ئەڭ زور كۆلەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-ئەلۋەتتە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ھەققىدە سۆز بولغاندا، خىتاينى بۇ جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتچى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇرلارنىڭ غايىب قىلىۋېتىشكە ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقان بىر توپلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. بىز ئۇيغۇر ئېلىدە 2017 يىلىدىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە لاگېرلارغا قامىلىشى، كەڭ كۆلەملىك تەقىب سىستېمىسى مەجبۇرىي غايىب بولۇش، جىنسىي ۋە روھىي خورلاش ۋە تەن جازاسى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق، خىتاينىڭ سىستېمىلىق زۇلۇملىرىنى كۆزىتىپ، دوكلات تەييارلاپ كېلىۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ.
مايا ۋاڭ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ-كۆلەمدە غايىب قىلىۋېتىلىشىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دېدى: «گەرچە ھازىرچە قولىمىزدا ئېنىق بىر ئىسپات بولمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا سى قاتارلىق ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى يىغىشى، مەجبۇرىي ئورگان كۆچۈرۈش توغرۇلۇق شىكايەت ۋە شۇنداقلا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئانالىزلىرىغا ئاساسلانغاندا، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلىشىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئورگان ئالماشتۇرۇشقا باغلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى گۇمانلارنى رەت قىلالمايمىز. شۇنداقلا بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەندىشە قوزغاشقا تېگىشلىك مەسىلە».
مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر يىلى ئوخشىمىغان دىكتاتور دۆلەتلەردە ئادەتتىكى كىشىلەر مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئىز-دېرىكى بولماي غايىب بولماقتىكەن. دۇنيادا كەم دېگەندىمۇ 85 دۆلەتتە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش مەۋجۇت بولۇپ، خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا دۇنيادىكى غايىب قىلىۋېتىشنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ زور كۆلەملىك ھالدا زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنماقتا.